1 - ئاپرىل كۈنى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە «بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىز» دېگەن سەرلەۋھىدە ئاتالمىش قەھرىمانلارنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015 - يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر رايونى بويىچە 39 نەپەر ساقچى خادىمى خىزمەت ئۈستىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان، بۇلارغا ئىنقىلابىي قۇربان دەپ نام بېرىلگەن ۋە بۇلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىرىلغان. ئەمما مۇخبىرىمىزنىڭ ساقچىخانىلارغا قارىتا تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىلارنىڭ ئاتالمىش 39 نەپەر «قەھرىمان» دىن ئەخمەتنىياز توختىنىيازدىن باشقا ھېچقايسىنىڭ كىملىكى ۋە ئىش - ئىزلىرىنى بىلمەيدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ھۆرمەتلىك رادىۇو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، 2015 - يىلى خىتاي بويىچە خىزمەت ئۈستىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ساقچىلارنىڭ سانى 438 نەپەر، بۇلاردىن 35 نەپىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج چ ساھەسىدىن، 4 نەپىرى بولسا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارميىسى تەۋەلىكىدىن. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ياكى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىنقىلابىي قۇربان دەپ نام بېرىلگەن. بىز بۇ 39 نەپەر ئاتالمىىش قەھرىماننىڭ ساقچى خادىملىرى ئارىسىدىكى تەسىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بىر قىسىم ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى زىيارەت خاتىرىلىرىدىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى خادىملىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ساقچىلار مەزكۇر ئاتالمىش قەھرىمانلارنىڭ كىملىكىدىن ۋە ئىش - ئىزلىرىدىن ئاساسەن خەۋەرسىز. بۇ خەۋەرسىزلىك، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ساقچى خادىملىرىدىنمۇ يوشۇرغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى بۇ ئاتالمىش قەھرىمانلارنىڭ تۆۋەندىكى ساقچىلارنى تەسىرلەندۈرگۈدەك، ھېچ بولمىدى دېگەندە ئېسىدە قالغۇدەك ئىش - ئىزلىرى يوق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ بۇ ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
0:00 / 0:00