13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋىجدان مەھبۇسى نىياز قاھار ئەسلىدە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ ياش مۇخبىرى ئىدى.
ئۇ 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا «ئالتۇن تارىم» تور بېتىنى قۇرۇپ، ئۇنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئىلمىي، ئەدەبىي، تارىخىي ۋە ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان.
«5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئارىدىن 21 كۈن ئۆتكەندە، يەنى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ياش مۇخبىر نىياز قاھار ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن يوشۇرۇنچە تۇتۇپ كېتىلگەن.
شۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى بىر يىلغىچە ئالالمىغان، ھەتتا ئۇنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان. ھالبۇكى، ئارىدىن بىر يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپ، 2010-يىلىنىڭ ياز مەزگىلىگە كەلگەندە ئائىلىسىدىكىلەر ئاندىن ئۇنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئۇققان.
ئۇنىڭ قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دادىسى بۇ كۈتۈلمىگەن زەربىدىن يىقىلىپ چۈشكەن ھەمدە مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ بولۇپ قالغان. ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەندە ئالەمدىن ئۆتكەن.
يالغۇز ئانا مەرىيەمخان تۈرمىدىكى ئوغلىنى كۈتۈپ 6 يىلنى ئۆتكۈزگەن. يىلدا بىر قېتىم شىخو تۈرمىسىگە بېرىپ ئوغلى بىلەن ئاران 15 مىنۇتتىن كۆرۈشۈپ تۇرغان.
ۋىجدان مەھبۇسى نىياز قاھارنىڭ ئانىسى مەرىيەمخان تۈرمىدىكى ئوغلىنىڭ يېقىندا توپ-توغرا 40 ياشقا كىرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا شىخۇ تۈرمىسىگە بېرىپ ئەينەك توسۇقنىڭ ئىچىدىكى ئوغلى بىلەن ئاران 15 مىنۇتچە كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نىياز قاھارنىڭ سىڭلىسىمۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاكىسى تۇتۇلۇپ 6 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ زادى 13 يىل تۈرمە ئازابى تارتقۇدەك قانداق «جىنايەت» ئۆتكۈزگەنلىكى تېخىچە ئۆزلىرىگە قاراڭغۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋىجدان مەھبۇسى نىياز قاھارنىڭ ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان دوستلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ھېسسىياتى ۋە ئويلىغانلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.