قىرغىزىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا لاگېرلارغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
2018.12.21
قىرغىزىستاندىكى «قىرق چورو» ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا لاگېرلارغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرى ۋە دۇنياۋى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر-ماقالىلىرى ئارقىلىق دۇنيانى ئويغاتتى. بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ھازىرغا قەدەر سۈكۈتتە تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئاشۇ دۆلەتلەردىكى ئاددىي پۇقرالار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ زەردەپ چېكىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتتى شۇنداقلا داۋاملىق جىم تۇرۇشقا ۋىجدانى يول قويمىدى.
خىتايغا قارشى ھەر خىل كۆلەمدىكى نارازىلىق نامايىشلىرى رۇسىيە فېدىراتسىيەسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا. 20-دېكابىر كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە «قىرق چورو»، يەنى «قىرق ئەسكەر» ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا 150 كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.
رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «قىرق چورو» ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبىرى زامىربېك قوچوربايېف بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن ‹قىرق چورو› ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا 150 كىشىلىك نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نامايىشقا بىز ئۈچ تەلەپ بىلەن چىقتۇق. بىرىنچى بولۇپ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زورلۇق-زۇمبۇلۇقلارنى دەرھال توختىتىشنى ۋە لاگېرلارنى دەرھال يېپىشنى تەلەپ قىلدۇق. ئاندىن ئاشۇ لاگېرلارغا قامالغان قىرغىزلار قانۇنى تەرتىپلەر ئاساسىدا سولانغانمۇ-يوق؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇلار قايسى گۇناھلىرى ئۈچۈن سولاندى دېگەن سوئاللارنى يوللاپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ جامائەتكە ئوچۇق جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. شۇ تەلەپلىرىمىزنى بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىققان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خادىمىغا تاپشۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز يەنە قىرغىز ھۆكۈمىتىگىمۇ ئىككى تەلەپ قويدۇق. بىرىنچىسى، قىرغىزىستاندىكى خىتايلارنىڭ سانىنىڭ زادى قانچىلىك بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ قىرغىزىستاندا قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلىقى، ئەگەر ئۇلار قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان بولسا ئوتتۇز كۈن ئىچىدە دەرھال خىتايغا كەتكۈزىۋېتىشنى تەلەپ قىلدۇق. بىز يەنە ئاخىرقى 10 يىل ئىچىدە قانچىلىك خىتايلارنىڭ قىرغىزىستان پۇقرالىقىنى ئالغانلىقىنى، ۋە ئۇلارنىڭ بۇنى قانداق قانۇنىي ئاساسقا تايىنىپ ئالغانلىقى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بېرىلىشىنى سورىدۇق. بىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، پائالىيەتچىلەر ۋە مەملىكەت خادىملىرىنىڭ بىر قانۇنىي كومىسسىيە تەشكىللەپ، بۇ مەسىلىگە جىددىي رەۋىشتە قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدۇق.»
زامىربەك قوچوربايېف يەنە قىرغىزىستان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشىغا رۇخسەت بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما نامايىشچىلارنىڭ ئۆز ئىرادىسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىشقا چىققانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بىز قىرغىزىستاندىكى خىتاي مەسىلىسى بويىچە 2012-، 2013-ۋە 2014-يىللىرى كۈرەش قىلغان ئىدۇق، بىز قىرغىزىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنىڭ ئىشلەش رۇخسىتى قانۇنىي يول بىلەن ئېلىنغانمۇ-يوق دېگەن مەسىلە بويىچە سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ باردۇق. شۇلارنى تەكشۈرۈپ، ئارىسىدا ھەتتا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلارمۇ بولدى. بۈگۈنكى نامايىشىمىز توغرىسىدا بىز بىشكەك شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىدارىسىگە خەت يېزىپ، ئۇلارغا رەسمىي بىلدۈردۇق. ھۆكۈمەت تەرەپتىن كۆپ توسقۇنلۇقلار بولدى، ئۇلار ھەرگىز خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزمەڭلار، بىشكەكتىكى باشقا مەيدانلارغا چىقىپ ئۆتكۈزۈڭلار دېگەن تەكلىپلەردە بولدى. ئەمما بىز شۇ توسقۇنلۇقلارغا قارىماستىن، ئۆز كۈچىمىز بىلەن ئاخىرى بۇ نامايىشنى ئۆتكۈزدۇق. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ تەلەپلىرىمىزنى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتتۇق. ئەگەردە بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزگە بىر ئاي ئىچىدە قاراپ چىقىپ جاۋاب بەرمىسە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىمىزنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىمىز دېدۇق. مىڭ كىشىلىك نامايىشلارنى ئېلىپ بېرىشقا بىزنىڭ كۈچىمىز يېتىدۇ.»
بۇ ھەقتە قىرغىزىستان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسىنى بىلىش ئۈچۈن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر ئىدارىنىڭ باشلىقى مېدېت تۈركمەنوف بۇ مەسىلىنى ناھايىتى سىلىق دىپلوماتىيىلىك يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بىز تۇيۇقسىزلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ مەسىلىدىكى نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرەلمەيمىز. بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى. ئەلۋەتتە، ئۇ ياقتىكى ئەھۋاللارغا ئىچىمىز كۆيىدۇ، ئەمما ئۇلار ئېتنىك قىرغىز بولسىمۇ، لېكىن قىرغىزىستان پۇقراسى ئەمەس. ھازىرقى ۋاقىتتا خىتاي بىزنىڭ ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچى قوشنىمىز. ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزۇشنى مەن توغرا كۆرمەيمەن، بۇ مېنىڭ شەخسىي پىكرىم. بۇنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەك.»
سىياسىي پەنلەرنىڭ ماگىستىر نامزاتى، «ئىتتىپاق» گېزىتنىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرى رەھىمجان ھاپىزى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان جازا لاگېرلىرىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە قىرغىزىستان پۇقرالىرىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇملارغا قاراپ جىم تۇرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«قىرغىزىستان 24» ۋە «كاتسۇ مېدىيا» قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش قاتناشقۇچىلىرى قاچان تەلەپلىرىگە ئېنىق جاۋاب بېرىلگۈچە بۇ نامايىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پائالىيەتچى باكتىبەك نۇرئالى ئوغلىنىڭ «قىرغىزىستان 24» ئاخباراتىغا بەرگەن مەلۇماتىدا يەنە بىر قانچە مەيدان نامايىش بولىدىغانلىقىدىن سىگنال بەرگەن. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قېرىنداشلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان زورلۇق-زومبۇلۇقلىرىغا يول بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
«سپۇتنىك قىرغىزىستان» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ھۆكۈمەت كۆچمەنلەر بۆلۈمىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ بەرگەن خەۋىرىدە ئاخىرقى سەككىز يىل ئىچىدە جەمئىي 214 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ قىرغىزىستان پۇخرالىقىنى ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 129 نەپىرىنىڭ ئېتنىك قىرغىز ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى، يەنى 2017 يىلىدا قىرغىزىستاندا ئىشلەش رۇخسىتى ئالغان چەتئەللىكلەر 14768 كىشىگە يەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 11593 كىشى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتايلار ئىكەن. ھالبۇكى، 2017 يىلىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشىغۇچى تۈركىي تىللىق مىللەتلەردىن ھېچ بىر كىشىنىڭ خىتاي چېگراسىدىن چىقىشىغا رۇخسەت بېرىلمىگەن.