مۇنەۋۋەرنىڭ ھېكايىسى (1): «ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن نامايىش قىلىمەن!»

0:00 / 0:00

ئامېرىكادا چىقىدىغان «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدىكى سانىدا «ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن نامايىش قىلىمەن» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىل

ماقالە ئاپتورى ھازىر ئاۋسترالىيەدە تېببىي پەنلەر بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى مۇنەۋۋەر شەمسىدىن ئابدۇللا ئىدى.


«دىپلومات» ژۇرنىلى ئامېرىكىدىكى ئوقۇرمەنلىرى بىرقەدەر كۆپ بولغان ژۇرنال بولۇپ، ئۇ ئاسىيا قىتئەسى ۋە باشقا جايلاردا يۈر بەرگەن تۈرلۈك ۋەقەلەر ھەققىدە يېزىلغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئانالىز ماقالىلىرى ۋە باھالارنى ئېلان قىلىش بىلەن كۆپچىلىككە تونۇلغان.

مۇنەۋۋەر ماقالىسىنى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرىغا قاتناشقاندا ھەرۋاقىت ئۆزىنى قىيناپ كېلىۋاتقان ئىزتىراپلىق سوئاللار بىلەن باشلايدۇ. ‏«مەن نېمە ئۈچۈن بۇ جايدا نامايىش قىلىمەن؟» دەرۋەقە، غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەردە بۇ خىلدىكى پۇقرالار نامايىشى ھەرۋاقىت سۆھبەتلىشىشنىڭ ئورنى قالمىغاندا قوللىنىلىدىغان چارە بولۇپ، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە ۋە ھاكىمىيەتكە مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى كۆپچىلىككە سىر ئەمەس. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەۋەلىكىدە قىلغان ھەرقانداق نامايىشى ھەرقاچان قىرغىنچىلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قاتناشقانلار «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «تېررورلۇق» قا چېتىلىپ قالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى نامايىشلارغا قاتناشقاندىكى ھېس-تۇيغۇلىرى توغرىلىق سورىغىنىمىزدا ئۆزىنىڭ بۇ خىلدىكى نامايىشلارنى «مۇھىم»، دەپ قاراپلا قالماستىن، بەلكى يەنە «بىز چوقۇم ئۇنىڭغا قاتنىشىشىمىز لازىم،» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇنەۋۋەر ماقالىسىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار سىياسەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ. جۈملىدىن دىنىي لىباسلارنى ۋە ئىسلامى ئىسىملارنى مەنئى قىلىش، ئاي-يۇلتۇز بەلگىلىرىنى «شەرقىي تۈركىستان» چۈشەنچىسىگە باغلاپ ئۇيغۇرلارنى جازالاش، «ئامانلىق» ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئەۋرىشكىسى (DNA) نى يىغىۋېلىش، مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقىنى مەنئى قىلىش، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش ۋە نازارەتنى كۈچەيتىش قاتارلىقلاردىن تاكى يېقىنقى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىققان جۈمە نامىزىدا شى جىنپىڭغا مەدھىيە ئوقۇشقىچە بولغان تەدبىرلەرنى ئەپچىللىك بىلەن ساناپ چىقىدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتىكى رادىيو زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە دۇچ كېلىۋاتقان يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى ئۆزىنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى بىر شېئىرىغا ئىلاۋە تەرىقىسىدە يېزىپ چىقىش مەقسىتىدە قەلەم تەۋرەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما مەسىلىلەرنىڭ كۆپلۈكى ئاددىي بىر ئىلاۋىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بولمايدىغانلىقىنى ئىشارە قىلغاچقا بىر ئاددىي ئىلاۋە بىر ئۇزۇن ماقالىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

مۇنەۋۋەر ماقالىسىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتەك بىرلا مەقسىتى بارلىقىنى شەرھلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن نىشانىنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە قاراتقان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىياتىدىن، تارىخىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ئۇلارنى «مەن جۇڭگولۇق» دەيدىغان ماڭقۇرتلارغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

ماقالىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس توختالغان مۇنەۋۋەر چەتئەللەردە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى كۆرگەنلىكىنى يازىدۇ. ئۇ كۆرگەن بۇ ياشلار قوللىرىدىكى پاسپورتنىڭ خىتاي پاسپورتى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلار چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن قوبۇل قىلغان مائارىپنىڭ تەسىرىدە ئۆزلىرىنى «مەن جۇڭگولۇق» دەپ قاراشقا ئادەتلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئۆز مىللىتىنى پەس كۆرۈش، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ياراتماسلىق خاھىشى راۋۇرۇس باش كۆتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى «ئۇيغۇرلۇق ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش» بىلەن «خىتاي جەمئىيىتىگە قوشۇلۇپ كېتىش» ئارىلىقىدا تېڭىرقاپ قېلىشتەك بىر خەتەرلىك ھالەت پەيدا بولغان. ئۇ بۇ جەھەتتە چەتئەللەردىكى ياشلاردا مەۋجۇت بولغان ئەۋزەللىك ۋە كەمچىللىك ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

مۇنەۋۋەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان يەنە بىر نۇقتا شۇ بولغانكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى زور كۈچ بىلەن يوقىتىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان تاشقى دۇنيانى «ماھىرلىق» بىلەن ئالداپ كەلگەن. بۇنىڭدا ھەرۋاقىت قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى «شادىمان» ئۇيغۇرلارنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ ئۇلارنى ئۇسۇل ئوينىتىش ئارقىلىق باشقىلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق «بەختىيار» تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتلاردا ھەرقاچان «گۈزەل قىزلارنىڭ» قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىكى جىلۋىدار ئۇسسۇلغا جۆر بولۇشى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى قوللىنىش بولغان. ئۇلار مۇشۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ «ئوغرى» ۋە «يانچۇقچى» دەپ يەكلىنىشى، «تېررورچى» دەپ جازالىنىشىدەك ئېغىر رېئاللىقنى ياپماقچى بولغان. شۇڭا مۇنەۋۋەر ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە مەلۇم تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ئەنە شۇنداق قاتمۇ-قات كرىزىسلار ۋە مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر مۇرەككەپ ئەھۋالدا مۇنەۋۋەر «بىز نامايىش قىلىش ئارقىلىق ھەقىقەتنى كۆرسىتىشىمىز لازىم» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتايدىكى دىكتاتور تۈزۈمىدە نامايىش قىلىشتەك ئەڭ ئاددىي ئىنسان ھەققىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتالمىغان سۆزلىرىنى ئەركىن دۇنيادىكىلەرنىڭ باشقىلارغا ئاڭلىتىش مەجبۇرىيىتى بار. ئۇنىڭ نەزىرىدە يۈرىكىنى داغلاۋاتقان دەرتلەرنى تىنچلىق شەكلىدە ئىپادىلەشنىڭ ھېچقانداق ئىمكانىيىتى بولمىغان ئۇيغۇرلارغا نامايىشقا چىقىش ھەمدە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا روبرو بولۇشتىن باشقا ھېچقانداق تاللاش مەۋجۇت ئەمەس.