نورۋېگىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2014.08.11
norwegiye-xitay-bayraq-koydurush.jpg ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بارغان قوراللىق باستۇرۇشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈردى. 2014-يىلى 8-ئاۋغۇست، نورۋېگىيە.
RFA/Aygul

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى ۋاقىتنىڭ ئىنتايىن قىسقا بولۇشىغا قارىماي جىددىي ھالدا تەشكىللەش ئېلىپ بېرىپ، 8-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى پايتەخت ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق نوپۇزلۇق تەشۋىقات ۋە ئۇچۇر مەنبەلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا ئىشەنچلىك خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار «بۇ قانلىق ۋەقەلەرگە بولغان غەزەپ- نەپرىتىنى ئىپادىلەش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ شەكىلدە ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈش ھەم ئۆز ھەق -ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قان تۆكۈۋاتقان، ئۆلۈۋاتقان، تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىش» مەقسىتىدە ئىش كۈنى بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

گەرچە بۇ قېتىملىق نامايىش 5-ئىيۇلنى خاتىرىلەش نامايىشى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمىگەن بىر ئارىلىقتا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ۋەتەننىڭ غېمىنى ئۆز غېمى، ۋەتەن ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمەتنى ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بۇرچى دەپ ھېسابلىغان ئۇيغۇرلار ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي پايتەخت ئوسلوغا جەم بولۇپ، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە خىتايغا قارشى ھەر خىل شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا مەردانە سەپ تۈزۈپ ھەيۋەتلىك شوئارلارنى توۋلاپ، خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان خىتايلارنىڭ يۈرىكىگە ئەنسىزلىك سېلىپ دېرىزىلىرىنى ئېتىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى.

جامائەت ۋەكىللىرىدىن ئۆمەر ھاجى ئېلىپ كەلگەن خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىغا گەرچە ساقچىلار رۇخسەت قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا لەنەت-نەپرەتلەر بىلدۈرۈلۈپ، يىرتىلىپ ۋە تۈكۈرۈلۈپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈلدى. بايراق كۆيدۈرۈش ئۈچۈن رۇخسەت ئېلىش كېرەكلىكىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ساقچىلارغا ئۆمەر ھاجى بىرىنچىدىن، رۇخسەت ئېلىشقا ۋاقىتنىڭ يار بەرمىگەنلىكىنى، ئىككىنچىدىن، بىگۇناھ قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھەق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ھېسسىياتىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا نورمالدا قويۇلىدىغان جەرىمانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشچىلار «خىتايلار ۋەتىنىمدىن چىقىپ كەت»، «خىتاي تېررورچى»، «شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ۋەتىنىدۇر»، «خىتاي بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختات»، «بىزگە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتيە كېرەك» دېگەندەك تۈرلۈك مەزمۇندىكى شوئارلارنى توۋلاپ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە، نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان ئىبراھىم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ ئۆتتى.

تەشىلات رەئىسى نىغمەت ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز ھېسسىياتىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

بۈگۈنكى نامايىشتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە چۈشەندۈرۈشلەر يېزىلغان تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىمۇ تارقىتىلدى. نامايىشتا جامائەت ۋەكىللىرى ۋە دىنىي زاتلار تۈرلۈك مەزمۇندا نۇتۇقلار سۆزلەپ «تاكى شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولغانغا قەدەر ۋەتەن ئۈچۈن بولىدىغان كۈرەشتە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز زېممىسىدىكى ئېغىر ۋەزىپىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى،ۋەتەن ئاسمىنىدا ئازادلىق تېڭى ئاتماي تۇرۇپ چەتئەلدىكى ھېچبىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە ۋە ھاياتىدا تىنچلىق بولمايدىغانلىقى» قاتارلىقلارنى سىياسىي، دىنىي ۋە تارىخى مىساللار بىلەن شەرھلەپ ئۆتتى.

8-ئاۋغۇست كۈنى نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشى ساقچىلارنىڭ تەرتىپ ساقلىشى بىلەن شۇ كۈندىكى كۈن-تەرتىپلەرنى تولۇق ئورۇنداپ چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەر بىلەن ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.