قەشقەر ئاۋات يېزىسىدىكى نۇرىمانخان ئانىنىڭ ئوغلى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن

0:00 / 0:00

نورۋېگىيە ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندىن بۇيان رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ئاۋات يېزىسى يالاڭ كەنتىدىكى 72 ياشلىق نۇرىمانخان ئانىنىڭ ئوغلى مەمەت ئەزىز بۈگۈن چۈشتە تۆت نەپەر ساقچى تەرىپىدىن ئۆز ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.

ۋەقەدىن خەۋەردار بولغان نورۋېگىيە ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدىكى ئۇستاز تۇرغۇنجان ئەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە قىسقىچە توختالدى.

بىز تۇرغۇنجان ئەمەتنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن قەشقەر ئاۋات يېزىسى يالاڭ كەنتتىكى نۇرىمانخان ئانىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىدۇق.

بىز ۋەقە ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەزى بىر ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئاۋات يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە يالاڭ كەنتىدىكى ساقچى ئالىمجانغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.