مېھرىگۈل تۇرسۇن 2-قېتىم قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ، 2017-يىلى 4-ئايدا چەرچەندىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ 210-كامېرىدا 3 ئاي قامىلىدۇ. بۇ جەرياندا يولۋاس ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇش، نۆۋەتلىشىپ ئۇخلاش، ئېغىر تەن جازاسى، ئاچ قويۇلۇش، سۇسىز قالدۇرۇلۇش، شەخسى تازىلىق قىلالماسلىق، داۋالىنالماسلىق ۋە پسىخىكىلىق خورلۇق قاتارلىق بىر قاتار قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىگۇناھ ئاياللارنى قامىغان بۇ جازا لاگېرىدا كامېرداشلىرىدىن جەمئىي 9 ئايالنىڭ ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىشىگە شاھىت بولىدۇ. بۇ قاباھەتلىك تۈرمە ھاياتى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن بەكرەك روھىنى كاردىن چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم 3 ئايلىق تۇتقۇندىن كېيىن، داۋالىنىش ئۈچۈن ئائىلىسىگە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىدۇ.
بىر قانچە ئاي داۋالىنىپ سالامەتلىكى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان مېھرىگۈل 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 3-قېتىم تۇتقۇن قىلىنىدۇ. بۇ قېتىم دائىرىلەر ئۇنىڭغا ئېغىر جازا كېسىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما مېھرىگۈلنىڭ بالىلىرىنىڭ خىتايدا نوپۇسقا ئېلىنمىغانلىقى سەۋەبلىك ئىشلار خىتاينىڭ پىلانىدەك بولمايدۇ.
خىتاي ساقچىلىرى مېھرىگۈلنى بېيجىڭدىن ئۇنىڭ بالىلىرىنى ئېلىپ كەتكىلى كەلگەن مىسىر دىپلوماتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرگەندە مېھرىگۈلگە يېڭى كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، ھەتتا گىرىم قىلىپ، ئارتۇق گەپ قىلماسلىق ھەققىدە گەپ ئۆگىتىپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ ئېلىپ چىقىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ چوڭ كېلىپ قالغان كىيىملىرىنىڭ يېڭى ئاستىدىن كۆرۈنۈپ قالغان كىشەندىن بولغان جاراھەتلەر دىپلوماتلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇلار مېھرىگۈلنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى سېزىدۇ. مىسىر دىپلوماتلىرىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن مېھرىگۈلنىڭ بالىلىرىنى ئانىسىز ئېلىپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېلىپ بارغان بىر مەزگىللىك تالاش-تارتىشلىرىدىن كېيىن، ئاخىرى مېھرىگۈل خىتايدىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، مىسىر ئەلچىخانىسىنىڭ ياردىمىدە مىليونلارچە ئۇيغۇرلارنىڭ قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان زۇلمەتلىك جازا لاگېرىدىن مېھرىگۈل ئاخىرى قۇتۇلۇپ چىقىدۇ. مېھرىگۈل ئۆزىنىڭ 2015-يىلى-5 ئايدىن، -2018 يىلى-5 ئايغىچە بولغان جەرياندا 3 قېتىملىق تۈرمە كەچمىشلىرىنى يەكۈنلەپ چىقىدۇ. ئۇ تۈرمىدىكى قىستاڭچىلىقنىڭ دەستىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش كۆلىمىنىڭ زورايغانلىقىنى ھېس قىلغان بولسا، تۈرمىدە بېرىلىدىغان تاماقنىڭ قېتىم سانى ۋە مىقدارىنىڭ بارغانچە ئازلاپ كېتىشىدىن، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى ۋە تۇتقۇندىكىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن تۈرمىلەردە ئاچارچىلىق يۈز بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دېگەن گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ ھەممىدىن ئەنسىرەيدىغىنى ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋاللىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپىيىشى بولۇپ، مېھرىگۈل ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرىدا جان تالىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن 3 ئاي جەريانىدا بىر كامىرىدا 9 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە شاھىت بولدۇم. يەنە قانچىلىغان ئادەملەر ئۆلۈپ كېتىۋاتقاندۇ؟. . . شۇڭا مەن سۆزلەشكە، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشقا ئالدىرىدىم.»
0:00 / 0:00