ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر: «زىيالىيلار چىقارغان مۇراجىئەتنامىلەر بىزگە كۈچ قوشتى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018.01.24
xoten-sqchi-kocha-tekshurush-soraq.jpg خىتاي ساقچىلىرى كوچىدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پۇقرالارنى توسۇپ، سوراق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 3-نويابىر، خوتەن.
AP Photo/Ng Han Guan

2018-يىلى 5-يانۋار «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلىرىنى توختاتسۇن» دېگەن ماۋزۇدا بىر مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىندى. بۇ مۇراجىئەتنامىنى ئېلان قىلغان «مەشئەل گۇرۇپپىسى» 20-يانۋار «يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى بىر مىليون ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلسۇن» دېگەن ماۋزۇدا يەنە بىر مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى.

مۇراجىئەتنامە كۆپ تىللىق «ئۆزگىرىش» ناملىق تور بەتكە چاپلانغان بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىق مۇراجىئەتكە ئىمزا قويغۇچىلار 10 مىڭدىن ئاشقان، ئىككىنچى مۇراجىئەتنىڭ ئىمزاچىلىرىمۇ بەش مىڭغا يېقىنلاشقان. مۇراجىئەتنامە ئىنگلىزچە، خىتايچە، فىرانسۇزچە، ئەرەبچە، ئىسپانچە، گېرمانچە، تۈركچە، گوللاندچە، ئۇيغۇرچە قاتارلىق تىللاردا يېزىلغان.

5-يانۋاردىكى يانۋاردىكى مۇراجىئەتنامەدە يەتتە تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا يۈرگۈزگەن «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى بىكار قىلىش، ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش، مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىگە قىلىنىۋاتقان نازارەتنى بىكار قىلىش، «قوشماق تۇغقانچىلىق» نى بىكار قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسى ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە قانۇنسىز ئۆي ئاختۇرۇشنى بىكار قىلىش دېگەندەك مەزمۇنلار يورۇتۇلغان.

20-يانۋار ئېلان قىلىنغان مۇراجىئەتنامىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە قامالغانلارنى قويۇپ بېرىش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش تەلەپ قىلىنغان. بىز بۇنداق مۇراجىئەتنامىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى پائالىيەتچىلەردىن سەمەت ئابلانى زىيارەت قىلدۇق.

سەمەت ئابلا ئەپەندى زىيالىيلارنىڭ ھەرىكەتلىنىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشىنى، بولۇپمۇ كونكرېت تەلەپلەر بىلەن مەيدانغا چىقىشىنى ئالقىشلايدىكەن. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا ئادەم كۈچىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، شۇڭا يۇقىرىقىلارغا ئوخشاش مۇراجىئەتنامە چىقىرىش، تەلەپنامە سۇنۇش ۋە ئەرز قىلىشتەك ئىشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىشىنى ئۇيغۇر داۋاسىغا «كۈچ قوشقانلىق» دەپ قارايدىكەن.

مەزكۇر مۇراجىئەتكە ئىمزا قويغان ۋە تەشەببۇس قىلغان نورۋېگىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى سەيىدئەكرەم ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەتنى قوللاشتىكى سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ، مۇراجىئەتلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەيدانغا چىققان ئىنكاسلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە رەسمىي مۇراجىئەت ئاستىغا سەۋەنلىك بىلەن چاپلىنىپ قالغان دەپ چۈشەندۈرۈلگەن «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا يېزىلغان خەت» ھەققىدىمۇ چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. سەيدئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇنداق قوبۇل قىلارلىق ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، خىتاي قانۇنى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ئۇيغۇن ھوقۇقلار تەلەپ قىلىنىپ پاكىتلىق يېزىلغان مۇراجىئەتنامىلەرنىڭ داۋاملىق يېزىلىشى غايىۋى شوئارلاردىن ئەھمىيەتلىك ئىكەن.

5-يانۋاردىكى مۇراجىئەتنامە بىلەن 20-يانۋار ئېلان قىلىنغان مۇراجىئەتنامىنىڭ پەرقى ھەققىدە نورۋېگىيەدە ياشايدىغان ئىكرام جەۋلان ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنىڭ مۇھىت ۋە جانلىقلارنى قوغداش تىپىدىكى مۇراجىئەتنامىلەردەك قوللاشقا ئېرىشەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

«ئۆزگىرىش» دېيىلىدىغان توربەتتە 5-يانۋار ۋە 20-يانۋار ئېلان قىلىنغان «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلىرىنى توختاتسۇن» ۋە «يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى بىر مىليون ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلسۇن» دېگەن بۇ مۇراجىئەتنى چىقارغۇچىلار «مەشئەل گۇرۇپپىسى» دېيىلىپ تاپشۇرۇلىدىغان يېرىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا بىرلىكى دەپ يېزىلغان. مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى «يېڭى ئېقىن»، «تاتار خەۋەر ئاگېنتلىقى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىلگەن. مۇراجىئەتنامە يەنە «تۈرك ئوچاقلىرى» قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. رادىيومىزدا ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ بۇنداق نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.