مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن ئىمىن قارى بىلەن سۆھبەت (2)

0:00 / 0:00

بىز تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، 2 بالىسى ۋە ئايالى بىلەن بىرلىكتە تاغ ۋە دېڭىزلارنى ئېشىپ تايلاندقا، ئۇ يەردىن مالايشىياغا كېلىپ، مالايشىيا تۈرمىلىرىدە يېتىپ، ئاخىرى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كەلگەن دىنىي زات ئىمىن قارىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ 1995-يىلى باشقا بىرى ئوغرىلاپ سىرلىتىپ ساتقان موتسىكلىتنى سىرلىدىڭ دەپ ئەيىبلەپ، بۇ ئىشتىن 4 يىل كېيىن 1999-يىلىدا تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئۆز يۇرتىدا ياشاش ئىمكانى قالمىغاچقا، چەتئەلگە قاچاق يوللار بىلەن قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئاڭلاتقان ئىدى. ئۇ سۆھبىتىمىزدە، خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن قىيناشلارنىمۇ ئاڭلاتقان ئىدى.

تۆۋەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.

-ئىمىن قارىم، سىز خىتاينىڭ بېسىمىغا چىدىيالماي چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىڭىزنى دەپ ئۆتكەن ئىدىڭىز. قېچىش قايسى يوللار بىلەن قانداق باشلاندى؟
-توغرا ئىككىنچى قېتىم تۈرمىگە كىرىپ قالماي، قېيىن تۇرمۇشقا چۈشۈپ قالماي دەپ ئويلىدىم. بۇنداق ئويلىغان ۋاقتىمدا پاسپورت يوق، بىزگە پاسپورت بەرمەيدۇ ئادەتتە. مەن 7-8-ئايلاردا ئادەم قاچاقچىلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىدىم. ھەر بىر ئادەمدىن 70 مىڭ سومدىن پۇل ئېلىپ تۈركىيەگە ئاپىرىپ قويىدىكەن، دېگەن گەپنى ئاڭلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدىم. سۈرۈشتۈرۈپ بىر ئادەمنى تاپتىم. ئۇ ئادەم بولىدۇ دېدى. ئەمما كىچىك بالىلار بولسا بولمايدۇ، دېدى. مېنىڭ بالىلىرىم كۆپ بولغاچقا ئىككىنى بولسىمۇ ئېلىۋالاي دەپ ئېلىۋالدىم. ئىنسان قاچاقچىلىرى ئۈرۈمچىگە كېلىڭلار، دېدى، ئۈرۈمچىگە كەلدۇق. لەنجۇغا كېلىڭلار، دېدى لەنجۇغا كەلدۇق، كېيىن چىڭداۋغا كېلىڭلار، دېدى، ئۇ يەرگە باردۇق. ئۇلار ئارقىمىزدا ئادەم بار-يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىدىغان ئوخشايدۇ. بىز پەقەتلا تېلېفون بىلەنلا ئالاقىلىشىپ كۈنمىڭغا كەلگۈچە ھېچكىم بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىدۇق. كۈنمىڭغا كەلگەن ۋاقتىمىزدا ئالدىمىزغا ئىككى ئادەم چىقتى. ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ياتاقلىرى بار ئىكەن، ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇردى. كۈنمىڭدا 15 كۈن تۇردۇق، 15 كۈن تۇرۇش جەريانىدا باناندىن باشقا بىر نەرسە يېمىدۇق. بىر كۈنى كېلىپ تېلېفوندىن باشقا ھەممە نەرسىنى تاقايسەن دېدى، تاقىدۇق. 60 مىڭ سومدىن پۇل تاپشۇرىسەن دېدى، ئۇنى بەردۇق. پۇلنى بۆلۈپ-بۆلۈپ بېرىدىكەنمىز، چېگرادىن چىققۇچە 20 مىڭ سوم بەردۇق، كۈنمىڭدىن لائوسقا ئۆتتۇق، ئۇ يەردە 60 مىڭ سوم تۈگىدى. تايلاندقا ئۆتتۇق، ئۇ يەردە مىڭ دوللاردىن بەردۇق.

