پرېزىدېنت ئوباما خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەت ھارپىسىدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئوبامانىڭ يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
7-ۋە 8-ئىيۇن كۈنلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى بىر كىچىك بارازدا ئۇچۇرۇشۇپ، سودا، ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە، بىخەتەرلىك، تور جاسۇسلۇق مەسىلىسى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق، شىمالىي كورېيە، ئىران قاتارلىق ئىختىلاپتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى سۆزلىشىدۇ.
پرېزىدېنت ئوباما كالىفورنىيە ئۇچرىشىشىدا كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. ئاق ساراي باياناتچىسى، كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا-خىتاي ھەر دەرىجىلىك باشلىقلار سۆھبىتىدە ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ۋە داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن. بىراق، ئوبامانىڭ بۇ مەسىلىنى قايسى شەكىلدە ۋە قانداق توندا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى مەجھۇل.
بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشى ۋە يۈز خاتىرە قىلماسلىقى كېرەك.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئوباما-شى جىنپىڭ سۆھبىتى ئامېرىكا بىلەن ياخشىراق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ پەقەت ياخشى سۆزلەرنى قىلىش بىلەن بولمايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئەمىلى تەدبىر قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتىكى ھالقىلىق پەيت، دەپ كۆرسەتتى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى سوفىيە رىچاردسون خانىم ئەسكەرتىپ، پرېزىدېنت ئوباما ئاساسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە يۈز-خاتىرە قىلماي كەسكىن سىگنال بېرىشى كېرەك. ئەدلىيە مۇستەقىللىقى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ئىپادە ئەركىنلىكى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قاراش لازىم، دېگەن.
دوكتور رىچاردسون، 3-ئاپرېل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى»نىڭ 24 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئوباما-شى جىنپىڭ سۆھبىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئوبامانىڭ قانداق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىغا قىزىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ : ئامېرىكا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ۋە ئادالەت مەسىلىسىگە قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كەلدى. بىز ب د ت دا شىمالىي كورېيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىزنىڭ رۇسىيە توغرىلىق ماگنەتىسكىي قانۇنىمىز بار. بۇ بىزدە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىدىكى كونكرېت كىشىلىك ھوقۇق پىلانى قانداق، دېگەن قىزىقىشنى قوزغىماقتا. پرېزىدېنت ئوباما ئۆز ھوقۇقىنى قوللىنىپ قولغا ئېلىنغان سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلامدۇ؟ ئۇ، چېن گۇاڭچېڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە پاراكەندىچىلىك سالغان شەندۇڭ دائىرىلىرىنى ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىپ، ئامېرىكىغا كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك، دەمدۇ؟ ئوباما شى جىنپىڭغا «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نى تەكشۈرۈشنى ئېيتامدۇ؟ ياكى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دە ئۆلگەنلەرنى خاتىرىلەشكە يول قويۇشنى تەلەپ قىلامدۇ؟ شى جىنپىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېڭى مۇناسىۋەت تىكلەشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقى بىلەن يېڭى مۇناسىۋەت ئورناتماي تۇرۇپ، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ناھايىتى قىيىن، دەپ كۆرسەتتى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، نوپۇس تۈزۈمىنى ئىسلاھات قىلىشنىڭ بېشارىتىنى بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولمىغان.
ئۇنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تەكىتلەپ، بىر قانچە ئەمەلدارنى تەكشۈرگەنلىكى، قانۇنسىز بايلىق توپلاش، يەپ-ئىچىشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېيجىڭ، جياڭشى قاتارلىق يەرلەردە نامايىش قىلىپ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى، ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان پائالىيەتچىلەرنى باستۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە قاتناشقان تىبەتلەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، قولغا ئالغانلىقى، ئۇلارنى جازالاپ، دەرد-ئەلىمىگە قۇلاق سالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكىدىكى «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» ناملىق خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى دوكتور ياڭ جيەنلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ئوباما كالىفورنىيە ئۇچرىشىشىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويمىسا، بۇ خىتاي يېڭى رەھبەرلىرىگە خاتا سىگنال بېرىدۇ.
ياڭ جيەنلى 3-ئاپرېل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە بۇنى تەكىتلەپ: بۇ جۇڭگو رەھبەرلىرىگە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ دەرىجىسى ئاساسەن ئۇنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە سىگنال بېرىشنىڭ ياخشى پەيتى. يەنى ئۇنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتىدە خەلقئارا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق نىزامىغا ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىغا باغلىق. پرېزىدېنت ئوباما كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، بۇ خىتاي يېڭى رەھبەرلىرىگە ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسى ھەققىدە خاتا سىگنال بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بىز ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ئىقتىسادىي، سودا ئالاقىسى قىلىشىغا، شىمالىي كورېيە ۋە باشقا بىخەتەرلىك مەسىلىرىدە ھەمكارلىشىشىغا قارشى ئەمەس. بىز پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى باشقا مەسىلىلەرگە ئوخشاش سەزگۈرلۈك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ئۇنىڭ بەزى مۇھىم مەھبۇسلارنىڭ دېلولىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت، دەپ كۆرسەتتى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ بىلەن ليۇ شاۋبو، گاۋ جىشىڭ، چېن گۇاڭچېڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مەسىلىسىنى سۆزلىشىشكە چاقىردى. ئوبامانىڭ دەرھال ئامېرىكىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشنى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆھبەت ئېلان قىلىشنى ۋە مىكرو بلوگ ئارقىلىق خىتايغا تارقىتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ سابىق مەسئۇلى دەيۋىد ئەيكماننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سابىق جەنۇبىي ئافرىقا ئىرقچى ھۆكۈمىتىنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە يارىشىش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا تارىخىدىن ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن نەرسە بار. جەنۇبىي ئافرىقا ئىرقىي ئايرىمىچى ھۆكۈمىتى يىقىلغاندا نۇرغۇن قارا تەنلىك ئافرىقىلىقلارنىڭ ئۆزى ئۇچرىغان مۇئامىلىگە قاتتىق ئاچچىقى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە يارىشىش كومىتېتى قۇرۇپ چىقتى. سىز ھازىرقى زامان خىتاي تارىخىنى ئوقۇسىڭىز بىر نەرسە ئېنىقكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى خىتاي خەلقىنى ئېغىر پەرىشانلىققا سالغان. بۇ مۇتلەق زوراۋانلىق ۋە قورقۇنچتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن-بىر يولى، يارىشىش كومىتېتى قۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيىسىنى سادىر قىلغان جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىشتۇر.