مۇنەۋۋەرنىڭ ھېكايىسى (2): ئانا يۇرت ئىشقىدا

0:00 / 0:00

مۇنەۋۋەر شەمسىدىن ئابدۇللا «دىپلومات» ژۇرنىلىدا «ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن نامايىش قىلىمەن» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن ھەممىدىن بەكرەك سۆيۈنگىنى ئاتا-ئانىسى بولدى. ئۇنىڭ دادىسى تۇرغان ئابدۇللا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ ماقالىدا ئىلگىرى ئۆزى ئويلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمىگەن پىكىرلەرنىڭ ناھايىتى ئۇقۇشلۇق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇنەۋۋەرنىڭ ئانىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىممۇ ئىنگلىز تىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە ھەققىدە توختالغاندا ئۆزىنىڭ ھەيرانلىقىنى يوشۇرمىدى. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدا تېببىي پەنلەر بويىچە ماگېستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي مەسىلىلەر ھەققىدە بۇنچىلىك چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى ھەيران قالارلىق ئىشلار ئىدى.

دەرۋەقە، چەتئەللەرگە كۆچمەن بولۇپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى بارغانسېرى زورىيىۋاتقان بىر ئىجتىمائىي توپلۇققا ئايلىنىشقا باشلىدى. ھالبۇكى، چەتئەللەردە تۇغۇلۇپ شۇ جايلارنىڭ تىل مۇھىتىدا ئۆسۈۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىدىن ھەمدە ئۇيغۇر تىلىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىشى ئۆز نۆۋىتىدە يات ئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنى ھەرۋاقىت تەشۋىشكە سېلىپ كېلىۋاتقان بىر چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ، ئىنگلىز تىلى مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇنەۋۋەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جەھەتلەردە بۇنچە ئەتراپلىق مەلۇماتلىق بولالىشىنى ئاساسلىقى ئۇ چوڭ بولغان ئائىلە مۇھىتى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى ئامىللارغا باغلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇنەۋۋەرنىڭ دادىسى تۇرغان ئابدۇللامۇ ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، مۇنەۋۋەرنىڭ كىچىكىدىن ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە، جۈملىدىن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشلارغا قاتنىشىپ چوڭ بولغانلىقىنى پەخىرلىنىش ئىچىدە ئەسلەپ ئۆتتى.

دەرۋەقە، مۇنەۋۋەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرى ئۆزىگە يارىشا مېۋە بەردى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنەۋۋەرنىڭ بالىلىقىدىن باشلاپ يېتىلدۈرگەن كىتاب ئوقۇش ئادىتىدە تېگىشلىك ئورۇن ئالغان ئىدى. مۇنەۋۋەر بۇنىڭدا يالغۇز كىتاب ئوقۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە ئۆز ئالدىغا مەشىق ئەسەرلەرنى يېزىشنى داۋام قىلغان ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن كىچىكىدىن ئەدەبىي ئىجادىيەتكىمۇ ھەۋەس قىلىش بىلەن ئۆتكەن مۇنەۋۋەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەشىقلىرى ئۇزۇن ئۆتمەي باشقىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە نائىل بولدى. ئۇنىڭ شېئىرى ئەسەرلىرى ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردىلا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن بىر قىسىم مۇكاپاتلارغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى.

مۇنەۋۋەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئانا يۇرت ئىشقىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرى ئاساسىدا يېزىلغان «تۇنجى ئەۋلاد ئۆسمۈرنىڭ ۋەتىنىنى ئىزدىشى» ناملىق شېئىرى ئەسىرى بولدى. بۇ شېئىر ئاۋسترالىيەدىكى يېڭى جەنۇبىي ۋالېس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «شېكەرسىز» ناملىق ئەدەبىي ژۇرنىلىنىڭ 2017-يىلى 20-ئاۋغۇستتىكى سانىدا ئېلان قىلىندى. بۇ شېئىرنى قانداق بىر سەۋەبنىڭ تۈرتكىسىدە يېزىلىپ چىققانلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا مۇنەۋۋەر بۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

شېئىردا قەلب رىشتىسى ئۇيغۇر دىيارىغا تۇتاشقان بىر مۇھاجىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئانا يۇرت ئىشقىدا ئۆرتەنگەن قەلب ساداسى يۇقىرى ئىستىلىستىكىلىق شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىن ئۆتمۈشى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئوبرازلىق ۋە جانلىق تەسۋىرلىنىدۇ. ئەسلى شېئىر ئىنگلىزچە يېزىلغان بولۇپ، مەزكۇر شېئىرنىڭ شائىر تاھىر ھامۇت تەييارلىغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەسلى ئەسەرنىڭ بەدىئىي گۈزەللىكىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

مەن ئالداندىم شۇ تولۇن ئايغا،
ئورانغان ئىدى ئۇ يالغان يىپەككە،
يوچۇن ماكاندا چاچماقتا شولا،
ئۆتمۈشتە مەۋجۇت بولمىغان ساختا ئەسلىمە گويا.
تەنھا ياشىماقتىمەن،
ھېچبىر ئەجدادىم ياشاپ باقمىغان بىر زېمىندا.
تولۇن ئاي پىچىرلايدۇ،
كۈمۈش قىرغاقلار قارغا چۈمكەلگەن پەرقلەرنى ئەسلىتىدۇ.
يالقۇننىڭ ئەكسى خۇددى قۇم باراخانلىرى كەبى،
مېنىڭ روھىم ئۇنىڭ ئىلكىدە.
مەپتۇنلۇق ۋە قورقۇنچ ئىچىدە،
ئوكيانغا تاشلانغان مەڭگۈلۈك شولىسى
بىر يات ئارالنىڭ.
ئىلاجىم يوق تەڭرىتاغقا قايتىشقا،
شۇنداقلا
توخارلار ماكانىغا.

ھۇۋلىغان بۆرىلەر ۋە چاپقۇر ئاتلار كەلمەسكە كەتتى،
ئوۋچى لاچىنلارنىڭ چىرقىراق سادالىرى بىلەن.
ئوخشاش بىر تولۇن ئايدا زاھىر بولۇپ،
تەنھا مەن ئۆزۈم.

ئۇ قىز دەيدۇ:
كارۋانلار، تولغانغان روھلار ئېسىڭدىمۇ؟
تىلنى يارىدىغان قوغۇنلارنىڭ شېرىنلىكى يادىڭدىمۇ؟
ناۋات چايلارچۇ؟
يادىڭدىمۇ مەن؟ دەپ سورايدۇ. ئەتكەن چايدىن كېيىن
ناخشام بىلەن سېنى ئەللەي ئېتەر ئىدىم.
ئاتا-ئانىلىرىڭ ئىلى ۋادىسىدا
تۆككەن ئىدى ھۆرلۈك ئۈچۈن ئىسسىق قېنىنى،
يېتەلمىگەن ئارمانلار قالدى ئۇزاقتا.

ئەمما ئۇ قىز شىۋىرلايدۇ
كەچمىش ھاياتقا.
تېقىمىغا چۈشكەن سۇمبۇل چاچلار،
تەكلىماكاننىڭ ئىسسىق تىنىقى.
مەن پەقەت بىر تاشلانغان سايە،
چەتئەللەردە،
زىندانغا قايتا بەند بولۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرمىشىۋاتقان.
يۇرتۇم ئەمما
تولۇن ئايغا ئەسىر بولغان.
ئۇ ماڭا، تەكرار - تەكرار
تېخى مەنزىلگە يەتمىگەنلىكىمنى شىۋىرلايدۇ،
تاكى مەن ئەسلىيەلىگۈچە،
نېمىنىڭ تېخى باشلانمىغانلىقىنى بىلگۈچە.
ئەمما مەن قايتالمايمەن
تاكى ئاشۇ ۋەتەن ھۆر بولمىغۇچە،
تولۇن ئاينىڭ ئاپەتلىك چاڭگىلىدىن
قۇتۇلمىغۇچە.
قاچانىكى مەن قۇتۇلغاندا،
ئاشۇ ساختا يىپەكلەردىن
ئورىۋالغان
مېنى ئاسراپ ئۆستۈرگەن ۋەتىنىمنى.
ئۇچۇپ بارغۇم بار
روھىم ماڭا تىكىلىپ تۇرۇۋاتقان ئاشۇ ماكانغا،
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دەريا بويىغا جايلاشقان ئاشۇ ۋادىغا،
شۇ تولۇن ئايغا ئەسىر بولغان ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە پاناھلانغان ۋەتەنگە.