مىسىر دائىرىلىرى 2017-يىلى يازدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مىسىردىن قاچقان بولسا، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تۇتۇلغان ئەرلىرى، قېرىنداشلىرى، ياكى بالىلىرىنىڭ خەۋىرىنى ساقلاشقا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن مىسىردا تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئۇلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، نۆۋەتتە قوللىرىغا پەقەت خىتايغىلا قايتىپ كېتىشكە بولىدىغان «كۆك پاسپورت» تۇتقۇزۇلغان بۇ ئۇيغۇرلار مىسىردىن باشقا دۆلەتكە سالامەت كېتىشكىمۇ ئامالسىز تەشۋىش ئىچىدە تۇرماقتا ئىكەن.
ھازىر مىسىردا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن يىلى يازدىن بۇيان ئىزتىراپتىن قۇتۇلالمىغانلىقى مەلۇم. مىسىردا ئۇزۇن يىل تۇرغاندىن كېيىن، بۇلتۇر يازدا تۇتقۇندىن قېچىپ ياۋروپاغا كەلگەن رەيھان خانىمنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مىسىر دائىرىلىرى يەنە ئۆي ئاختۇرۇپ، ئادەم تۇتۇۋاتقانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن قاھىرەدە قالغان تونۇشلىرى تەشۋىشلىنىشكە باشلىغان. ئەمما ئۇلار قورقۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك دەردىنى ئاڭلىتىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان.
تۇتقۇندىن بۇرۇن مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەتراپى ۋە قاھىرەدىكى 7-رايوننى مەركەز قىلغان جايلاردا ئازكەم 6 مىڭچە ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېجىرىشنى نىسبەتەن ئاسانلاشتۇرغان يېقىنقى ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدە مىسىرغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇلتۇر يىل بېشىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قايتۇرۇپ كېتىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.
بۇلارنىڭ قايتىپ كەتكەنلىرى خىتايدا تۈرمىگە تاشلانغان بولسا، قالغانلىرى بۇلتۇر 4-ئىيۇل بىر كېچىدە مىسىر ساقچىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇنىغا ئۇچرىغان. تۇتقۇنغا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭمۇ ھەمكارلاشقانلىقى، تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەتتا خىتاي ئەۋەتكەن ئۇيغۇر ساقچى خادىملارنىڭ سوراققا تارتقانلىقىدەك ئۇچۇرلار، مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى سىياسىي ئويۇن ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت گۇمانلارنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقارغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مىسىرنىڭ ئەسكەر ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى بىر كېچىدە تىنچىتقان 7-رايوندا ھازىر بىر-ئىككى، 8-رايوندا يەنە بىر قانچە ئۇيغۇر ئائىلىسى ياشايدىكەن.
ئەمما، يېقىنقى كۈنلەردە مىسىر ساقچىلىرى بۇ جايلاردىكى خىتاي پاسپورتى بارلارنى نىشان قىلىپ ئاختۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ مەھەللىلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن قۇتۇلۇش يولىنى ئىزدەشكە ئۆتكەنلىكى مەلۇم.
بۇ ھەقتە مىسىردىن مەلۇمات بەرگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مىسىردا ئۆتكەنكى قېتىملىق تۇتقۇندىن قېچىپ قۇتۇلغىنى بىلەن مۇبادا، بۇدا تۇتۇلۇپ قالسا، خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ئېنىق ئىكەنلىكى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چۈنكى ھازىر ئۇنىڭ قولىدا خىتاي ئەلچىخانىسى بەرگەن «كۆك پاسپورت» تىن باشقا نەرسە يوق بولۇپ، بۇ «كۆك پاسپورت» مۇ ئۇ يېقىندا ئىقامىتىنى ئۇزارتىشقا كېرەكلىك رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن خىتاي كونسۇلىغا بارغىنىدا، خىتاي كونسۇلخانىسى پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تۇتقۇزۇپ قويغان خىتايغا قايتىپ كېتىش يول خېتى ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ «كۆك پاسپورت» بىلەن مىسىر چېگراسىدىن پەقەت خىتايغىلا قايتىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدىكەن، مىسىردا تۇرۇش ۋىزىسىنى ئۇزارتىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە، يېقىنقى كۈنلەردە ئۇ تۇرغان 8-رايوندا تۇتۇلغانلار قاتارىدا تۇڭگان ۋە خىتايلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىقامەتلىرى تولۇق بولغانلىرى قويۇپ بەرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر ئۇيغۇرلار تۇتۇلغان تەقدىردە ھەرگىز قۇتۇلۇپ چىقالمايدىكەن. چۈنكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇلتۇردىن باشلاپ پاسپورت ۋە ئىقامەت رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشكە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇلارنىڭ قولىغا پەقەت ئۆزىگە بېرىلگەندەك «كۆك پاسپورت» بېرىپ تار يولغا قىستىغان. «بىر ھەپتە ئىچىدە مىسىر چېگراسىدىن چىقىپ كېتىشى شەرت» دەپ تامغا بېسىلغان بۇ خىل «كۆك پاسپورت» بىلەن مىسىردا تۇتۇلغانلارنىڭ قانۇنسىز سانىلىپ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالى زور ئىكەن.
ھەتتا ھازىر مىسىردا قېچىپ، يوشۇرۇنۇپ يۈرگەنلەر ئارىسىدا ئاياللار ۋە يېشى كىچىك بالىلارمۇ بار بولۇپ، ئىككى بالىسىنى ئېلىپ قاھىرەدىن قېچىپ ئىسكەندېرىيەگە كەلگەن شۇنداق بىر ئانا ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ بەكمۇ قورقۇۋاتقانلىقىنى، بالىلىرىنىڭ قولىدا پەقەت «كۆك پاسپورت» لا بولغاچقا تەشۋىش ئىچىدە قالغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇلتۇر يازدىكى دولقۇندا تۇتقۇنغا ئۇچراپ تۇرا تۈرمىسىگە قامالغان 100 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنىڭ مىسىردا قانۇنلۇق تۇرۇش رەسمىيەتلىرىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ زادى نېمە جىنايەت بىلەن قامالغانلىقى نامەلۇم. بۇلتۇر سېنتەبىردە بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن بەزىلىرى قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 16 ئوقۇغۇچىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق. ھەتتا بەزى مەنبەلەردە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان، تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يۇرتىغا قايتىشقا زورلىشى ۋە مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشى بېسىققاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما قايتماي داۋاملىق مىسىردا قالغانلارنىڭ پاسپورتىنى يېڭىلاپ بەرمەسلىكى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ مىسىردا تۇرۇشتا زۆرۈر رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بەرمەي كېلىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.
خىتاينىڭ مىسىرلا ئەمەس تۈركىيە ۋە دۇبەي ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان، ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ھېلىھەم ھەر تۈرلۈك چارە قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇلتۇردىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق قايتۇرۇپ كېلىشكە ئۇرۇنغاندىن سىرت، ھەتتا ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى ئۇزارتىش ياكى يېڭىلاش مۇلازىمىتىنى بېجىرىپ بەرمەي، ئۇلارنى ئامالسىز قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى قاتتىق قامال ئاستىغا ئالغان بىر ۋاقىتتا، ئەمدىكى نىشانىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك مىللىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشكىمۇ قاراتماقتىكەن.
خىتاي «خەلق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 11-فېۋرال كۈنى مەخسۇس «چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى» يىغىنىنى چاقىرغان بولۇپ، يىغىندا چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇش ۋە ئىدىيىۋى تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسى ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇەنگو چەتئەللەردىكى بۆلگۈچىلەرگىمۇ زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.