ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى پاكىستاندا تۇتقۇن قىلىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن مۇھەممەتتوختى مۇھەممەتروزىدىن بۇ يىل ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلانغان.
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۆزى بىلگەن ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
سوئال: ھۆرمەتلىك ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى، سۆھبىتىمىزنى داۋام قىلساق، ئەڭ يېقىنقى مەزگىلدە مۇھەممەتتوختىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قاچان ئۇچۇر ئالدىڭىز؟
جاۋاب: مەن بۇ ئۇچۇرنى بۇ يىل 7-ئايدا تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ يىل يازدا يەكەن ۋە خوتەنلەردە ئارقا-ئارقىدىن قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى 2003-يىلى پاكىستاندىن تۇتۇپ ئاپىرىپ، 2004-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بەرگەن مۇھەممەتتوختى مۇھەممەتروزىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلىتىپتۇ. يەنى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنغان نۇرگۈل بىلەن مۇھەممەتتوختى ئىككىيلەننى يەكەن ۋە خوتەنلەرگە ئاپىرىپ ئاممىنى يىغىپ تۆۋە قىلدۇرۇپتۇ. «توۋىنامە» 7 بەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈرمىدە ئۆز جىنايەتلىرىگە تۆۋە قىلغانلىقى ھەمدە باشقىلارنىڭ ھەرگىزمۇ بۇ يولغا كىرىپ قالماسلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن جامائەت ئالدىدا دېگۈزۈپتۇ. دېمەك، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىگە لازىم بولغاندا ھەتتا ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان تۈرمىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىمۇ ئۆز تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر قىلغان.
سوئال: مۇھەممەتتوختىنىڭ يەكەن، خوتەنلەردە جامائەت ئالدىدا سۆزلىگەن، يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي دائىرىلىرى سۆز تېكىستىنى يېزىپ تەييارلاپ بەرگەن ئاشۇ «توۋىنامە» سىنىڭ تولۇق تېكىستىنى ئۆزىڭىز كۆرۈپ چىقتىڭىزمۇ؟
جاۋاب: مەن بۇ يىل يازدا ۋەتەندىكى تور بەتلىرىدىن بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر ئالدىم. كېيىن مۇھەممەتتوختىنىڭ نامىدىكى تۆۋىنامىنىڭ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» گە بېسىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر ئاماللار بىلەن ئۇنىڭ كوپىيىسىنى ئالدۇردۇم.
سوئال: ئاشۇ «توۋىنامە»دە دېيىلگەن ئاساسلىق مەزمۇنلار زادى نېمىكەن، مۇھىم نۇقتىلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
جاۋاب: مۇھەممەتتوختىنىڭ «توۋىنامە» سىدە مۇنداق ئىككى نۇقتا تەشۋىق قىلىنىپتۇ. بىرى، ئۇ ئۆزىنىڭ پاكىستاندىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بويىچە باكالاۋرلىق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن يۇقىرى مەلۇماتلىق زىيالىي ئىكەنلىكىنى بايان قىپتۇ. ئاندىن ئۆزىنىڭ دۆلەتنىڭ (خىتاينىڭ دېمەكچى) قانۇن-تۈزۈملىرىنى كۆزگە ئىلماي، يوق ئىشلارغا ئارىلىشىپ ئاخىرى بىر جىنايەتچىگە ئايلانغانلىقىنى ۋە تۈرمىگە قامالغانلىقىنى سۆزلەپتۇ. شۇنداقلا زىيالىيلار ۋە باشقا ئاممىغا خىتاب قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ ھۆكۈمەتكە قارشى بىرەر ئىدىيە ياكى ھەرىكەتكە ئارىلاشماسلىقىنى، بولمىسا ئۆزىگە ئوخشاش جىنايەتچىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپتۇ. ئىككىنچىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ پاكىستاندىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۇقىرى مەلۇماتقا ئېرىشكەنلىكىنى، ھازىر ۋەتەندە ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ھەققىدە تارقالغان تۈرلۈك پەتىۋا ۋە بايانلارنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە يات ئىكەنلىكىنى، بۇ نۇقتىدا ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن ئىماملارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە قۇلاق سېلىش لازىملىقىنى تەشۋىق قىپتۇ.
