غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئويمانبايتوقاي كەنتىدە 41 نەپەر كىشىنىڭ كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ نەزىرىگە بارمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۆتكەن ھەپتە دۇنياغا ئاشكارىلانغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇلاردىن سالاھىدىن زامان قاتارلىق 18 نەپىرى مۇشۇ ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.
مۇخبىرىمىز قويۇپ بېرىلگەنلەر ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش داۋامىدا ئەينى چاغدا يەنى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا مەزكۇر 41 تۇتقۇننىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىنىڭمۇ ساقچىخانا ئاپىرىپ سوراق قىلىنغانلىقى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قېتىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر ردىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ ئويمانبايتوقايدا تۇتقۇن قىلىنغان 41 سىياسىي مەھبۇستىن 18 نەپىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئارائۆستەڭ يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى 18 نەپەر تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەنلىكى، قالغانلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
ئويمانبايتوقايدىكى بىر مەھەللە باشلىقىمۇ سالاھىدىن زامان قاتارلىق 18 نەپەر تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما ئۇمۇ بۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش سەۋەبىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
يەنە بۇ مەھەللە باشلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئاۋۋال مەزكۇر 41 مەھبۇس تۇتقۇن قىلىنغاندا ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمۇ ساقچىخانىغا ئاپىرىپ سوراققا تارتىلغان ۋە ئۇلار دىنىي پائالىيەتكە قېتىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. نارەسىدە بالىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ سوراق ئۇلارنىڭ روھىي كەيپىياتىغا قاتتىق تەسىر قىلغان.
يەنە بىر ساقچى خادىمىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىمام ئەنۋەر ھەسەن، مەزىن ئەكبەر نەسىردىن قاتارلىق 23 تۇتقۇن داۋاملىق ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلار كومپارتىيە ئەزاسى ھارۇن دېگەن كىشىنىڭ نەزىرىگە بارمىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاتالمىش جىنايىتى ئۈچۈن ئۇلارغا قانداق جازا بېرىلىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
0:00 / 0:00