مۇھەممەتتوختى دېلوسى ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرى (3)

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، مۇھەممەتتوختى 2003-يىلى 7-ئايدا پاكىستان ئىستىغباراتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن تاكى يېرىم يىلغىچە ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرى بولمىغان.

ئۇنىڭ پاكىستاندا قەپ قالغان ئايالى ۋە ئەمدىلا 7 ئايلىق بولغان ئوغلى شۇنداقلا مۇھەممەتتوختىنىڭ دوستلىرى تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ يۈرۈپ ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىدۇ.

ب د ت نىڭ پاكىستاندىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسى بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسىمۇ پاكىستان ھۆكۈمەت تەرەپتىن مۇھەممەتتوختىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشقا تىرىشىپ كۆرىدۇ. ئابدۇللا باشلىق ئىسلامئابادتىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇھەممەتتوختىغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئۈنۈمى بولمايدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇھەممەتتوختى پاكىستان ئىستىغباراتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ بىرقانچە كۈن ئىچىدىلا مەخپىي ھالدا چېگرا ھالقىغان خىتاي مەخپىي ساقچىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. كېيىنكى ھەپتىسى مۇھەممەتتوختى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا پاكىستاندىن ئۈرۈمچىگە ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئېلىپ چىقىلىدۇ.

2003-يىلىنىڭ ئاخىرى، يەنى ئارىلىقتىن يېرىم يىل ئۆتكەندە مۇھەممەتتوختىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ليۇداۋان تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئېلىنىدۇ. مۇھەممەتتوختىنىڭ ئايالى شۇندىلا پاكىستاندىكى يېرىم يىلغا سوزۇلغان ئېرىنى ئىزدەش ئىشىدىن قول ئۈزىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ قولىدا شىۋېتسىيەنىڭ سەپەر پاسپورتى ھەم شىۋېتسىيەگە قوبۇل قىلىنغانلىق خېتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ۋەتەنگە قايتىشنى قارار قىلىدۇ. مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئېرىگە ئاش-تاماق توشۇپ، نامەلۇم كېلەچىكىنى ۋەتەندە تۇرۇپ كۈتمەكچى بولىدۇ.

شۇنىڭدىن باشلاپ مۇھەممەتتوختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بولمايدۇ. 2006-يىلىغا بارغاندا، ئابدۇللا كۆكيار تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق مۇھەممەتتوختىنىڭ تۈرمىدە ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقى، ئىككى پۇتىنىڭ مېيىپ بولغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىدۇ. ئابدۇللا بۇ خەۋەر ھەققىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئۇچۇر بەرگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇھەممەتتوختىنىڭ كوللېكتىپ كامېردىن يالغۇز كىشىلىك كامىرىغا يۆتكىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

ئارىدىن 10 يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپ، مۇھەممەتتوختىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنامىسى بىلەن ئەيىبنامىسى ئاشكارا بولىدۇ.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى خىتاي سوتى چىقارغان ھۆكۈمنامىدىكى بىر قاتار ئاتالمىش «جىنايەت» لەر بىلەن ئۇ ئۆزى ياخشى بىلىدىغان مۇھەممەتتوختىنىڭ پاكىستاندىكى رېئال ھاياتى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.