دولقۇن ئەيسا: «مىسىردا غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئۇلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ھالقىلىق رول ئوينايدۇ»

0:00 / 0:00

مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسلىرى ۋە بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپلا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بېسىم ئىشلەتكەندىن سىرت بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرغىچە قايتىپ كېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ئۇلارنى قايتىشقا مەجبۇر قىلغان. مىسىردا ئوقۇۋاتقان، ياشاۋاتقان ئىلگىرى تەخمىنەن 7-8 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ بۇ خىل تەھدىتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم. بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ 7-ئايغىچە كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئامالسىز ۋەتىنىگە قايتقان بولسا، مىسىر ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل ئىيۇلدا باشلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى نىشان قىلغان تۇتقۇن ھەرىكىتىدە 200 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنىپ تۇرا تۈرمىسىگە قامالغانلىقى، يەنە بىر قىسمىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى، ئاز بىر قىسىملىرىنىڭ تۈرلۈك ئاماللار ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەنلىكى مەلۇم ئىدى.

ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن يەنە مىسىردىن قايتىپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا ئايروپىلاندىن چۈشكەن ھامان قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ھەتتا مىسىردىن قايتقان 12 ياشلىق ئەمىرۇللا مەمەتنىڭ نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىپ، سىياسىي تەربىيە ئېلىۋاتقانلىقىدىن باشقا ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ قايتقان دادىسىنىڭ يەتتە يىل كېسىلگىنى، بەش تاغىسىنىڭمۇ قاماقتا ئىكەنلىكىدەك ئەھۋاللار ئاشكارىلانغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىر دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ مىسىردا ياشاۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى، ھەتتا مىسىر تۈرمىسىدە خىتاي خادىملىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىشى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. يېقىندا بۇ ۋەقەگە قارىتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. كۆزەتكۈچىلەر بولسا، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئەگەر جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇلمىغان تەقدىردە، ئۇنىڭ ئۆز قولىنى باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئۇزىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى ھازىرمۇ تۇرا تۈرمىسىدە، بەزىلىرىنىڭ يېقىندا قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بىلەن تەڭ يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ مەلۇم بولماقتا.

ھازىرمۇ مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرى ئۆزىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن، مىسىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى بىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى:يېقىنقى كۈنلەردە بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلار يەنە مىسىردىن قېچىپ تۈركىيەگە كەلگەن بەزى ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ كېلىشكە باشلىدى.

گەرچە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارادىكى ھەر دەرىجىلىك كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، مەتبۇئاتلار مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى ھەققىدە پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، مىسىر تۈرمىلىرىگە قامالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ھەر ۋاقىت خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا.

بولۇپمۇ يېقىنقى كۈنلەردە مىسىر ھۆكۈمىتى تۇرا تۈرمىسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر تۈرمىدە داۋاملىق قامىلىپ ياتقان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇردىن 16 نەپىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنىڭ بولمايۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەقدىرى، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ۋە خەلقئارا مىقياسىدا بۇ ھەقتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 26‏-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر دائىرىلىرىنى مىسىردا غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى دەرھال ئاشكارىلاشقا چاقىردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا، «خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇن-تۈزۈملىرى بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. بارلىق جەريانلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىغا، ئۇلارنىڭ ئادىل مۇئامىلە كۆرۈشىگە ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېگەن. بۇنىڭ ئالدىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە ئېچىلغان 36-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن 20 دەك ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەر يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، دۇنيا دۆلەتلىرىنى نۆۋەتتە مىسىردا داۋاملىق قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا چاقىرغان ئىدى.

بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مىسىردىكى تۇرا تۈرمىسىدىن غايىب بولغان 16 ئۇيغۇردىن باشقا يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇندىن كېيىنلا غايىب بولغانلىقى ھەققىدىكى تولۇقسىز ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىنمۇ يېقىنقى كۈنلەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر كومىتېتى بىلەن مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئۇچرىشىشلا ئېلىپ بارغانلىقى، ئەمما بۇ ئورگانلارنى بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشتە تەپسىلىي مەلۇمات ۋە ئىشەنچلىك ئۇچۇرلار كەمچىل بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى جىددىي بىر ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ياكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە مەتبۇئاتلارنى ئۇچۇر ھەم مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئېتىشنى سورىدى.