مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا كەڭ يەر ئېلىۋاتقاندا شۇ قېتىملىق قولغا ئېلىشتا زور ساندىكى تۇڭگان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەمدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەزىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلىرى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن بىرەر ئايچە ئىلگىرى مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئىز بېسىپ قولغا ئېلىشى ئۇزاق ئۆتمەيلا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. گەرچە شۇ قېتىملىق زور كۆلەملىك قولغا ئېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مىسىردىن باشقا دۆلەتلەرگە قېچىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان بولسىمۇ يەنە ئىككى يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ھازىرمۇ مىسىر تۈرمىلىرىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا.
ئەنە شۇ قاتاردا قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم تۇڭگان ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ بارلىقى «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ 1-ئاۋغۇستتىكى ئوچۇق مۇراجىئەتنامىسىدە تەكىتلەنگەندىن كېيىن، بۇ ئەھۋاللار ھەققىدىكى بەزى تەپسىلىي ئۇچۇرلار شۇ قېتىملىق تۇتقۇندا قولغا ئېلىنغان تۇڭگان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ۋاستىچىلىكىدە بىزگە مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.
ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتاي پاسپورتى بىلەن ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا تىزىمغا ئالدۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئىككى مىڭغا يېقىن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۇڭگانلار ئىكەن. تۇڭگانلاردىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئۇيغۇرلار ئىكەن. نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ جورجىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانت، تۇڭگانلاردىن يېتىلىپ چىقىۋاتقان ئاكتىپ تور يازغۇچىلىرىدىن سۇلايمان يىگۇ (Sulaiman Yigu) مىسىردا شۇ قېتىملىق تۇتقۇنغا گۇۋاھ بولغان شاھىتلاردىن ئۆزىگە بىۋاسىتە يېتىپ كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھازىر مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئەللىكتىن ئارتۇق تۇڭگان ئوقۇغۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئالغا سۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شۇنداق. ھازىر تەخمىنەن 60-70 تۇڭگان ‹خۇيزۇ› ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۇتۇلغان مەزگىللەردە قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم. بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنىگە بۈگۈن يىگىرمە نەچچە كۈن بولۇپ قالدى. يەنە بىر قىسىم تۇڭگان ئوقۇغۇچىلار شۇ قېتىمقى تۇتقۇندا ‹بىز ياپونىيەلىك› دېيىش ئارقىلىق ئامان قاپتۇ. مەن ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى پۈتۈنلەي بىر خاتالىق، دەپ قارايمەن. شۇڭا ھازىر بىز مىسىر تەرەپنىڭ بۇ تۇڭگان ئوقۇغۇچىلارنى قويۇۋېتىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. ئالاقىدار تەرەپلەر ئۇلارنى قولغا ئېلىشنىڭ خاتا بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق ئۇلارنى ھازىرمۇ تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.»
بىز بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورت ياكى ۋىزا سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان ئېھتىمالىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا سۇلايمان يىگۇ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىسىرغا قانۇنلۇق خىتاي پاسپورتى بىلەن كىرگەن تۇڭگانلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇلاردا ئۇ خىلدىكى ۋىزىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش ياكى پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشۇپ كېتىش دېگەندەك ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى مىسىردىن ماڭا يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان بىرەيلەن تېخى يېقىندا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، شۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە بۇ تۇڭگانلار ئۇيغۇرلار تۇتۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا قولغا ئېلىنىشقا باشلىغان. شۇ ۋاقىتتا مىسىر ساقچىلىرى ‹خىتاي› چىراي ئادەملا بولسا ھەممىسىنى قارا-قويۇق تۇتۇپتۇ. ۋىزىسىدا ھېچقانداق چاتاق بولمىغان نورمال ئوقۇغۇچىلارنىمۇ تۇتۇپتۇ. شۇ ۋاقىتتا قولغا ئېلىنغانلار ئۆزلىرىنى تۇتۇشقا كەلگەن مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئارىسىدا خىتايچە سۆزلەۋاتقان ساقچىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇڭا بۇ يەردە ۋىزىغا دائىر ھېچقانداق مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس.»
مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئىچىدە خىتايچە سۆزلەيدىغان ساقچىلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىلا ئەمەس، تۇڭگانلارنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرغان ئىشلارنىڭ بىرى بولغانلىقى مەلۇم. سۇلايمانغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى شۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك قولغا ئېلىشتا «مىسىر خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. سۇلايمان بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ شۇنداق بولغان ئىش ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئارىسىدا خىتايچە سۆزلىيەلەيدىغان خادىملارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى بىلەن بىرگە ئۇ ساقچىلارنىڭ قولىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكى، تېلېفون نومۇرلىرى، ئۇلارنىڭ قەيەردە ئولتۇرىدىغانلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەييار ئىكەن. شۇڭا ساقچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىشى بەكمۇ تېز ۋە دەل ئىشقا ئېشىپتۇ. ھەممە ئىشلار ساقچىلارنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە تولۇق مەلۇماتلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مىسىردىن بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگۈچى ماڭا مىسىردىكى ‹خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى› دىن گۇمان قىلىۋاتقانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارغا دائىر بۇ ئۇچۇرلارنى شۇلارنىڭ مىسىر ساقچىلىرىغا بەرگەن بولۇشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىنلىقىنى دەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، شۇ قېتىملىق تۇتقۇندا ئۇنىڭ بىر دوستى قولغا ئېلىنغان ئىكەن. بۇ نېمە ئىشكەن دېسىڭىز، ئۇ شۇ ۋاقىتتا بىر قېتىملىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىنغان ئىكەن. پائالىيەت ئەسلىدە بىر باغچىدا بولىدىكەنتۇق، ئۇ شۇ يەرگە بارغاندا باغچىدا كۈتۈپ تۇرغان مىسىر ساقچىلىرى ئۇنىڭ دوستىنى تۇتۇپ كېتىپتۇ. ئۇ بۇ ھەقتە بەكمۇ تەپسىلىي توختالمىغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ قېتىملىق زور كۆلەملىك قولغا ئېلىشنىڭ ئارقىسىدا ‹خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى› نىڭ قولى بارلىقىدىن قاتتىق گۇمانلىنىدىغانلىقىنى دەۋاتىدۇ.»
شۇ قېتىملىق تۇتقۇندىن ئامان قالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ سۇلايمانغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگۈچىنىڭ مەلۇماتلىرىنىڭ چىنلىقىنى دەلىللەيدۇ. يېقىندا مىسىردىن قېچىپ چىققان رازىيە بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىلگىرى بىرنەچچە قېتىم ئويۇن كۆرۈش بېلىتى تارقىتىش ھەققىدە ئېلان چىقىرىلغانلىقىنى، ھەقسىز بېلەت ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورت قاتارلىق گۇۋاھنامىلىرىنى كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنغانلىقى، ئەمما بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئەھۋاللاردىن گۇمانلانغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
بىز سۇلايماندىن ئۇنىڭغا ئۇچۇر بەرگۈچىنىڭ ئۇيغۇر ياكى تۇڭگان ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش ئېھتىمالى بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «ماڭا ئۇچۇر بېرىۋاتقان ئۇ كىشى بىر تۇڭگان بالا. مېنىڭ ھازىر دەۋاتقانلىرىم پۈتۈنلەي تۇڭگانلار ھەققىدىكى ئىشلار، ئۇمۇ بىر تۇڭگان ئوقۇغۇچى. قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلار خىتاينىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىن كەلگەنلەر، يەنى يۈننەن، گەنسۇ، خېنەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەنلەر. ئۇلار شەرقىي تۈركىستان بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئوقۇغۇچىلار، يەنى ئۇلار چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن، يەنە كېلىپ ئۇلار ئۇيغۇرچە بىلمەيدۇ، ئۇيغۇر بالىلار بىلەنمۇ ئارىلاشمايدۇ. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇلارنى ساقچىلار قولغا ئاپتۇ. شۇڭا بۇ زادىلا ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش بولدى، دەپ قارايمەن.»
بىز سۇلايماندىن ھازىر قولغا ئېلىندى، دەپ مەلۇم بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېنىق سانى ھەققىدە مەلۇمات سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قىسمەن سالار، دوڭشياڭ قاتارلىق مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى.«شۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە قولغا ئېلىنغان تۇڭگان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 60-70 ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز ساندا سالار ۋە دوڭشياڭ ئوقۇغۇچىلارمۇ بارىكەن. ئەمما مىسىر ساقچىلىرى تۇتقان بۇ بىر توپ ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا تۇڭگانلار ئىكەن. بۇ ئىشلارغا مانا شۇ تاپتا يىگىرمە كۈندىن ئاشقان بولسىمۇ مىسىر ساقچىلىرىدىن تا ھازىرغا قەدەر بۇ تۇڭگان ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىدۇق. قولغا ئېلىنغانلاردىن قويۇپ بېرىلگەن بىرەرسىمۇ يوق، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغىمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلگىنى يوق. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى نەدىن نەگىچە، بىز بۇ ھەقتە ھېچنەرسە بىلمەيمىز. بىز پەقەت ئۇلار بەلكىم تېررورلۇق گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىۋاتىمىز. شۇڭا ھېچكىممۇ ئۇلارنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى، ئۇلارنى قولغا ئېلىشتا قانداق دەلىل-ئىسپاتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە بىرنەرسە دېيەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا گەپنىڭ قىسقىسىنى ئېيتساق، ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولغۇدەك ھېچنەرسە يوق. دەلىل-ئىسپاتمۇ، قولغا ئېلىش قەغىزىمۇ، جىنايەت ھۆكۈمىمۇ يوق. ئۇلار مۇشۇ يوسۇندا جىمجىتلا غايىب بولۇپ، كۆزىمىزدىن يۈتتى.»
مەلۇم بولۇشىچە ھازىرغىچە قولغا ئېلىنغان تۇڭگان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى مىسىر تۈرمىسىدىكى بۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالىدىن بىخەۋەر بولۇپ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن.