«مۇقىملىق» دېھقانلارنىڭ نىمكار ئىشلەش يولىنى توستى

0:00 / 0:00

مۇخبىرلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىكى دېھقانلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىل پاختا باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، تەبىئىي ئاپەت، ھاشار، دائىرىلەرنىڭ ھەددىدىن ئاشقان مۇقىملىق تەدبىرلىرى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۇيغۇر دېھقان-چارۋىچىلار ئومۇميۈزلۈك زىيان تارتقان، بۇنداق شارائىتتا تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنىڭ نىمكار ئىشلەش يولىنى تاللىشى مۇمكىن، ئەمما دائىرىلەر «مۇقىملىق» نى باھانە قىلىپ يېشىل كارتا بېجىرىشنى تەسلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ناھىيە، شەھەرلەرگە كىرىپ نىمكارلىق قىلىپ جان بېقىشنىڭ يولىنىمۇ توسقان. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى 2-نويابىر «شىنجاڭدا ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىشقا ئورۇنلاشقان يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى 2 مىليون 300 ئادەم(قېتىم)غا يەتتى» دەپ ئېلان قىلدى. ئۇنداقتا بۇ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار كىملەر؟ دېھقانلارنىڭ شىكايەتلىرى دائىرىلەرنىڭ يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىغا سوئال تۇغدۇرماقتا.

جەنوبىي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىر قىسىم ناھىيە، يېزىلىرىدا ياز كىرگەندىن تا يېڭى بىر مەۋسۇملۈك دېھقانچىلىق ئىشلىرى باشلانغۇچە، ئوز يۇرتىدىن باشقا ناھىيە، شەھەرلەرگە تۇرمۇشنى قامداش مەقسىتىدە بىڭتۇەن مەيدانلىرىغا ئىشلەمچىلىك قىلىش ئۇچۇن چىقىش، دېھقانلارغا دېھقانچىلىقتىن سىرت يەنە بىر تاپاۋەت يولى ئىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن - 5 ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، يېزا، ناھىيىلەردىكى دېھقانلارنىڭ ئىشلەمچىلىك ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەتتا ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىدىن ئايرىلىپ داۋالىنىش، تۇغقان يوقلاش، ساياھەت قاتارلىق ھەر قانداق مەقسەتتە چىقىشى ئۈچۈن چوقۇم يېشىل كارتا بېجىرىشنى شەرت قىلىپ سىياسەت چىقاردى. دېھقانلار ئۆز تەۋەلىرىدىن باشقا ناھىيە، شەھەرلەرگە تۇرلۈك ئىشلاردا، مەسىلەن، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش، مېھمانخانىدا يىتىش، داۋالىنىش، ئوي ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېشىل كارتا بولمىسا ھېچقانداق ئىش بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ. خىتاينىڭ ئاممىغا قۇلايلىق ئىلىپ كېلىدىغان قۇلايلىق كارتا ( يېشىل كارتا ) دەپ ئاتىغان بۇ يېڭىچە سالاھىيەت كارتىسىنى بېجىرىش ئىنتايىن قولايسىز بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى، ئىگىلىشىمىزچە نۆۋەتتە سىرىتقا ئىشلەمچىلىككە چىقماقچى بولغانلار ئۈچۈنمۇ تەس بولماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2014 - يلى «توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش پىكىرى» نى ئېلان قىلىپ، كىيىم - كېچەك كەسپىي تەرەققىياتى 10 يىللىق پىلانىنى يۈرگۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن زېمىن، باج، توك باھاسى قاتارلىق جەھەتلەر بويىچە 10 چوڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ - 2 نويابىر خەۋىرىگە قارىغاندا، - 2014 يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدە يېڭىدىن 40 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشقان، بۇ يىل بولسا يېڭىدىن 67 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلانغان. خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىدىن نەقىل ئېلىشىچە، «سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىلىرىغىچە، شىنجاڭ بۇ يىل يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش بويىچە 2 مىليون 274 مىڭ 800 ئادەم(قېتىم)نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆزلىگەن نىشان ۋەزىپىسىنى %114 ئورۇندىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، تەشكىللىك ھالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 13 مىڭ 700 ئادەم بولۇپ، بۇ تۈردە پۈتۈن يىلدا 15 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان ۋەزىپىسىنىڭ %91ى تاماملانغان.»

