نورۋېگىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

بۈگۈن، يەنى 1-ئۆكتەبىر كۈنى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى پايتەخت ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

بۇ قېتىمقى نامايىش خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا 68 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كەلگەن مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلدى.

نامايىش ئوسلو ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 دا باشلىنىپ سائەت 3:30 دا ئاخىرلاشتى. نامايىشقا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلدى. پايتەخت ئوسلو ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئۇيغۇر جامائىتى نامايىشقا ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «گەرچە بۈگۈن ئوسلودا ھاۋا يامغۇرلۇق ۋە بورانلىق بولسىمۇ، ئەمما نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە نامايىشنى قوللىدى ۋە قاتناشتى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە بولغان مەسئۇلىيىتىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالمىغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى.»

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ خىتايغا قارشى نامايىشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئەمەلىي قارشىلىق كۆرسىتىش مەيدانى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نورۋېگىيەدىكى پېشقەدەم ئۇيغۇرلاردىن 70 ياشلىق ئۆمەر ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ قاراڭغۇ يىللىرىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇخلاپ ياتماسلىقىنى چاقىرىق قىلدى.

ئاخىرىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن خەلچەم خانىم نورۋېگىيەنىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن نامايىشچى ئاممىغا بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. ئۇ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە چاقىرىق قىلىپ، «گەرچە بىز ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ۋەتىنىمىزنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك،» دېدى.