مالايشىيادىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغا چىققان ئۇيغۇرلاردىن، مالايشىيادا ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تەرجىمانلىق ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىۋاتقان 9 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى مالايشىيا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ شۇ ئايدا خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ 9 نەپەر ياشنىڭ بۇ يىل 7-فېۋرال كۈنى ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇسالام، ئابدۇللاھ، مۇھەممەتجان، تۇرسۇنجان، ئابدۇلئەزىز، ئابدۇسالام، مەھمۇتجان قاتارلىق 7 نەپەر بالىنىڭ ئىسمى ۋە بەزىلىرىنىڭ رەسىمى ئاشكارىلاندى.

بۇنىڭ ئىچىدىكى يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «ھىجرەت قىلىپ غازات قىلىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاش» دېگەن پروگراممىدا تۈرمىدە زىيارەت قىلىنغان تۇرسۇنجان مالايشىيادا ئابدۇللاھ بالا تەرجىمان دېگەن ئىسىم قوللانغان.

ئىگىلىشىمىزچە، تۇرسۇنجان خوتەن شەھىرىدىن، 23 ياش، ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇغان، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە سەۋىيىسى يۇقىرى بولۇپ، ئوقۇش داۋامىدا ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن مەكتىپىگە يېتىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەكرار قاتناشقان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەن شەھىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي، سىياسىي زۇلۇملىرىنى كۆرگەن تۇرسۇنجان نورمال پاسپورت ئىشلىتەلمىگەچكە، قاچاق يوللار ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىپ شۇ يەردە ئوقۇشنى تاماملاشنى كۆڭلىگە پۈككەن. ئۇ، 2014-يىلى 8-ئايلاردا قاچاق يول بىلەن مالايشىياغا يېتىپ بارغان، ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا تەرجىمانلىق قىلغان.

بۇ جەرياندا مالايشىيادا ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ھەمدە 8 نەپەر ئۇيغۇر ياش بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەن.

نەق مەيداندا ئابدۇسالام ۋە مۇھەممەتجان تۇتقۇن بولغاندا شاھىت بولغان، ئىسىمنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇر ياش ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇش جەريانىنى ئاڭلاتتى.

ئابدۇسالام خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيىسى سېغىز كۆل يېزىسىدىن بولۇپ، مالايشىيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، رەسمىيىتى پۈتكەنلەرنى يولغا سېلىش، ئۆي ئىجارە ئېلىش، كېرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە مەسئۇل بولۇپ، خىتاي بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇزۇن ۋاقىت كۆزىتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدە تۈرمىدە سوراق جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئابدۇسالامنى يېقىندىن تونۇيدىغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئۇيغۇر ياش ئۆز بىلگەنلىرىنى بايان قىلدى.