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوخشىمايدىغان جايلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، بۇ يىل دېھقانچىلىقتىن ئومۇميۈزلۈك زىيان چىققانلىقتىن ئۇيغۇر دېھقانلار نىمار ئىشلەپ بولسىمۇ جېنىمىزنى باقارمىز دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، بەزى جايلاردا يېشىل كارتا بېجىرىدىغان رەسمىيەتلەر، بولۇپمۇ باستۇردىغان تامغىنىڭ كۆپلۈكى يەنى قۇلايلىق كارتا ( يېشىل كارتا ) بىجىرىتمەكچى بولغان ئادەم قاراشلىق كەنت ياكى ئىجتىمائىي رايون ئاھالە كومىتېت تامغىسى، ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى تامغىسى، يېزىلىق ۋە بازارلىق ساقچىخانا تامغىسى، ئەدىلىيە ئىشخانىسى تامغىسى ھەمدە ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش كومىتېت ئىشخانىسى تامغىسى قاتارلىق 5 دانە تامغا بيسىلغان جەدۋەل تولۇق بولمىسا قۇلايلىق كارتا ( يېشىل كارتا ) بېجىرتىش ئۇچۇن بەزى چەت يىراق يىزا، كەنىتلەردىكى دېھقان - ئىشلەمچىلەر ئۆيى بىلەن ئىش بېجىرىدىغان تەشكىلى ئاپپاراتلارنىڭ يىراقلىقى سەۋەبىدىن نەچچە كۇن، ھەتتا نەچچە ئون كۇن قاتراپ يۇرۇپمۇ قۇلايلىق كارتا ( يېشىل كارتا ) بېجىرىشكە ئامالسىز قالماقتا. ھەتتا بەزى جايلاردا دائىرىلەر مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، دېھقانلارغا يېشىل كارتىسىنى بېجىرىشنى ئوچۇق رەت قىلماقتا ئىكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەنلىك بىر دېھقان ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇ يىل دېھقانچىلىقتىن كۆپ زىيان كۆرۈنۈپ دېھقانلار غۇربەتچىلىكتە قالغان، سىرتلارغا چىقىپ مەدىكارلىق قىلاي دىسىمۇ دائىرىلەر تۈرلۈك سىياسىي ئۆگىنىش، ھاشار ۋە باشقىلارنى باھانە قىلىپ يېشىل كارتا بېجىرىپ بەرمەيدىكەن، بۇنىڭ سەۋەبى يەنىلا دائىرىلەرنىڭ دېھقانلارنى جايىدىن مىدىرلاتماسلىق، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىشىنى چەكلەپ كۆزىتىپ، بىرەر ۋەقە چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن.

بىز ئاقسۇدا بۇ قۇلايلىق كارتا ( يىشىل كارتا ) نى بېجىرىشكە بىۋاستە مەسئۇل بولغان بىر كەسپى كادىرنى ئىزدەپ تاپقان بولساقمۇ، ئۇ زىيارىتىمىزنى ئوچۇق ئاشكارا رەت قىلدى.

بەزى دېھقانلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بەزى مۇناسىۋەتلىك كادىرلار قۇلايلىق كارتا ( يېشىل كارتا ) بىجىرتمەكچى بولغان دېھقان - ئىشلەمچىلەر ئۇچۇن قۇلايلىق كارتا ( يىشىل كارتا ) ھەققى، بېجىرىش ھەققى ۋە ماتېرىيال نۇسخىلاش ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى قالايمىقان يىغىپ يانچۇقىنى تومپايتىش بىلەن ئاۋارە بولسا، يەنە بىر قىسىم ئورونلاردىكى مەسئول كادىر ۋە قۇلايلىق كارتا ( يېشىل كارتا ) بېجىرىشكە مەسئۇل خادىم ھەق تاپشۇرمىغان دېھقان - ئىشلەمچىلەرنىڭ قۇلايلىق كارتا ( يىشىل كارتا ) بىجىرتىش ئىشىنى ئەتە كىلىڭ، ئۆگۈن كىلىڭ ؛ كېلەر ھەپتە كېلىڭ دەپ قەستەنگە كەينىگە سۆرەپ ئاممىنى نارازى قىلماقتا ئىكەن.

قىزىق يېرى خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدىكى مەلۇم ساقچىخانىنىڭ بىر ساقچىسى، قۇلايلىق كارتا ( يېشىل كارتا ) بېجىرتىش ئىشىنى يېزىلىق ھەتتا كەنتلىك ھۆكۈمەت پارتكوم ئىشخانىلىرىنىڭ بەش مىنۇتتىلا چىقىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئۆزى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى گۇمانلىق كىشىلەر دائىرىسىدە بولمىسىلا بېجىرىش تەس ئەمەس، يېشىل كارتا بولمىسا باشقا شەھەرگە كىرىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

دېھقانلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن ئەل رايىنى، مۇقىملىقنى تەكىتلەۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى قۇلايلىق كارتا ( يىشىل كارتا ) دەپ ئاتاۋاتقان بۇ سىياسەتنى ھەقىقەتەن ئاممىغا قولايلىق ئىلىپ كېلىش ئۈچۈن چىقاردىمۇ ؟ بۇنىسى مۇجىمەل.