دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئېچىپ، «تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى» غا چېتىشلىق، دەپ سوتلانغان ئۇيغۇرلاردىن 3 كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. بۇ، خىتاينىڭ22 - ماي ئۈرۈمچى «ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» دىن كېيىن باشلىغان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان يەنە بىر تۈكۈم كىشى.
ئۈرۈمچىدىكى سوتتا «تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى» غا چېتىشلىق، دەپ قارالغان 8 كىشىگە ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان. ئۇلاردىن 1 كىشى مۇددەتسىز قاماققا، 4 كىشى مۇددەتلىك 5 يىلدىن 15 يىلغا قەدەر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ ئۇچۇر شۇ كۈنى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ خەۋەر قىلىندى.
شۇ كۈنى، دائىرىلەر تۇرپان، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغان.
ئۈرۈمچىدىكى ئوچۇق سوتتا «تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى» چېتىشلىق، دەپ سوتلانغان 8 كىشىدىن ھۈسەنجان ھوشۇر، يۈسۈپجان ئۆمەر نىياز، يۈسۈپ ئەخمەت ئۈچەيلەن ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلغان 8 كىشىنىڭ 2 نەپىرى ئايال بولۇپ، گۈلنار توختى نىياز مۇددەتسىز قاماققا، بۈۋى جەننەت ئابدۇقادىر 20 يىللىق قاماققا مەھكۇم قىلىنغان.
توختى مەمەت، تۇرسۇن ئابلىز، ئابدۇللا نىياز قاتارلىق ئۈچەيلەنگە 10 يىلدىن 5 يىلغا قەدەر قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان 3 كىشى «تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇش»، «ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش»، «خەتەرلىك ۋاسىلارنى قوللىنىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن. قالغانلار «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش»، «خەتەرلىك ۋاسىلارنى قوللىنىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن جازاغا تارتىلغان.
بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، سوتنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئۆزىنى ئەركىن ئاقلىشىغا يول قويۇلغانلىقى گۇمانلىق.
گېرمانىيەنى بازا قىلغان خەتەر ئاستىدىكى مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى بولسا بۇ ئوچۇق سوتلاردا، خىتاينىڭ ئۆز قانۇنى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرۇخ دېلىئۇس مۇنداق دېدى: بىز بۇ خىل كوللېكتىپ سوتلاشقا نارازىلىق بىلدۈرىمىز. چۈنكى، بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ ئۆز قانۇنىغا ئەمەل قىلمىغانلىقى، خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. يەنە بىر تەرەپتىن، بىز بۇ قانۇن - ئەھدىنامىلەرگە ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ، بۇ سوتلارنىڭ قانۇنىي تەرتىپكە، ئۇيغۇن ئادىل شارائىتتا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايمىز. نورمال قانۇنىي تەرتىپلەردە بۇ كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ئىززەت ھۆرمىتىنىڭ قوغدىلىشى تەلەپ قىلىنىپ، ئۇلارغا غەيرىي ئىنسانى مۇئامىلە قىلىش چەكلەنگەن. بىراق، دائىرىلەر ئوچۇق سوت قىلىش ئارقىلىق بۇ كىشىلەرنى پۈتۈن شەھەر خەلقىگە سازايى قىلىپ، بۇ پرىنسىپقا خىلاپلىق قىلدى. ئۇلارنى سوتلاشتىن بۇرۇن خەلقىئالەمگە سازايى قىلىپ، «ئۇلارنىڭ قەبىھ زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى» نى نامايان قىلماقچى بولغانلىقنىڭ ئۆزى، خەلقئارا قانۇندىكى ئادىل سوتلاش پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق. مانا بۇ بىزنىڭ بۇ ئوچۇق سوتلارغا دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈشىمىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.
بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى سوتتا مەھبۇسلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوت مەھبۇسلارنىڭ ئۆز تىل - يېزىقىدا ئېلىپ بېرىلغان، ئۇلارنىڭ ھەر خىل ھوقۇقلىرىغا ئەمەل قىلىنىپ، بەزىلىرىنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىشىغا يول قويۇلغان، بەزىلىرىگە ھۆكۈمەت ئادۋوكات بەلگىلەپ بەرگەن.