‏-بۇ جەرياندا، سىزچە مۇھىم بولغان مەسىلە نېمە بولدى؟ نېمىلەر كۆزىڭىزگە چېلىقتى؟
-بۇ يەردە مۇھىم بولغان مەسىلە لائوس بىلەن تايلاند ئارىلىقىدا بىر سازلىقنى كۆردۇق. مەسىلەن، تايلاند بىلەن مالايشىيا ئارىلىقىدا 700 مېتىرچە كېلىدىغان بىر دېڭىز بار ئىكەن. پاتقاقلىق بىر يەر ئىكەن. بىزلەر سۇغا چۈشۈپ كەتمىدۇق. ئەمما شۇ دېڭىزغا چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتكەن ئاچىلىرىمىز، ئانىلىرىمىز، بالىلىرىمىز بولدى. بىز كەتكەندىن كېيىن كەينىمىزدىن كەلگەنلەر يىغلاپ كەلدى. ئانام ئۆلۈپ كەتتى، بالام ئۆلۈپ كەتتى، دادام ئۆلۈپ كەتتى دەپ كەلدى.

-سىز تونۇيدىغانلارنىڭ ئىچىدە شۇنداق ئۆلۈپ كەتكەنلەر بولدىمۇ؟
-مەن بىلەن چىققانلار ئىچىدە مالايشىياغا كەلگەندە كۆپ ئادەم ئۆلۈپ كەتتى. مالايشىياغا كەلگەن ۋاقتىمىزدا قىزىل دېگەن كېسەل تارقىلىپ كېتىپ، پاسپورت يوق، تالاغا چىقساق، مالايشىيانىڭ ئوغرى ساقچىلىرى پۇلىمىزنى تارتىۋېلىپلا تۈرمىگە تاشلىۋېتىدۇ. دوختۇرخانىغا بارساق، پۇل بەرمىسەك داۋالىمايدۇ، ھەتتا ساقچىنى چاقىرىپ تۇتۇپ بېرىدۇ. بۇنداق بولغاندىن كېيىن مالايشىيادا 20 بالا كۆزۈمنىڭ ئالدىدا ئۆلۈپ كەتتى. بۇ بالىلارنىڭ كىچىكى 3 ياش چوڭى 7 ياش. بىز كېسەل بولۇپ قالغان بالىلارنى مىللىي تېبابەت بىلەن داۋالاپ قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشتۇق، ئەمما كۆپى ئۆلۈپ كەتتى. بىز مالايشىيادا شىپاخانا ئاچقان 20 بالا تۈگەپ كەتتى. بالىلارنىڭ كۆپى كېسەلگە گىرىپتار بولدى. شىپاخانامغا ئېلىپ كەلگەن بالىلارنىڭ كۆپى ئۆلەي دەپ قالغان. يا چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرالمايمىز، يا داۋالاپ ساقايتالمايمىز. ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئىدى.

-سىلەر كۈنمىڭدىن لائوسقا، لائوستىن تايلاندقا، تايلاندتىن مالايشىياغا بارغىچە يوللاردا سىلەرنى كۈتۈۋېلىپ ماڭغۇزغان كىشىلەر خىتايمۇ ياكى شۇ يەردىكى يەرلىك كىشىلەرمۇ؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرسىڭىز؟
-بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن ئىكەن. كۈنمىڭدىكىلەر خىتاي، بۇ خىتايلارنىڭ لائوس ۋە تايلاندلاردا ئادىمى بار ئىكەن. بىز لائوس چېگراسىدىن كىرگەن ۋاقتىمىزدا لائوسلۇقلار كۈتۈۋالدى. بىر كېچە-كۈندۈز پىيادە مېڭىپ لائوس چېگراسىغا كىرگەن ۋاقتىمىزدا ئىككى كىشى كۈتۈۋالدى. ئۇلار بىز لائوسلۇق دېدى. ئۇلار ئىنگلىز تىلىدا سۆزلەيدىكەن. ئۇلار پۇل ئالىدىغان بولغاچقا كەلگەن كىشىلەرنى ساناپ ئۆتكۈزۈۋالىدىكەن. ئۇلار بىزنى لائوستا بىر ھەپتە ساقلاتتى. ئۇلار خىتاي تىلىنىمۇ بىرئاز بىلىمىز دەيدۇ. بىز بۇ يەرلەردە ئۇيغۇر ئۇچراتمىدۇق. ئۇلار كىملەر بىلەن ئالاقىلىشىدۇ بىلمەيمىز. ئۇلار چوقۇم خىتايدىكى بىزنى يولغا سالغان كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.

