تۇتقۇن نۇرمەمەت ئابلىكىم ئىككى ئايلىق قاماقتا پارالىچ بولۇپ كېپىللىككە قويۇۋېتىلگەن

0:00 / 0:00


خىتاي غەلىبە قازانغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى ئۇيغۇر رايونىدا كۆپلگەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلماس جاراھەت قالدۇرغان بولسا، بەزىلەرنىڭ، بولۇپمۇ دولقۇندا بىۋاستە زەربىگە ئۇچرىغانلارنىڭ قەلبىدىلا ئەمەس، ۋۇجۇدىدىمۇ ئېغىر جاراھەت ۋە جاراھەت ئىزلىرىنى قالدۇرغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، بۇلتۇر 3 - ئايدا نامەلۇم گۇمان بىلەن تۇتۇلۇپ گۇناھسىزلىقى ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن نۇرمەمەت ئابلىكىم، 22 - ماي ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىدىن كېيىن باشلانغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا قايتىدىن تۇتۇلغان. قاماقتا بېشىغا نېمىلەر كەلگەنلىكى تېخى ئاشكارىلانمىغان نۇرمەمەت ئابلىكىم، قامىلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن پارالىچ ھالەتتە ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان. ساقچىلار سۆز ۋە ھەرىكەتتىن پۈتۈنلەي قالغان نۇرمەمەت ئابلىكىمنى ئائىلىسىگە تاپشۇرغاندا كېپىللىككە قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، مەزكۇر ئائىلىدىن 10 مىڭ سوم پۇل ئالغان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، قاغىلىق ناھىيە سايباغ يېزا ھويلا كەنتى ئاھالىسى، تۇتۇلۇشتىن ئاۋۋال ھېچقانداق سالامەتلىك مەسىلىسى بولمىغان تۇتقۇن نۇرمەمەت ئابلىكىم قاماقخانىدا ئىككى ئاي ئىچىدىلا پارالىچ بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھىيىلىك دوختۇرخانا بۇ كېسەلنىڭ ساقايمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. تەلىيىگە نۇرمەمەت ئابلىكىم مەلۇم دەرىجىدە ئەسلىگە كەلگەن، ئەمما ساغلام بىر بەدەندە ئىككى ئاي ئىچىدىلا يۈز بەرگەن بۇ چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبى سىرلىق: قاتتىق بىر قېيىن - قىستاقمۇ؟ ئېغىر بىر روھىي بېسىممۇ؟ خاتا بىر ئوزۇقمۇ؟ ۋە ياكى ئائىلىسىگە مەلۇم بولمىغان تۈرمىدىكى خاتا بىر داۋالاشمۇ؟ مانا بۇلار، نۆۋەتتە نۇرمەمەت ئابلىكىمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان ۋە مەھەھەللە - كويلىرىنى ئويغا سېلىۋاتقان سوئاللار، ئەمما رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمكى ھېچكىم خىتاي دائىرىلىرىدىن بۇ سوئاللارنى سوراشقا ھوقۇقلۇق ئەمەس.