مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن مىسىر ساقچىلىرىنىڭ كەڭ-كۆلەملىك ئېلىپ بارغانلىقىغا بۈگۈن 25 كۈن بولدى.بۇ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار تەمىنلىگەن تىزىملىكتە 200 گە يېقىن ئوقۇغۇچى مىسىرنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا تۇتقۇن قىلىنغان بولسا، ئاز بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار يەنە مىسىرنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە مۆكۈنۈپ تۇرماقتا.
بىزگە ئۇچۇر قىلغان، مىسىرنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە مۆكۈنۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، مىسىر ساقچىلىرىنىڭ يەنە ئۆي ئاختۇرۇشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاختۇرۇلغان ئۆيلىرىگە پېچەت سېلىنغان بولغاچقا، كىرىشكە مۇمكىن ئەمەسلىكى، بەزىلەر رايونلاردا پېچەت سېلىنغان ئۆيلەرگە نەرسىلىرىنى ئالغىلى كېلىدۇ دەپ خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن پايلاقچىلار ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھەمدە بەزى يەرلىك مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيىدە مۆكۈپ تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار پايلاقچىلارنىڭ پاش قىلىشى بىلەن، مىسىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ھەمدە بەزى مۆكۈنۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئۇچۇرلىرىدا ياردەم سوراپ، توپلارغا يوللىغان ئۇچۇرلىرى ئارقىلىقمۇ ئۆز ئورۇنلىرىنى پاش قىلىپ قويۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مىسىرنىڭ مەلۇم شەھىرىدە مۆكۈنۈپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى شاھىت بولغان ئىشلارنى ھەمدە ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋاللىرىنى ئاڭلاتتى.ئۇ سۆزىدە، مىسىردىكى ئۆزىگە ئوخشاش تۇتقۇن قىلىشقا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلغان بارلىق ئۇيغۇرلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇلاردىن ئۆزلىرى ئۈچۈن سالىھ دۇئالىرىنى ئايىماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.
مىسىردا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقان، ئىسمىنى ئاشكارا قىلىشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ياش ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى مىسىرلىق ئۆلىمالاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن، مىسىر بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىقامەت ئېلىش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغان پۈتۈن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلىپ كەتكەنلىكى ، مۆكۈپ يۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشتا مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىمىت ئابلىكىم باشلىق بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقى، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىملىق تۇتقۇن قىلىشتا، ئۆزلىرى كۆزلىگەن ئۇيغۇرلارنى تۇتالمىغانلىقى قاتارلىقلار مەلۇم بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان سىياسىي ئاكتىپلاردىن ئابباس ئەپەندى مىسىردا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مىسىر ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن ساقلىنىشتا دىققەت قىلىشقا دائىر ئىشلار ھەققىدە تەۋسىيەدە بولدى.