29-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يىغىنىدا، «ھېرمىتەيج سەرمايە باشقۇرۇش شىركىتى» ناملىق ئامېرىكا مۈلك باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ فوندىنىڭ دىرېكتورى ۋىللىيام بروۋدېر، «خادسون ئىنستىتۇتى» ناملىق تەتقىقات ئورنىنىڭ پرېزىدېنتى ۋە باش دىرېكتورى ئېدموند سافرا بىلەن بىرگە، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
«يەر شارى ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق جاۋابكارلىق قانۇنى» ناملىق مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتا «ئافرىقا، يەر شارى سالامەتلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا ئىشلار تارماق كومىتېتى»نىڭ رەئىسى كرىستوفىر سىمىسنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلىدۇ.
«ماگنىستىكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ئەڭ بۇرۇن رۇسىيە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى قوللاشنى نىشان قىلىپ چىقىرىلغان. لېكىن 2015-يىلى 1-ئايدا، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مىككېيىن بىلەن دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېن كاردىن مەزكۇر قانۇننى كېڭەيتىپ، ئۇنى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق جاۋابكارلىق قانۇن لايىھەسىگە ئۆزگەرتىپ ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ گوللاندىيەدە تۇرۇپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
مۇخبىر: 29-ئاپرېل چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىسىز. بۇ گۇۋاھلىق يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ باققان بولسىڭىز؟ يىغىندا قانداق مەسىلىلەرنى سۆزلەيسىز؟
رابىيە قادىر: مەن 29-چېسلا ئەتىگەندە، ئامېرىكا كونگرېسىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق گۇۋاھلىق بېرىمەن.
مۇخبىر: گۇۋاھلىق سۆزىڭىزدە قانداق كونكرېت مەسىلىلەرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىسىز؟
رابىيە قادىر: مەن ۋاشىنگتونغا 28-چېسلا سائەت 3:00 دە بارىمەن. 29-چېسلا ئامېرىكا كونگرېسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋاقىت ئىچىدىكى قاتتىق قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ 2009-يىلدىن كېيىنكى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارغا قانلىق قىرغىنچىلىق قىلغان، گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى تۇتقان، ئۆلتۈرگەن جىنايەتچىلەرنى دۇنياغا شىكايەت قىلىش توغرىلىق گۇۋاھلىق بېرىمەن.
مۇخبىر : گوللاندىيەنى زىيارەت قىلىۋاتىسىز، گوللاندىيەدىكى پائالىيىتىڭىز ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز؟
رابىيە قادىر: مەن گوللاندىيەگە خەلقىمىزنىڭ مۇھىم بىر ئىشى بىلەن، بىر ئۇچرىشىش بىلەن كەلدىم. مەلۇم يەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ، مەلۇم يەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ قايتتىم. مەن بۇ قېتىم ئۆزىمىزنىڭ ئامېرىكىدا ئېچىلىدىغان ئۇيغۇر ياشلار كۇرسىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان جىددىي پەيتتە، گوللاندىيەگە كېلىدىغان بولۇپ قالدىم. بىرىنچى، گوللاندىيەدىكى تەشكىلاتتىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ھەم ئۇلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش، ئۇلار بىلەن مەلۇم مەسىلىلەردە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش. ئىككىنچى، مەلۇم ئورگانلار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىلىق ئۇچرىشىدىغان ئىشلار بولغانلىقى ئۈچۈن گوللاندىيەگە كەلدىم.
مۇخبىر: كېلەر ئاينىڭ باشلىرىدا ۋاشىنگتون ئۇيغۇر ياش ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلىدۇ. بۈگۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن بولغان يىغىنى ئېچىلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئالدىراش، جىددىي مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەتنىڭ ئەھمىيىتى، ئۇنىڭ قانداق مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ باققان بولسىڭىز؟
رابىيە قادىر: د ئۇ ق نىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى خىتايلارنىڭ ياڭ جيەنلى باشچىلىقىدا ئېچىلىۋاتقان يىغىنىغا قاتنىشىۋاتىدۇ. ۋەكىللىرىمىزنى ئەۋەتىپ بەردۇق. لېكىن ئەمدى مەن، ئۇيغۇرلار توغرىلىق ۋە ئۆزۈم توغرىلىق ھەم ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئىشلارنى بېجىرىش توغرا كېلىپ قالدى. شۇنداق بولغاچقا مېنىڭ ھازىر غوللاندىيەگە كېلىشىم، ياۋروپانى زىيارەت قىلىشىم، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن مەن گوللاندىيەگە كېلىپ بۇ سەپىرىمنى تاللىدىم. بۇ سەپىرىمنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور، خۇدايىم بۇيرۇسا، يەنە ئەتە ئۇچىمەن. مەن بىر كۈنلۈكلا سەپەر قىلدىم. ئەتە قايتىپ بارىمەن.
مۇخبىر: ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قانداق جىددىي مەسىلىلىرى بار دەپ قارايسىز؟
رابىيە قادىر : كۆچمەنلەر مەسىلىسى بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قوغداش، ۋەتەندىكى خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىلىرىنىڭ ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلىرىمىزغا داۋاملىق تەھدىت سېلىپ، ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، بۇلارنى ھەر خىل ئىشلارغا مەجبۇرلاش ئەھۋالى بار. كۆرۈشىدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. بۇنى مەن مۇخبىر ئەپەندى قايتىپ بېرىپ تەپسىلىي ئېيتىپ بېرىمەن.
كاردىن بىلەن مىكېيىننىڭ قانۇن لايىھىسىدە، ھەر قانداق دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى شەخس ۋە پارىخورخىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىغا كىرىشى رەت قىلىنىپ، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا بانكا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئىشلىتىشى چەكلەنگەن.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مىككېيىن، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا قىلغان سۆزىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، «بۇ بىرلەشمە قانۇن لايىھە دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى قوللاپ، تۈپ كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىقنىڭ بەدىلى بارلىقىغا مىسال بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىپ، بىزنىڭ چوڭقۇر قىممەت قارىشىمىزنى ئىپادىلەيدۇ» دېگەن.
بېن كاردىن بولسا، بۇ قانۇن «دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلار ۋە چېرىك ئەمەلدارلارغا، قەيەردە بولسا بولسۇن، بىز چېرىكلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا قارشى كۈرەشكە كىرىشكەندە ئاۋازىمىزنىڭ بىردەك ئىكەنلىكىنى ئېنىق ھەم جاراڭلىق ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمەتلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى ۋە چېرىكلىككە قارشى كۈچلۈك قورال بىلەن تەمىنلەيدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.