چەرچەن ناھىيەلىك دۆلەت ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ 54-نومۇرلۇق مەھبۇسقا ئايلانغان بىگۇناھ مېھرىگۈل تۇرسۇن 210-نومۇرلۇق كامېرغا قامالغاندىن كېيىن، بۇ قورقۇنچلۇق جايدا «يولۋاس ئورۇندۇق» قا ئولتۇرغۇزۇپ توكقا چېتىش، ئاچ قويۇلۇش، پۈتۈنلەي خىتايچە سىياسىي-قانۇن دەرسلەرنى ئۆگىنىش، ئاچ قالدۇرۇلۇش، داۋالىماسلىق، ئۇسسۇز قالدۇرۇش، شەخسى تازىلىق قىلدۇرماسلىق، ھېيىز توختىتىش دورىلىرىنى مەجبۇرىي ئىچكۈزۈشكە ئوخشاش جىسمانىي ۋە روھىي خورلۇقلارغا ئۇچرايدۇ.
دۇنيادىن، ھاياتلىقتىن، ئىنسانلىقتىن يىراق بۇ قاراڭغۇ ۋە زۇلمەتلىك جايدىكى قىيىن-قىستاقلارغا بەزىلەرنىڭ روھىي بەزىلەرنىڭ ۋۇجۇدى بەرداشلىق بېرىلمەيدۇ. 3 ئاي ئىچىدە مېھرىگۈل كامېرداشلاردىن 9 كىشىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمىگە شاھىت بولىدۇ. ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنىنى 62 ياشلىق گۈلنىساخان ئانىنىڭ تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ ئېغىزغا ئالغۇسىز ئېغىر تىل-ھاقارەتلىرىدىن كېيىن ئېغىر ئازاب ۋە ئاھانەت ئىچىدە ئاخىرقى نەپىسىنىڭ توختىشى بولغان. بۇ مېھرىگۈل 210-كامېردا شاھىت بولغان 1-ئۆلۈم ۋەقەسى ئىكەن.
مېھرىگۈل بايان قىلغاندەك، دائىرىلەرنىڭ تۇتقۇنلارغا سۇ بەرمەسلىكى، تاماق مىقدارىنى ئىنتايىن ئاز ھالدا كونترول قىلىشى ئۇلارنىڭ تاھارەت قېتىم سانىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىكەن. ئايال تۇتقۇنلارغا سوراق جەريانىدا مەجبۇرىي ئىچكۈزۈلگەن نامەلۇم تابلېتكا ۋاقىتلىق ھالدا ئۇلارنىڭ نورمال ئويلاش ۋە ئەقلىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى دەخلىگە ئۇچراتقان. قەرەللىك ۋە مەجبۇرىي ئىچكۈزۈلگەن دۇغسىمان سۇ ئاياللارنىڭ ھېيىزىنىڭ توختىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ھەتتا بەزىلىرىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلغانلىقتىن توختىماي قان كېلىپ قانسىراپ ئۆلۈش ۋەقەلىرىمۇ يۈز بەرگەن ئىكەن.
ئاياللارغا بۇ نامەلۇم دورىلار نېمە مەقسەتتە ئىچكۈزۈلدى؟ بۇ بىر دورا تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىلىشتىن دېرەك بېرەمدۇ-يوق؟ مەجبۇرىي دورا ئىچكۈزۈلۈپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردا يەنە قانداق ئەكس تەسىرلەر پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟ بۇلار ھازىرچە نامەلۇم. ئەمما لاگېرغا قامالغانلارغا قانداقتۇر نامەلۇم دورىلارنىڭ زورلۇق بىلەن ئىچكۈزۈلگەنلىكى بىر ئەمەس، بىر قانچە شاھىت تەرىپىدىن تەكرار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ نۆۋەتتە خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىگە گۇمان تۇغدۇرۇۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرىدۇر.
29 ياشلىق ئالىي مەلۇماتلىق مېھرىگۈلنىڭ بۇ ئادالەتسىز ۋە رەھىمسىز مۇئامىلىلەرگە، بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە ئۇچرىشىغا پەقەت ئۇنىڭ مىسىردا ئوقۇغانلىقى ۋە ياشىغانلىقى سەۋەب بولغان. ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بىر كامېردا ئوخشاش زۇلمەتنى كۆرگەن ۋە بەلكىم ھايات بولسا ھازىرغىچە تەكرار كۆرۈۋاتقان ئۇ بىگۇناھ ئاياللارچۇ؟ ئۇلارنىڭ گۇناھى نېمە؟ مېھرىگۈل بۇنىڭغا «ئۇلارنىڭ گۇناھى پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقىدۇر،» دەيدۇ.
مېھرىگۈل ئۆزىنىڭ ۋە باشقا تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمىگە ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن ئادەم بويى ئېگىزلىكتىكى ساندۇقسىمان، ئەينەكلىك، ئاپتوماتىك ئېچىلىپ-يېپىلىدىغان ۋە ئايلاندۇرۇلۇپ نۇر ئۆتكۈزۈپ تەكشۈرۈلىدىغان ئالاھىدە بىر ئەسۋابقا يالىڭاچ ھالدا چۈشۈرۈلۈپ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى. مېھرىگۈل بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا ئاشكارىلايدۇ.
0:00 / 0:00