مۇستافا يىگىت: ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان ۋە تۈركىي خەلق بولغاچقا زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان ئافيون ۋىلايىتىدە «شەرقىي تۈركىستان ۋە كەركۈك مەسىلىسى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى. ئافيونقاراھىسار ياشلار مۇنبىرى تەرىپىدىن چاقىرىلغان يىغىن تۈركىيەنىڭ ئازادلىق مارشى بىلەن باشلاندى.

ئافيونقاراھىسار ياشلار مۇنبىرىنىڭ مەسئۇلى مەمەت ئۆز ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىدا، بۇ خىل يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئافيون خەلقىگە ئاتا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ۋە ئۇلارغا مەنىۋى جەھەتتىنمۇ بولسا ياردەم بېرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئارقىدىن مۇتەخەسسىسلەر ئىراق تۈركمەنلىرى، ئافغانىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. ئافغانىستاندىكى ئۆزبېكلەرنىڭ رەھبىرى راشىت دوستۇمنىڭ ئوغلىمۇ سۆز قىلغان.

بۇ يىغىندا، مۇستافا يىگىت ئەپەندى «يالغۇزلۇققا تاشلىۋېتىلگەن ئاتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا سۆز قىلغان. ئۇ دوكلاتىدا: تۈركلەرنىڭ ئاتا ۋەتىنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بۆشۈكى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىشى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ۋە تۈرك بولغانلىقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

4 يىل تاجىكىستاندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ئوقۇغۇچىلىق يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىپ كېلىۋاتقان مۇستافا يىگىت ئەپەندى، تۈركلەرنىڭ ئاتا ۋەتىنى، تۈركلەرنىڭ تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنى بىلەن نۇرلانغان جايى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىر خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئېغىر بېسىم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

بۇ يىغىنغا سابىق پارلامېنت ئەزاسى مەخمۇت قوچاق ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئۆز سۆزىدە تۈرك ياشلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

«قوجاتەپە.خەۋەر» تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا 26-ئىيۇل كۈنى كەچ ئافيونقاراھىساردىكى ياسەمىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ شەرقىي تۈركىستان ۋە كەركۈك مەسىلىلىرىگە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى، ئەسلىدە مەزكۇر مەسىلىلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسى بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چاقىرىلغان بۇ خىل يىغىنلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بۇ خىل دوكلات بېرىش يىغىنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىرى بولار؟ بۇ خىل يىغىنلارغا تۈركلەرنىڭ كۆپلەپ قاتنىشىشى نېمىنىڭ ئالامىتى؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، بۇ خىل دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيەنىڭ مىللىي دەۋاسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.