ئاقسۇ ۋە خوتەندىكى ئىككى نەپەر ياردەمچى ساقچى: «مۇقىملىققا دائىر ھەرقانداق بىر ئىش بىزنىڭ ۋەزىپە دائىرىمىزدىدۇر»

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.12.15
xitay-saqchi-herbiy-maniwer-xoten.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» مانېۋىرىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 6-ئىيۇن، خوتەن.
AFP


«بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز تەۋەلىكىمىزنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش دەپ بېكىتىلگەن. ئومۇمەن مۇقىملىققا دائىر ھەرقانداق بىر ئىش بىزنىڭ ۋەزىپە دائىرىمىزنىڭ سىرتىدا ئەمەس!»

بۈگۈن ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىككى نەپەر ياردەمچى ساقچى يوقىرىقى سۆزلەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىنى چۈشەندۈردى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇلار يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ 2014 - يىلىدىن بۇيان ھەرقايسى يېزا، بازارلىق ساقچىخانىلارنىڭ جىددىي تۈردە ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈردى.

بىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىمىزنى ئالدى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان يېزىلىق ساقچىخانىسى قوبۇل قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ياردەمچى ساقچى بۇ ھەقتە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى يېزىلىق ساقچىخانىلارنىڭ «مۇقىملىق» جەھەتتىكى ۋەزىپىسى ئارتىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ساقچى كۈچلىرىگە بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى كۈچلۈككەن. شۇڭا ساۋادى بار يېزا ياشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ياردەمچى ساقچىلىققا ئېلتىماس قىلسا بولىدىكەن. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىدىكى ياردەمچى ساقچىلار ئادەتتە 1800 سوم مائاش ئالىدىكەن.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ موكۇيلا يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياردەمچى ساقچى ئۆزىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان مەزكۇر ساقچىخانىدا ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە دائىرىسى ھەمدە قوبۇل قىلىنىش شەرتلىرى توغرىلىق بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارا قىلدى: «ئادەتتە يېزىلىق ساقچىخانىلاردىكى زاپاس ياردەمچى ساقچىلاردىن باشقا، ھەرقايسى كەنتلەردە يەنە 3 تىن ياردەمچى ساقچى بولىدۇ. ياردەمچى ساقچىلارنى قوبۇل قىلىشتا ئادەتتە ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يوقىرى ئوقۇش تارىخى تەلەپ قىلىدۇ. قوبۇل قىلىش شەرتلىرى ئىچىدە ھەممىدىن قاتتىق تۇتۇلىدىغىنى ئېلتىماس قىلغۇچىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن سىياسىي مەيدانىنىڭ ئېنىق بولۇشىدۇر. ئەلۋەتتە، باشقا شەرتلەر ئېلاستىكىلىق بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي شەرت ناھايىتى قاتتىق.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن 4 يىلدىن بۇيان ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. ئۆتكەندە رەسمىي ساقچى بولۇش ئۈچۈن خوتەن شەھىرىگە كىرىپ ئېمتىھانغا قاتناشتىم، لېكىن تاللىنالمىدىم. نېمىشقا دېسىڭىز، 250 نەپەر ياردەمچى ساقچىدىن ئاران 10 كىشىنى رەسمىي ساقچىلىققا ئالىدىكەن. شۇڭا بۇنداق قاتتىق رىقابەتتە مەن تاللىنالماي قالدىم. ئادەتتە بىز تەرەپتە ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ھەر ئايدا قولىمىزغا ئالالايدىغان ئەمەلىي مائاشىمىز 1300 سوم. نورمال ۋاقىتلاردا 8 سائەت ئىشلەيدۇ دېيىلسىمۇ، لېكىن بىز ياردەمچى ساقچىلار جىددىي ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە 24 سائەت ئىشلەيمىز. ھازىر يىل ئاخىرى بولۇپ قالغاچقا 24 سائەتتىن نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتىمىز. بىزگە قورال - ياراغ بېرىلمەيدۇ، پەقەتلا كالتەك ياكى قالقاندەك نەرسىلەرنى ئۆزىمىز بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىمىز. كەنتلەردە جىددىي ئەھۋال يۈز بەرسە، بىزنىڭ 10 مىنوتنىڭ ئىچىدە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىشىمىز تەلەپ قىلىنىدۇ. ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا ياردەمچى ساقچىلار ئالدى بىلەن يېتىپ بېرىپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىمىز. يۈز بەرگەن ۋەقە كىچىكرەك بولۇپ، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا قۇربىمىز يەتسە ئۆزىمىز بىر تەرەپ قىلىپ، دەرھال يېزىلىق ساقچىخانىغا دوكلات قىلىمىز. ئەگەر ۋەقە چوڭراق بولۇپ قالسا يېزىلىق ساقچىخانىدىن تولۇق قوراللانغان رەسمىي ساقچىلار كېلىپ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئومۇمەن "مۇقىملىق" قا دائىر ھەرقانداق بىر ئىش چىقسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ۋەزىپە دائىرىمىزدە بولىدۇ.»

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.