نورۋېگىيىدە «5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار 5 - ئىيۇل ئوسلو كوچىلىرىدا لوزۇنكا - پلاكاتلارنى كۆتۈرتۈپ ئايلىنىپ نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملارنى ئاڭلاتتى ۋە خىتاينى ئۇيغۇرلار قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەر يىلقىغا ئوخشاش 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش بولۇپ، قوللىرىدا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق بايراق ۋە پلاكاتلارنى كۆتۈرگەن يۈزگە يېقىن ئۇيغۇرلار مەركىزى پويىز ئىستانسىسى، ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ يىغىلىدىغان كارىل جوھان كوچىسى ۋە شۇنداقلا دېڭىز بويىغا جايلاشقان نوبېل تىنچلىق سارىيىنى نامايىش قىلىش مەركىزى قىلىپ بېكىتىپ، بۇ جايلاردا بىر تەرەپتىن خىتايغا قارشى ھەر خىل شوئارلارنى توۋلىسا يەنە بىر تەرەپتىن تەشۋىق ۋەرەقىلىرىنى تارقاتتى.

نورۋېگىيە ۋاقتى سائەت 14.00 باشلانغان نامايىش سائەت 16.00 لەر بىلەن پىلانلانغان بارلىق كۈنتەرتىپلەرنى تۇللۇق تاماملىنىپ ئاخىرلاشتى.

پەرھات ياقۇپ ئەپەندى نامايىش باشلىنىشتىن ئىلگىرى مۇنداق سەپەرۋەرلىك نۇتقى سۆزلىدى.

نامايىشچىلار قوشۇنى پايتەخت ئوسلونىڭ ئەڭ چىرايلىق ساياھەت ئورۇنلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان دېڭىز بويىغا كېلىپ توختاپ نامايىشنى قىزىقىپ كۆرۈۋاتقان ھەرقايسى مىللەت كىشىلىرىگە يەنە تەشۋىق ۋەرەقىلىرىنى تارقاتتى، كۆپلىگەن ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىك نورۋېگلارنىڭ قىزىقىپ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.