سوئال: بايا سىزمۇ تەكىتلەپ ئۆتتىڭىز، مۇھەممەتتوختى 2003-يىلى 7-ئايدا، يەنى پاكىستان ئىسلامئابادتىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەن ۋاقتىدا تۇتقۇن قىلىنىپتىكەن. ئەمدى بىز بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇھەممەتتوختى دېلوسى ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمنامىسىگە قاراپ باقايلى. ھۆكۈمنامىنىڭ 1-بەت 1-ئابزاستا مۇنداق دېيىلىپتۇ: «جاۋابكار مۇھەممەتتوختى مۇھەممەتروزى، ئۇيغۇر، 1977-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى خوتەن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىدە، يەنى باشلانغۇچنىڭ 4-يىللىق مەلۇماتىغا ئىگە،» دېيىلگەن. دېمەك، دائىرىلەر مۇھەممەتتوختىنى بۇ يىل يەكەن ۋە خوتەنلەردە ئامما ئالدىدا تۆۋە قىلدۇرغاندا، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا پاكىستاندا باكالاۋرلىق ۋە ماگىستىرلىققىچە ئوقۇغانلىقىنى پەش قىلغان-يۇ، لېكىن 10 يىل بۇرۇنقى سوت ھۆكۈمنامىسىدە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئېتىراپ قىلماي، ئۇنى باشلانغۇچ 4-يىللىق مەلۇماتىغا ئىگە دېيىلگەن. بۇ خىل لازىم بولغاندا ھەممىنى كۆتۈرۈپ چىقىدىغان، بولمىسا ئەڭ ئەقەللىي پاكىتلارغا كۆز يۇمىدىغان بۇ ئەھۋالنى سىز قانداق ئويلىدىڭىز؟
جاۋاب: شۇنداق، بۇ نۇقتىغا سىزمۇ دىققەت قىپسىز. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھەتتمەتتوختىدىن ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن پايدىلىنىشتا ئىنتايىن ئۇستىلىق قىلغان. يەنى 10 يىل بۇرۇن ئۇنىڭ پاكىستاندىكى داڭلىق ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالغان ئالىي مەلۇماتلىرى ۋە ئېرىشكەن ئىلمىي ئۇنۋانلىرىنىڭ بىرىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىغان. ئۇنىڭ سوت ھۆكۈمنامىسىدە ئۇنى باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىق مەلۇماتىغا ئىگە دەپ يازغان. ۋەھالەنكى، شۇنىڭدىن 10 يىل ئۆتۈپ تۈرمىدىكى سىياسىي مەھبۇس مۇھەممەتتوختىدىن پايدىلانماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ پاكىستاندا ئالىي مەلۇمات ئالغان ھەتتا ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بىلىم ئادىمى ئىكەنلىكىنى كۆتۈرۈپ چىققان. بۇ ئارقىلىق بارلىق زىيالىيلار ۋە ئوقۇغان كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى ئىبرەت كۆرسەتمەكچى بولغان. ئەگەردە مۇھەممەتتوختى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن باشقا بىر ئىشقا لازىم بولۇپ قالسا، بەلكىم ئۇنىڭ باشقا ئارخىپلىرىنىمۇ كۆتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن.
سوئال: ئاخىرىدا سورىماقچى بولغىنىم، سىزمۇ ھەم مۇھەممەتتوختىمۇ 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن 2000-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا پاكىستاندا ئوقۇغان ۋە ياشىغان ئۇيغۇرلاردىن ھېسابلىنىسىز. ئەپسۇسكى، مۇھەممەتتوختى ئەينى ۋاقىتتا پاكىستان ئىستىغباراتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغان ۋە ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ بىرى. ئەمدى سىز، مۇھەممەتتوختىنىڭ دېلوسىنى ئەينى ۋاقىتتىكى پاكىستاندا ئوقۇغان ۋە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پاجىئەسى ياكى تراگېدىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارامسىز؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە شۇنداق، مۇھەممەتتوختى 1990-يىللاردىن 2000-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە پاكىستاندا ئوقۇغان، ياشىغان ۋە تىجارەت بىلەن شوغۇللانغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى دۇچ كەلگەن پاجىئەلىك قىسمەتلەرنىڭ بىر مىسالى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن پاكىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان 190 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار پاكىستان بىلەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى خىتايغا قايتۇرۇلۇپ تۈرمىلەرگە تاشلاندى. بىر قىسمى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولدى. پاكىستاندا قەپ قالغانلار دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىغا قېچىپ ئۆز جېنىنى ساقلاپ قالدى. نۇرغۇنلار ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ پاكىستاندىكى ۋە باشقا قوشنا ئەللەردىكى ئىشخانىسىنىڭ پاناھلىق بېرىشى بىلەن ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كەتتى. مۇھەمەتتوختى دېلوسى ئەنە ئاشۇ ئېچىنىشلىق تراگېدىيەلەرنىڭ بىر ئۈلگىسىدۇر.