«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى، «ئالتۇن تارىم» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى نىياز قاھارنىڭ نۆۋەتتە شىخۇ تۈرمىسىدە 13 يىللىق جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانىسى مەريەمخان يەنە بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئاشكارا قىلدى.
تۆۋەندە ئاڭلايدىغىنىڭلار ۋىجدان مەھبۇسى نىياز قاھارنىڭ ئانىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىمىزنىڭ خاتىرىسىدۇر.
مۇخبىر: ھازىر ئوغلىڭىز نىياز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۈرمە شىخۇ شەھەر ئىچىدىمۇ ياكى شەھەر سىرتىدىمۇ؟
مەريەمخان: تۈرمە شىخۇ شەھەر سىرتىدىكى سايلىقتا، شەھەر مەركىزىدىن قاتناشقا ئولتۇرغاندا يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ماڭىمىز.
مۇخبىر: تۈرمىگە قارايدىغان ساقچىلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بارمىكەن ياكى ھەممىسى خەنزۇ ساقچىلارمىكەن؟
مەريەمخان: تۈرمە ساقچىلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ساقچىلارمۇ، خەنزۇ ساقچىلارمۇ بار ئىكەن، قازاق ساقچىلارنىمۇ كۆردۇق.
مۇخبىر: ئوغلىڭىز نىياز قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەرەپتىن، بولۇپمۇ خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئائىلەڭلارغا بېسىم كېلىدىغان ئەھۋاللار بولدىمۇ؟
مەريەمخان: ئوغلۇم قولغا ئېلىنىپ ئۇزاق بولمىغان ۋاقىتلار ئىدى. بىزنىڭ شەھەر سىرتىدا بىرقانچە مو تېرىلغۇ يېرىمىز بار ئىدى. ئۆيدە ئەمگەك كۈچىمىز بولمىغاچقا، مەن مېڭىسىگە قان چۈشۈپ يېرىم پالەچ بولۇپ قالغان يولدىشىمنى ئېلىپ ئېتىزلىقتىكى ئىككى ئېغىز ئۆيىمىزگە كۆچۈپ چىقتىم. بىر كۈنى دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپ كەتكەن ئىدىم. بالىلارنىڭ دادىسى ئېتىزلىقىمىزدىكى ئۆيدە يالغۇز قالغان ئىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا، قۇمۇل ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن بىر پىكاپ بىزنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ئاشۇ ئۆيىمىزگە ئىزدەپ چىقىپتۇ. ئۇلار ئوغلۇمنىڭ دادىسىغا بىرمۇنچە تەھدىت سېلىپ، كېسەل ھالەتتە ياتقان كىشىنى قورقۇتۇپ تاشلاپتۇ. مەن دوختۇرخانىدىن ئۆيگە قايتىپ چىقسام، يولدىشىمنىڭ ئەھۋالى باشقىچە، تولىمۇ قورقۇپ، جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ. نېمە بولغانلىقىنى سورىسام، خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن ساقچىلارنىڭ چىققانلىقىنى ئېيتتى. بەكمۇ غەزەپلەندىم، كۆزۈمگە ھېچنېمە كۆرۈنمىدى. ئۇدۇل شەھەر ئىچىگە كىرىپ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى (ئەنچۋەنجۈ) نى سۈرۈشتۈرۈپ تاپتىم. بىزنىڭ ئۆيگە بارغان مەسئۇل ساقچى بىلەن زاكۇنلاشتىم. مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: «ھەرقانداق ئەھۋال بولسا ئالدى بىلەن بىزنىڭ كەنت مەسئۇللىرى بىلەن سۆزلىشىپ، ئائىلىمىزدىكى ساق ئادەملەرنى چاقىرتىپ سۆزلەشسەڭلار بولماسمۇ؟ يولدىشىم ئوغلۇمنىڭ دەردىدە مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ بولدى، ھازىر يېرىم جان بولۇپ ياتىدۇ. مۇشۇ يەتمىگەندەك، يەنە ئائىلىمىزدىن ھېچكىمگە ئالدىن خەۋەر قىلىپ قويماي ئۆيىمىزگە باستۇرۇپ چىقىپ كېسەل ھالەتتە ياتقان كىشى قورقۇتۇپسىلەر. مەن ئوغلۇمنى 18 يىل ئوقۇتۇپ، ياراملىق ئادەم قىلىپ ھۆكۈمەتكە تاپشۇرغان. ئۇنىڭغا مۇخبىرلىق ھوقۇقنى ھۆكۈمەت ئۆزى بەرگەن. ئۇنىڭ قانداق جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئائىلىمىزدىن ھېچكىم بىلگەن ئەمەسمىز. ئوغلۇم نېمىلا بولمىسۇن، جۇڭگو گىراجدانى. مەن سىلەرگە دەپ قوياي، بۇ ئىش يەنە تەكرارلىنىدىغان بولسا، مەن يولدىشىمنى ھارۋىغا بېسىپ ئىدارەڭلارغا ئەكېلىپ قويىمەن. ئۇنى پالەچ قىلىپ كېسەل قىلغاندىكىن بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستۈڭلارغا ئالىسىلەر. مەن ئىككىنچى قېتىم سىلەرنىڭ ئائىلىمىزنى يەنە پاراكەندە قىلىشىڭلارنى خالىمايمەن!»
مۇخبىر: ئۇلار نېمە مەقسەت بىلەن ئۆيىڭىزگە ئىزدەپ چىقىپتىكەن؟
مەريەمخان: مەنمۇ تەپسىلاتىنى ئېنىق بىلەلمىدىم. يولدىشىم بەك قورقۇپ كەتكەچكىمۇ ياكى مېنى قورقۇپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرىدىمۇ، ئۇلارنىڭ نېمە سورىغانلىقىنى ماڭا تەپسىلىي دەپ بەرمىدى. پەمىمچە، ئۆيىمىزگە كىملەرنىڭ كېلىپ-كېتىۋاتقانلىقى ۋە ئوغلۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سورىغان بولسا كېرەك.
مۇخبىر: ئوغلىڭىز قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ساقچى تەرەپتىن ئۆيىڭىزگە كىملەرنىڭ كىرىپ-چىقىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان «كۆز-قۇلاقلار» نىڭ بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟
مەريەمخان: ئېنىق بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. ئۆيىمىز چوڭ يول بويىدا، ئائىلىدىكى ھەممىمىز ئوغلۇمنىڭ دەردىدە جىددىيچىلىك ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. كىملەرنىڭ قانداق مەقسەت بىلەن ئۆيىمىزگە كىرىپ-چىقىدىغانلىقىنى بىر خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ.
مۇخبىر: ئوغلىڭىز نىياز ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغان ۋە ئالىي مەلۇمات ئالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك بىر زىيالىي. سىز بىر ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئوغلىڭىزنىڭ 13 يىل كېسىلگىدەك بىر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئىشىنەمسىز؟
مەريەمخان: بىز ئوغلىمىزنى 18 يىل ئوقۇتۇپ ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلىگەن. ئۇنىڭ قانداق جىنايەت ئۆتكۈزۈپ مۇشۇنداق ئېغىر جازاغا تارتىلغانلىقىنى بىلمەيمىز. ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرى ئادىل دەپ ئىشىنىپ كەلگەن ئىدۇق، قېنى، ئەگەر ھەقىقەتەن ئادىل بولسا، بىر كۈنى ھەممە ئىشلار سۈزۈلۈپ چىقار دەپ ئولتۇردۇق.