بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆكتېرەك يېزا قاغا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى نامىدا بىر مۇراجىئەتنامە تارقالدى.
مۇراجىئەتنامىدە «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەن ئەخمەت ئابلىزنىڭ قىزى ئەسما ئەخمەتنىڭ ئۈستىگە قايناقسۇ تۆكۈلۈپ كۆيۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋە ئۈرۈمچىدە داۋالىتىش ئۈچۈن كەنتتىكى ئاھالىلەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەمگە چاقىرىلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى ئېنىقلىشى داۋامىدا مۇراجىئەتنامىدە تىلغا ئېلىنغان كۆكتېرەك يېزىسىنىڭ گۇما ناھىيەسىگە تەۋە ئىكەنلىكى دەلىللەندى. ۋەقە يۈز بېرىپ 3 كۈنگە قەدەر تېگىشلىك داۋالاش ئورنىغا ئاپىرىلمىغان ئەسما ئەخمەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى تېخى ئايدىڭلاشمىدى.
مەزكۇر مۇراجىئەتنامىدە «تەربىيەلەش» تىكى ئەخمەت ئابلىزنىڭ قىزى ئەسما ئەخمەتكە ئۆيىدىكى مەش ئۆرۈلۈپ كېتىپ ئۈستىگە قايناقسۇ تۆكۈلۈپ كەتكەنلىكى، ئەسمانىڭ بەدىنىنىڭ 60 پىرسەنتىنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. مۇراجىئەتنامىدە يەنە ئەسما ئەخمەتنىڭ ئۈرۈمچىگە داۋالاشقا ئاپىرىلىشى ئۈچۈن 300 مىڭ يۈەن كېتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە كەنت ئاھالىلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەمگە چاقىرىلغان.
ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆكتېرەك يېزىسىنىڭ گۇما ناھىيەسىگە تەۋە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. شۇڭا بىز ئالدى بىلەن كۆكتېرەك يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانا خادىمى ئۈستىگە قايناقسۇ تۆكۈلگەن ئەسما ئەخمەتنىڭ 20-كەنت، يەنى قاغا كەنتكە تەۋە ئالىدىن ئىكەنلىكى ۋە ۋەقەدىن ئۆزىنىڭ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ ئەسما ئەخمەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.
مۇراجىئەتنامىدە يېزىلىشىچە، ۋەقە 17-فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن، مۇراجىئەتنامە 21-فېۋرال كۈنى چىقىرىلغان. مەلۇمكى، 3 كۈنگە قەدەر ئەسما ئەخمەت ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىلمىغان. بىز ئۇنىڭ يېزىلىق ۋە ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان ياكى ئاپىرىلمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئالاقىدار سەھىيە تارماقلىرىغىمۇ تېلېفون قىلدۇق. ۋىلايەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئورنى ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. يېزىلىق ساقچىخانا خادىملىرى يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بېرىشنىمۇ رەت قىلدى.
مەزكۇر مۇراجىئەتنامىدە ئەخمەت ئابلىز ئائىلىسىنىڭ 7 جانلىق بىر ئائىلە ئىكەنلىكى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىقى بارلىقى ئەسكەرتىلگەن. بىز ئەخمەت ئابلىز ئائىلىسىنىڭ قالغان ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالىنى، جۈملىدىن ئەسما ئەخمەت ئۈستىگە قايناقسۇ تۆكۈۋالغاندا ئائىلىدە چوڭلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن كۆكتېرەك ساقچىخانىسىغا قايتا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىملىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىكەنلىكى ۋە ئاشكارىلىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۆپىنچە جايلىرىدا بىر ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» دا ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. بىز ئەخمەت ئابلىز ئائىلىسىدىن قانچە كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاھالىلەردىن مەلۇمات سورىدۇق. ئاھالىلەر مەش ئۆرۈلۈپ ئۈستىگە قايناقسۇ تۆكۈلگەن ۋە بەدىنىنىڭ 60 پىرسەنتى كۆيۈپ كەتكەن ئەسما ئەخمەتنىڭ قانچە ياش ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.
0:00 / 0:00