لېكىن، بەزىلەرگە نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئادۋوكات بەلگىلەپ بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
خىتاي ئاخباراتى سوتنىڭ جەريانى، مەھبۇسلارنىڭ ئەيىبلەشنى قوبۇل قىلغان - قىلمىغانلىقى، ئۆزىنى قانداق ئاقلىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى دېلىئۇس ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سوت جەريانىغا دائىر بارلىق ئۇچۇرلارنى كونترول قىلغانلىقىنى تەنقىدلەپ، خىتاي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ خىتاي قانۇنىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ سوتلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشىش بەسى مۈشكۈل. ئۇلار ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلغاچقا، سىزنىڭ قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھەرقانداق بىر ئۇچۇرغا ئېرىشىشكە مۇمكىنچىلىك يوق. نۇرغۇن دېلولاردا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەيىبلەنگۈچى بىلەن ئالاقىلىشىشى، ئەيىبلەنگۈچىنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ، قانۇنى مەسلىھەتكە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئەھۋالدا ئادۋوكاتنىڭ ئەيىبلەنگۈچىنى ئاقلاش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇش مۇمكىنچىلىكى يوق. بۇ بىر ساختىپەزلىك. خىتاي دۆلەت قانۇنىدىكى ئادالەت ۋە ئەدلىيە تەرتىپلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىق.
دائىرىلەر دۈشەنبە كۈنى بەرگەن مەلۇماتىدا ھۈسەنجان ھۇشۇر، يۈسۈپ ئۆمەر نىياز، يۈسۈپ ئەخمەت قاتارلىق كىشىلەرنىڭ «تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى» نى ئوسمان ھەسەن بىلەن بىرگە پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2013 - يىلى 28 - ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئوسمان ھەسەن، ئوسمان ھەسەننىڭ ئانىسى قۇۋانخان رەھىم ۋە ئايالى گۈلقىز غېنى ئۆزىنى قۇربان قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى «تېررورلۇق» ھۇجۇم، دەپ ئېلان قىلىپ، گۇمانلىق 5 ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلمىغان. بۇ، كۆزەتكۈچىلەردە ۋەقەنىڭ «تېررورلۇق» ھۇجۇم ئىكەنلىكى ھەققىدە گۇمانلىق سوئاللارنى پەيدا قىلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈزبەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئۇنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا زور كۆلەملىك كۆچمەن يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنى يەكلىشى، ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى ۋە باشقا ئىجتىمائىي ھەق - ھوقۇقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، قارشىلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئىلھام توختىغا ئوخشاش مۆتىدىل پىكىردىكى ئۆكتىچى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇشى ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، ئۇلارنى رادىكاللىشىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن.
خەتەر ئاستىدىكى مىللەت خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى دېلىئۇس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ھەل بولمايدۇ. سىياسىي تەدبىر - شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى.
دېلىئۇس ئەپەندى: ھەر بىر ئادەم شۇنى بىلىشى كېرەك، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندا مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان 60 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ ھالەتنى ئۇزۇن مەزگىل ساقلاپ قالالمايدۇ. ئۇنىڭ ھازىرقى رايوندىكى بىخەتەرلىك سېلىنمىسى گېرمانىيەدىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ كەتتى. بۇنداق بىخەتەرلىك تەدبىرىنى ئۇزۇن يىل داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار بۇ مەسىلىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدىشى كېرەك، دېدى.
دېلىئۇس ئەپەندى ئاخىرىدا، خىتاينىڭ مەسىلىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش نىيىتى بارلىقىغا نائۈمىد ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە دۈشەنبە كۈنى ئاقسۇ - تۇرپان، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان 13 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم جازاسى شۇ كۈنى دەرھال ئىجرا قىلىنغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي ئالىي سوتى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان بۇ 13 كىشىنىڭ 3 نەپىرى، «لۈكچۈن ۋەقەسى» گە چېتىلىپ جازالانغان. 2013 - يىلى 26 - ئىيۇن يۈز بەرگەن «لۈكچۈن ۋەقەسى» دە 40 نەچچە ئادەم ئۆلگەن ئىدى.
0:00 / 0:00