خىتاي ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى بەرگۈچى دۆلەت، دەپ قارالغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.04.07
sot-olum-jaza-uyghur-5-iyul.jpg CCTV خەۋىرىدە بېرىلگەن، 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان كۆرۈنۈش. 2009-يىلى 15-ئۆكتەبىر.
AFP

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2015-يىللىق دوكلاتىدا دۇنيا مىقياسىدا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشتا يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەڭ كوپ ئۆلۈم جازاسى بەرگۈچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 6-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن 2015-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيا مىقياسىدا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنىڭ 1989-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ياراتقانلىقىنى، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، ئۆتكەن بىر يىلدا ئاز دېگەندە 1634 كىشى ئۈستىدىن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى، 2014-يىلغا سېلىشتۇرغاندا 50% ئاشقانلىقىنى، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنىڭ 90% تىنى ئىران، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 25 دۆلەت تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ئىشلىرى دۆلەت مەخپىيەتلىكى سانالغاچ، ئېنىق بىر سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشكىلى بولمايدىكەن، ئەمما ئاز دېگەندە بىرقانچە مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقىنى، خىتايدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ باشقا بارلىق دۆلەتلەردە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدىكەن.

ب ب س نىڭ 6-ئاپىرىلدىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشتا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن. خەۋەردە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قاتتىق زەربە بېرىش» ۋاسىتىسى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان «زوراۋان تېررورلۇق ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە 2014-يىلى يۈز بەرگەن «كۈنمىڭ ۋەقەسى» سەۋەبلىك ئىسكەندەر ئەھەت، تۇرغۇن توخنىياز، ھۈسەن مەمەتلەرگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى مىسالغا ئالغان.

ب ب س نىڭ شەرھلىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كاتىپى سالىل سەيىد ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىشتا، جازا بېرىش دائىرىسىنى تارايتىشتەك بەلگىلىك ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى، ئەمما بىر قىسىم ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگىمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆلۈم جازاسى ئىشىدا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆلۈم جازاسى بېرىش قىلمىشلىرىنىڭ دۇنياغا ئەزەلدىن سىر بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئالدىنقى يىللىرى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نەق مەيدانلاردا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشتەك پاجىئەلەرگە دۇچار بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

گېرمانىيەدىكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تەمسېلتو ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتايدا يولغا قويۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش قىلمىشلىرىنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئۈستىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ سۆزىدە، بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا زوراۋانلىققا تايانغان قارشىلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بەرگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا چىدىماي كالتەك-توقماق، پىچاقلارنى قورال قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇرلارنى خىتاي كۈچلىرىنىڭ نەق مەيدانلاردا ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۆكتىچى كۈچلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانلىرىنى باستۇرۇش، ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتىكىگە قارىغاندا كۆپ ھەم ۋەھشىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بولسا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسى توغرىسىدىكى پىكرىنى قوللايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەتلىئاملارنى ئەزەلدىن سىر تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قارشىلىق كۈچلىرىنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىش زوراۋانلىقىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سۆزىدە، «ئۆزىنىڭ ساقال-بۇرۇتىغا، ياغلىقىغا، ئىبادەت قىلىش ئەركىنلىكىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، بۇ قەدەر ئېغىر زۇلۇمغا بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتقان ئۇيغۇرلار زوراۋانلىق يوللىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولماقتا، خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەرىكىتىنىڭ دەرىجىسى قايسى سەۋىيىگە يېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئادىمىي ھەقلىرى دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تاكى بۇ ھەقلەرنى قايتۇرۇپ ئالمىغۇچە قارشىلىقلىرىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى رېئاللىق ئىسپاتلاۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تۈزىتىلمىسە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ‹جۇڭگو چۈشى› ئەمەلگە ئاشمايدۇ ۋە ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلالمايدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.