د ئۇ ق 10 مىڭ كىشىلىك «نامسىز مەھبۇسلار» تىزىملىكىنى توپلىماقتا

0:00 / 0:00

د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، قۇرۇلتاي خادىملىرى بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات توپلاشقا باشلىغان. 29-مارت كۈنى د ئۇ ق يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قايتىدىن سەپەرۋەرلىك قوزغاپ، ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى»، تۈرمە ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى ھەمدە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تىزىملىك خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ دەلىلى ھەمدە 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تاپشۇرۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالدىمىزدىكى ئايلاردا يەنە ب د ت، غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق ئورگانلارغىمۇ يەتكۈزۈلىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ «نامسىز مەھبۇسلار» تىزىملىكى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا تەخمىنەن 1 مىليوندەك ئۇيغۇرنى ئاتالمىش «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» گە يىغىۋالغانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىن تۇتقۇندىكى 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشى د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي خىزمەت كۈنتەرتىپلىرىدىن ئورۇن ئالغان ئىكەن. د ئۇ ق نىڭ تەلىپىگە كۆرە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى پەقەتلا تۇتقۇندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تۇرۇشلۇق ئورنى، تۇتۇلغان ۋاقتى، مۇمكىن بولسا سۈرىتىنى قوشۇپ تەمىنلىسە كۇپايە قىلىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «نامسىز مەھبۇسلار» نىڭ تىزىملىكىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئاساسلىقى 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ۋە ھازىر خىتاينىڭ «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دە ۋە تۈرمىلىرىدە قامىلىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن نەبىجان ئەپەندى بولسا، د ئۇ ق تەلەپ قىلغان «نامسىز مەھبۇسلار» تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش چاقىرىقىنى قوللاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇچۇر توپلاش جەريانىدا ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرى ھەققىدە توختالدى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 28-مارت كۈنى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، مۇشۇ ئاخىرقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە بارلىق قۇرۇلتاي خادىملىرىنىڭ «نامسىز مەھبۇسلار» تىزىملىكى تۇرغۇزۇش خىزمىتىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇندىن ئىلگىرى د ئۇ ق ۋە دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلار «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» گە قارشى ئىمزا توپلاش سەپەرۋەرلىكى ئېلىپ بارغان.