ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنسىز ئۆلۈم جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنىشى توغرىسىدا

0:00 / 0:00


بولۇپمۇ 2009 - يىلىدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازالىرىغا مەھكۇم قىلدى ياكى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىدى. ئۇيغۇر ئىلىدا ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بۇ ھادىسە غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

د ئۇ ق 14 - ئاپرىلدىن 16 - ئاپرىلغىچە ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرگە سۈكۈت: ئىز - دىرەكسىز غايىپ بولغان، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سوتسىز ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنسىز ئۆلتۈرۈلۈشى ھەمدە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ تۈرمىلەردە غايىپ بولۇپ كېتىشى ياكى سوتتا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىشىغا ئائىت كۆپلىگەن مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ تېمىلار ئارىسىدا د ئۇ ق نەشرىيات - تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى تەرىپىدىن ھازىرلانغان «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ زەنجىرسىمان ئىنكاسلىرى ۋە كەلتۈرگەن پاجىئەلىرى» ناملىق ماقەلە كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ماقالىلەردىن بىرىدۇر. بىز بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى نۇقتىلار ئۈستىدە پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

«خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ زەنجىرسىمان ئىنكاسلىرى ۋە كەلتۈرگەن پاجىئەلىرى» ناملىق ماقەلە مۇنداق باشلىنىدۇ: « نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان رايونى پۈتۈن خىتاي بويىچە سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان، خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە ئەمەس، بەلكى كومپارتىيەنىڭ سىياسىي بۇيرۇقى بىلەن خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ماددىلىرىغا تامامەن خىلاپ كېلىدىغان ئەمىر - پەرمانلار بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش ۋە تەقىپ قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىردىن - بىر رايوندىن ئىبارەت !»

ماقالىدا يەنە شۇنداق دېيىلگەن: «كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆۋلەت تېررور سىياسىتى تىپىك بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە ۋە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى، ب د ت تەرىپىدىن 1948 - يىلى ماقۇللانغان " ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش كېلىشىمى"نىڭ پۈتۈن ماددىلىرى ھەم پرىنسىپلىرىغا تۈپتىن خىلاپتۇر! بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىغا پەرۋا قىلماي، شەرقىي تۈركىستان رايونىغا خىتاي كۆچمىنى يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلىش، بىڭتۇەننى كېڭەيتىش، خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانۇن جەھەتتىن ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىش قاتارلىق بىر يۈرۈش سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستان رايونىدا بىر قاتار مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ۋە مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە بىۋاستە سەۋەبچى بولدى. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى مىللىي توقۇنۇش ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلگىنى يوق. ئەپسۇسكى، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ھادىسىلەردىن ھىچ بىر زامان ساۋاق ئالمىدى، ئەكسىچە پۈتۈن مىللىي ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ گەدىنىگە ئارتىپ، ئۇلارغا " تېررورچى» دېگەن قالپاقنى كەيدۈرۈپ، قاتتىق باستۇرۇشقا تايانغان دۆلەت تېررور سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.»

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ماقالىدىكى «قانۇنسىز ئۆلتۈرۈشلەر» ناملىق تېما ھەققىدە سورالغان «خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي مەھبۇس سۈپىتىدە سوتقا تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن كۆرۈنۈشكە بولسىمۇ سوتچى، سوتقا ئىشتىراك قىلىدىغان ۋەكىللەر، ئادۋوكات، تەپتىش قاتارلىقلارنى قاتناشتۇرۇپ تۇرۇپ سوت ئېچىۋاتىدۇ. سىزنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز ئۆلۈم جازالىرىغا مەھكۇم بولغۇچىلار دەپ ئاتىشىڭىزدىكى سەۋەب نېمە؟" دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

- شەرقىي تۈركىستاندا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھوكۇم قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپىرەكى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى ھەق - ھوقوقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن " 3 خىل كۈچلەر " دەپ ئاتالغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، خىتاي سوتلىرى تەرىپىدىن ھېچبىر قانۇنىي تەرتىپ ياكى قانۇنىي ئاساسقا تايانمىغان ھالدا پۈتۈنلەي سىياسىي بۇيرۇق ۋە سىياسىي قارار بىلەنلا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان بۇ ئۇيغۇرلار ھەتتا سوتتا ئۆزىنى ئاقلاش ۋە مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىدىنمۇ تامامەن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا. ئۇ سۆزىدە مىسال ئېلىپ:

- مەسىلەن، خىتاي سوتلىرى 2009 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن، 2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگە قەدەر، ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 9 قېتىم ھۆكۈم ئەلان قىلىش يىغىنى چاقىردى. بۇ 9 قېتىملىق سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلارنىڭ ئومۇمى سانى 83 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 33 نەپەر، مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار 50 نەپەر، - دەپ كۆرسەتتى.