-لائوستا قانچە كۈن تۇردۇڭلار؟ ئۇ يەردە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولدۇڭلار؟
-لائوستا 5-6 كۈن تۇردۇق، لائوستا تىجارەت مەركەزلىرىگە ئاپاردى، لائوس تەرەققىي قىلمىغان بىر يەر ئىكەن. ئۇ يەردە ئانچە بەك پاسپورت سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەيدىكەن. بىزنى ساياھەتچى سۈپىتىدە ئېلىپ ماڭدى، نۇرغۇن تەكشۈرۈش بېكەتلىرىدىن ئۆتتۇق، ئەمما ھېچكىم تەكشۈرمىدى. ئەگەر يول توسىدىغان ئادەم چىقىپ قالسا، دەپتەرنىڭ ئىچىگە پۇل قىستۇرۇپلا بېرىدىكەن، تەكشۈرمەيدىكەن. بىز تايلاندقا كەلگەندىن كېيىن بىر قانچە ئۇيغۇرنى كۆردۇق.

‏-ئىمىن قارىم سىلەر تايلاندتا نەچچە كۈن تۇردۇڭلار؟ تايلاند ساقچىلىرى قانداق مۇئامىلە قىلدى؟ مالايشىيا ساقچىلىرىچۇ؟ بۇ دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنى كۆردۈڭلارمۇ؟
-تايلاندتا ئىككى ئاي تۇردۇق. خەلقئارا بىلىپ قالسۇن، ئاۋازىمىزنى ئاڭلىسۇن دەپ دەۋاتىمىز. تايلاندتىكىلەر بۇدىست بولغان بىلەن تايلاندنىڭ ساقچىلىرى پۇل بەر دېمەيدىكەن. پۇل دېمەيدۇ ئۇلار. ئۇلار يا تۈرمىگە سولايدۇ. ئۇلار، يېنىمىزنى ئاختۇرىدىغان، پۇلىمىزنى تارتىۋالىدىغان ئىشلارنى قىلمىدى. تايلاند ساقچىلىرى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلسىمۇ، ئۆز دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە ئىتائەت قىلىپتۇ. مېنىڭ ھەيران قالغىنىم، مالايشىيانى ئىسلام دۆلىتى دەيمىز، مۇشۇنداق مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ ساقچىلىرىنىڭ بىزگە قىلغانلىرىغا قاراپ، مالايشىيانىڭ باش مىنىستىرىغا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ. ئۇ، دۆلەتنى قانداقمۇ باشقۇرۇۋاتقاندۇ؟ بۇنداق بىر دۆلەت قانداقمۇ ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىيالىسۇن. بۇ دۆلەتنىڭ ساقچىلىرى ئۇنچىۋالا چىرىكلىشىپ كېتىپتىكى، بىزنى كۆرگەنلا يەردە بۇلايدۇ. مالايشىيا ساقچىسى مېنى كۆرگەنلا يەردە ئاختۇرۇپ 20 مىڭ دوللار ئەتراپىدا پۇلۇمنى تارتىۋالدى. بەرمىسەڭ تۈرمىگە ئاپىرىپ سولاپ قويىمەن دەپ تارتىۋالدى. مالايشىياغا كەلگەندىن كېيىن كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى كۆردۈم.

ئاقسۇ ئاۋاتلىق ئىمىن قارىمنىڭ چەتئەلگە قېچىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەر توغرىسىدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىدىڭلار، كېيىنكى پروگراممىمىزدا داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.