فرانسىيە ۋە ئاۋسترالىيەلىك ئىككى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىگە ئۇيغۇر ئەرزدارلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئۇچتۇرپان ساقچىلىرى دەۋاگەر نۇرۇنگۈل توختىنى ئىزدەپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئايلىقى 5000 سوملۇق خىزمەت تەكلىپى سۇنغان.
ئىلگىرى ئۇچتۇرپاننىڭ يېڭىئاۋات يېزىسىدا ئىككى يىل سىياسىي قانۇن خىزمىتىنى ئىشلەپ كۆرگەن ۋە ھەقسىزلىكلەررنى كۆرۈپ خىزمىتىدىن ۋاز كەچكەن نۇرۇنگۈل توختى، بۇ قېتىمقى تەكلىپنىمۇ كەسكىن رەت قىلغان. ئۇ يېزىلىق سىياسىي قانۇن سېكرېتارى ۋە ساقچىخانا باشلىقىنىڭ مەزكۇر تەكلىپىگە «مەن بىر مۇسۇلمان خوجايىننىڭ ئاشخانىسىدا ئايدا 500 سوم مائاش ئېلىپ ئىشلەشكە رازىمەن، ئەمما ئايلىقىمغا 5 مىڭ سوم بەرسىمۇ ھۆكۈمەتكە ئىشلەشكە رازى ئەمەسمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر. ا
0:00 / 0:00