غەرب مەتبۇئاتلىرى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قىزىقماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىيېتنام ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقىلىق سىرتلارغا قاچماقچى بولغان مۇساپىر ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەرگەن باياناتلىرىدا ئۇلارنى رادىكال دىنىي تەشكىلاتلارغا چېتىپ، بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشماقچى بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بايانى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى، ئۇلارنىڭ قېچىپ چىقىش سەۋەبلىرى ئالاھىدە يورۇتۇلماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قاتتىق قوللۇق بىلەن سىياسەت ئىجرا قىلىشى ۋە تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن داۋاملىق ھالدا قاتتىق زەربە بېرىش، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزۈشى رايوندىكى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى نەپەس ئالغۇسىز ھالەتكە ئەكېلىپ قويغانلىقتىن، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار جان قايغۇسىدا يۇرت-ماكانىنى تاشلاپ، سىرتلارغا قېچىشقا مەجبۇر بولغان. پاسپورت ئالالمىغانلىقتىن تولىمۇ مۇشەققەتلىك ۋە خەتەرلىك بولغان قاچاق يوللارنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىردىنلا كۆپىيىپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا بىر جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زۇلۇمىدىن قېچىپ چىققانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بايانلىرى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. يېقىندىن بۇيان مۇساپىر ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرنال ۋال سترىت ژۇرنىلى بولسا بۇ ھەقتە «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قېچىشى خىتاينى جىھاد ئەندىشىسىگە سالدى» ماۋزۇسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالە خىتايدىن چېگرا ئاتلاپ قېچىپ چىققان ۋە ھازىر تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر قىسىم مۇساپىر ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئاساسىدا تەييارلانغان. مۇخبىر ماقالىسىنى ئەنە شۇ مۇساپىرلار ئارىسىدىكى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى مەمەت دەپ تونۇشتۇرغان 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ قېچىپ چىقىش سەۋەبىنى ئاڭلىتىش بىلەن باشلىغان. ماقالە «مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەمەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئاخىرى مۇساپىر بولۇپ چەتئەلگە قېچىپ كېتىشىگە بىر قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسى سەۋەب بولغان» دەپ باشلانغان. مەمەت ئىسىملىك ياشنىڭ مۇخبىرغا بايان قىلىپ بېرىشىچە، 2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى بولغان يىلى مەمەت دەل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىل ئىكەن. مۇسابىقىدە مەمەت ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى تۈركىيە تەرەپتە تۇرۇپ، تۈركىيەنى قوللىغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش-جېدەل كېلىپ چىققان. مەكتەپ دائىرىلىرى ۋەقەگە ئارىلىشىپ، شۇ چاغدا ئۇنىڭ دوستلىرىدىن 6 نەپىرىنى مەكتەپتىن قوغلاپ چىقارغان. مانا بۇ ئىش مەمەتنىڭمۇ سىياسىي سەزگۈرلۈكىنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولغان. كېيىن ئۇ ئۆزىمۇ ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە قولغا ئېلىنىپ 3 يىل تۈرمىدە ياتقان.

مۇخبىر ماقالىسىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەمەتكە ئوخشاش خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزلەرچە، ھەتتا مىڭلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى جىھاد تەشكىلاتلىرىغا باغلىسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينى، بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلاردىن كېلىدىغان جىھاد تەھدىتىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. مۇخبىر يەنە مەمەتنىڭ ھاياتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ بايان قىلغان :
-مەمەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسمىنى يوشۇرۇپ قالدى. ئۇ، خىتايچىنى ئىنتايىن راۋان سۆزلەيدىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ بىر دۆلەت ئورگىنىدا خىزمەت قىلغان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى. ئۇ «ئەگەر بىرى ماڭا قورال بەرسە، مەن ئۇرۇش قىلاتتىم» دېدى ۋە سۆزىنى داۋام قىلىپ : «خىتاي بىزگە ئىككىلا يول بېرىۋاتىدۇ، يا بىز شۇلاردەك بوپ كېتىشىمىز كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەنمىز، ۋەيران بولۇپ تۈگىشىمىز كېرەك»

مۇخبىر ماقالىسى داۋامىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا بىر قانچە قېتىم نارازىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، نۇرغۇنلىرىغا ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقىنى بۇنىڭ بىلەن جېنىنى ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنلا كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىۋالغۇچە نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلىك ۋە خەتەرلىك مۇساپىلەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە مەمەت ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ بايان قىلغان :
-مەمەت ئاشۇ قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىنلا داۋاملىق ھالدا تور بەتلەردىن ئۇيغۇر داۋاسى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرىدىغان بولغان. مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر شىركەتكە ئىشقا كىرگەن. خىزمەت يېرىدە بىر قانچىلا ئۇيغۇرنىڭ بولۇشى ئۇنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. ئەمما ئۇنى ئەڭ زېرىكتۈرگىنى داۋاملىق بولغۇسى شېرىكلەر بىلەن ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلىنىش بولغان. 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولغاندا ئۇ ئىچىدىكى توشۇپ قالغان غەزەپ-نەپرەت سەۋەبىدىن نامايىشقا قاتناشقان. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى دېمىدى، بىراق ئۇ تۈرمىدە 3 يىل ياتقان. ئۇ تۈرمىدە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى بىلەن بىر كامېردا ياتقان. ئۇ ماڭا «تۈرمىدە مەن ھەممە خىتاينىڭ ئەسكى ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ نۇرغۇنلىرىنىڭ خۇددى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش رىيازەت چېكىۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم» دېدى. كېيىن ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئامال قىلىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنىڭ كويىغا چۈشكەن.

مۇخبىر ماقالىسى داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئېنىق بىر ئىسپات كۆرسىتىپ باقمىغانلىقىنى، ئۆزى بۇ قېتىم ئۇلاردىن بىر جاۋاب ئېلىپ بېقىشقا تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ھېچكىمنىڭ ئۆزىگە بۇ ھەقتە جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مەمەتنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ بىلەن ئاياغلاشتۇرغان:
-مەمەتنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇ، تۈركىيەدىن سۈرىيەگە بېرىپ ئىسلام تەشكىلاتىغا قاتنىشىمىز، دېگەن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىپ باققانلىقىنى ئېيتتى. بىراق ئۇ ئۆزى ئۇنداق قىلىشنى خالىمايدىكەن. ئۇ ياۋروپاغا بېرىپ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇ ماڭا «مەن نېمىشقا ئىراق ياكى سۈرىيەگە بېرىپ جېنىمنى سېلىپ بېرىدىكەنمەن؟ مېنىڭ ئۇرۇشقۇم كەلسە، مەن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىمەن» دېدى.