قاراقاشنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا بىر مەھەللىدىكى ئەرلەر نەزىرگە قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان

0:00 / 0:00

ئاشكارىلىنىشىچە، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ پۇرچاقچى يېزا باشقۇدۇقلا كەنت 5-مەھەللىسىدىكى ئەر جامائەت مەھەللىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر نەزىرگە قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ۋە ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئەۋەتىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا نىيە ناھىيىسىنىڭ روقىيا يېزا ئاشما كەنتىدىمۇ ئۆتكەن ئايدا نەزىرگە قاتناشمىغان كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ پۇرچاقچى يېزا باشقۇدۇقلا كەنتىنىڭ 5‏-مەھەللىسىدە، مەھەللىدىكى ئەر جامائەت بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەھەللىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر نەزىرگە قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن «دىنىي ئەسەبىيلىك» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. مەزكۇر مەھەللە ئاياللار مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇلار نۆۋەتتە قاراقاش ناھىيىسىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يېزىلىق ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. روقىيا يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى مەزكۇر يېزىنىڭ ئاشما كەنتىدە نەزىرگە قاتناشمىغانلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى يۈز بەرگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا خوتەندە داۋام قىلغان كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن سەۋەبىدىن پۇرچاقچى يېزىسىنىڭ ھەرقايسى مەھەللىرىدە ئەرلەر ئاساسەن دېگۈدەك قالمىغانلىقى، مەھەللىنىڭ پۈتۈن ئېغىر-يېنىك ئىشلىرىنى، جۈملىدىن ئېغىر دېھقانچىلىق ئەمگەكلىرىنى ئاياللارنىڭ قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.

قاراقاشنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا 2013‏-ۋە 2014 ‏-يىللىرى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئارقىمۇ-ئارقا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن. خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيەسى پۇرچاقچىدىكى ئاتالمىش «تېررورچىلارنى تۇتۇش ئوپېراتسىيەسى» گە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. پۇرچاقچى يېزىسى 28 كەنت، 32 مىڭ نوپۇستىن تەشكىللەنگەن. نۆۋەتتە بۇ يېزىدىن 4 مىڭچە كىشى ئاتالمىش «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دە سولىنىپ ياتماقتا. پۇرچاقچى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەر، نەزىرگە قاتناشمىغانلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە مەھەللىدە ئەر قالماسلىقتەك ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشى خىتاينىڭ مەزكۇر يېزىدا ئالدىنقى يىللىرى يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قاراشماقتا.