7-مارت چارشەنبە كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىرلىكتە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىدىغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى(ئىنتېرپول) تەرىپىدىن ئۆزى ئۈستىدىن چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە مەلۇمات بېرىدىكەن. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندىلەرنى رادىيومىزدا زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆھبىتىمىزدە، ئامېرىكا ئاخبارات كۇلۇبىدىكى بۇ يىغىننىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت پىلانلىرىدىكى مۇھىم بىر كۈن تەرتىپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، بۇ يىغىن ئارقىلىق خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قىلىپ «خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى» دەك ئورگانلارنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇنى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ۋاسىتىسى قىلىۋالغانلىقى، ئۆزى ئۈستىدىكى بۇ تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش يولىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنى، ھەرقايسى خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرى قاتارلىق بىر قاتار ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ جەريانلارنى بىرمۇ-بىر ئاڭلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۈستىدىكى بۇ تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ بىكار قىلىنىشى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شۇنداقلا ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن زور بىر غەلىبە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھەم دۇنيادا ئىقتىسادىي كۈچى ئارقىلىق ھەممىنى بويۇن ئەگدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم بىر سىگنال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر سۆزىدە: «نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىقتىسادى تەسىر كۈچىنى قوللىنىپ، دۇنيا سىياسىتىنى كونترول قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى، دۇنيادا ئورتاق شەكىللەنگەن دېموكراتىك قىممەت-قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى دەسسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى سۇ يۈزىگە چىقىۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ خىتايغا بولغان تونۇشى ئېشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنى بىلىۋاتقانلارمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ» دېدى. شۇڭا ئۇلار بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بەلگىلىك ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆھبىتىمىزدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇندىن كېيىن ھەرقايسى دېموكراتىك ئەللەر ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئورگانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھەم بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدە بېسىم شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ يەنە، ئامېرىكىدا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىنى ئارتقۇزۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر كەڭ كۆلەملىك جامائەت پىكىرى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00