ئۆلۈم گىردابىدىن ھۆرلۈككىچە: خىتاي لاگېرىدىكى پاجىئەلەر (5)

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا ئۇدا 3 قېتىم يېتىش جەريانىدىكى قورقۇنچلۇق كەچمىشلىرى قالدۇرغان ئاسارەتتىن تېخى تولۇق قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن ئايال شاھىت مېھرىگۈل تۇرسۇن، ئۆلۈم گىردابىدىن ھۆرلۈككە: خىتاي لاگېرىدىكى پاجىئەلەر سەھىپىمىزنىڭ بۇ سانىدا، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەگە ئۆزىنىڭ ئاخىرقى قېتىم تۇتۇلغاندا ئىلگىرىكى قېتىمقى بەدەن تەكشۈرۈشلەردە كۆرۈپ باقمىغان، ئادەم بويى ئېگىزلىكتىكى ئەينەكلىك، ئاپتوماتىك ئېچىلىپ-يېپىلىدىغان بىر ئالاھىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىدە، يالىڭاچ ھالدا تەكشۈرۈلگەنلىكى قاتارلىق يېڭى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى.

خىتاينىڭ بىگۇناھ ئاياللارنى قامىغان جازا لاگېرلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن مېھرىگۈل تۇرسۇن ئۆتكەنكى سۆھبىتىمىزدە، ئۆزىنىڭ 2017-يىلى، 4-ئايدا چەرچەندىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى 210-كامېرغا 3 ئاي قامىلىش جەريانىدا، كامېرداشلىرىدىن جەمئىي 9 ئايالنىڭ، ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىشىگە شاھىت بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ، ئۆزى بىلەن بىرگە قامالغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئۆزىگە ئوخشاش ھېچ بىر قانۇنغا خىلاپ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىكى، ئوخشىمىغان سالاھىيەتتىكى ۋە ئوخشىمىغان ياشتىكى ئاياللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رادىيومىزغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر شۇنداقلا مۇخبىرلىرىمىز دەلىللىگەن مەلۇماتلاردىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز كەم ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، تەربىيەلەش مەركەزلىرى ياكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى دەپ ئاتالغان جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلارنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ۋە قازاق، قىرغىز ھەم ئاز بىر قىسىم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا مىللەتلەر ئىكەنلىكى، بۇ ئورۇنلاردا خىتايلارنىڭ يوقلۇقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئەمما مېھرىگۈل ياتقان كامېرغا ۋاڭ لىپىڭ ئىسىملىك 50 ياشتىن ئاشقان بىر ئايالمۇ قامالغان بولۇپ، ئەسلى بۇ خىتاي ئايالنىڭ قامىلىش سەۋەبى، ئۇنىڭ بىر ئۇيغۇر بىلەن توي قىلغانلىقى ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئىكەن. شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئايشەمگۈل قىلىپ ئۆزگەرتكەن ئىكەن. مېھرىگۈلنىڭ دەپ بېرىشىچە، دائىرىلەر گەرچە رايوندا مىللەتلەر ئارا تويلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلەر بىلەن تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى ھەم تەشۋىقاتلىرىنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ ئەكسىچە خىتاي قىزلارنىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ياتلىق بولۇشىغا قارشى تۇرۇۋاتقان ئىكەن.

مېھرىگۈل يەنە قايتا-قايتا 3 قېتىملىق لاگېرغا قامىلىش جەريانىدا ئۆزى بېشىدىن كەچۈرگەن قورقۇنچلۇق كەچمىشلەر ئىچىدە ئۆزىدە گۇمان قوزغىغان يەنە بىر نۇقتىنى بايان قىلدى. يەنى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم تۇتۇلغاندا ئىلگىرىكى ئىككى قېتىملىق قامىلىشتا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىغا يەنە بىر سىرلىق يېڭى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوشۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مېھرىگۈلنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ 3-قېتىم قامىلىش ئالدىدا چەرچەن ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن، پۇت-قولى كويزا-كىشەنلەنگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاۋۋالقىدەكلا تولۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك دوختۇر تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، دوختۇرخانىنىڭ يەر ئاستىغا ئېلىپ چۈشۈرۈلۈپ، ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ئالاھىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق بىر ئەسۋابتا يالىڭاچ تەكشۈرۈلگەن.

مېھرىگۈلنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىشىچە، ئۇ پەقەتلا تەكشۈرۈش ئەسۋابى قويۇلغان بۇ سىرلىق ئۆيگە يالاڭاچلاندۇرۇلۇپ، مەخسۇس دوغىسىمان بىر سۇيۇقلۇق ئىچكۈزۈلگەندىن كېيىن يالغۇز كىرگۈزۈلگەن. ئۇ، سىرتتىكى يەنە بىر ئۆيدە ئۇنى ئاپپارات ئارقىلىق كۆزىتىپ تۇرغان ساقچى ۋە دوختۇرلارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، ئۆزى ئېلىپ كىرىلگەن قاراڭغۇ ئۆيدىكى ئادەم بويى ئېگىزلىكتىكى ساندۇقسىمان، ئەينەكلىك، ئاپتوماتىك ئېچىلىپ-يېپىلىدىغان ئەسۋابقا كىرىپ تۇرغان. بۇ، ئاپتوماتىك ئايلىنىپ نۇر ئۆتكۈزۈپ تەكشۈرىدىغان ئەسۋاب بولۇپ، گەرچە مېھرىگۈلنىڭ بۇ سىرلىق ئاپپاراتتا تۇرغان ۋاقتى 10-15 سېكۇنت ئارىلىقىدا بولسىمۇ، لېكىن مېھرىگۈل ئۇنىڭدىن چىققاندىن كېيىنلا بېشى قېيىپ، ئىنتايىن راھەتسىزلەنگەن. ئۇنىڭدا ئىشتەيدىن قېلىش، ماغدۇرسىزلىنىشقا ئوخشاش ھالەت بىر-ئىككى ھەپتىگىچە داۋاملاشقان. مېھرىگۈلنىڭ كۆزىتىشىچە، بۇ غەيرىي ئەسۋابتا پەقەت قىسمەن ئادەملەرلا ئايرىپ قېلىنىپ تەكشۈرۈلىدىكەن. دائىرىلەر بۇ ئەسۋابىنىڭ نېمىلىكىنى ئېيتىپ بەرمىگەن.

مېھرىگۈل ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن مۆجىزىلەرچە قۇتۇلۇپ ياشاۋاتقانلىقىغا يېرىم يىل بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۆزىگە مەجبۇرىي ئىچكۈزۈلگەن بۇ نامەلۇم دورىلارنىڭ تەسىرلىرى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنىڭ نېمىلەرنى مەقسەت قىلغانلىقى ھەققىدە ئويلانماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ: بۇ تەكشۈرگەن ئەسۋاب قانداق ئەسۋابلاردۇر؟ بۇ نېمىنى مەقسەت قىلىدىغاندۇ؟ دائىرىلەر ئۈستىمىزدىن دورا تەجرىبىسى ئېلىپ بارغانمىدۇ؟ مەجبۇرىي ئىچكۈزۈلگەن دورا ۋە ئوكۇلنىڭ تەسىرىدە ئاستا-ئاستا ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ؟ دېگەندەك ھەر تۈرلۈك چىگىش سوئاللار ۋە تېگى يوق قورقۇنچلۇق قىياس ھەم گۇمانلارنىڭ ساراسىمىدىن قۇتۇلالماي كەلمەكتە ئىكەن.

مېھرىگۈل 3 قېتىملىق لاگېر ھاياتىدا ئەڭ زار بولغان نەرسىنىڭ سۇ ئىكەنلىكىنى تەكرارلايدۇ. ئۇنداقتا يۈز يۇيىدىغانغىمۇ سۇ بېرىلمەيدىغان لاگېردا يېتىۋاتقىنى ئايلار بولغان ھەتتا يىلدىن ئاشقان ئاياللار كىيىملىرىنى يۇيالىشى مۇمكىنمۇ؟ مېھرىگۈل ئۆزىنىڭ 3 قېتىملىق بۇ لاگېر ھاياتىدا پەقەت بىرلا قېتىم كىر يۇيۇشقا تاللىنىپ سۇ تۇتۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇنى «زۇلمەتلىك تۈرمىدىكى ئەڭ بەختلىك بىر كۈن» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ساپلا ئاياللار قامالغان، كۈن نۇرى ۋە سۇدىن مەھرۇم زۇلمەتلىك تۈرمىدە مېھرىگۈلنىڭ كىر يۇيۇش ھېكايىسىنى كېيىنكى پروگراممىمىزدىن ئاڭلاڭ.