خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتى، بولۇپمۇ خىتاي «تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا تىلغا ئېلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، جازا لاگېرلىرىدا 7 ئاي يېتىپ چىققان قازاقىستان پۇقراسى ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تەكلىپ بويىچە چېخ جۇمھۇرىيىتىگە زىيارەت ئېلىپ بارغان. ئۆمەر بېكئالىنىڭ 1-ئاينىڭ 30-كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇدىرى پاۋېل فىسچەر ئەپەندى قوبۇل قىلغان. قوبۇلغا بەزى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۆمەر بېكئالى ئۇلارغا 1949-يىلىدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، بۇلارنىڭ سەۋەبلىرى، كېيىنكى 2 يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۆزىنىڭ «جازا لاگېرلىرى» دا بېشىغا كەلگەنلەر ۋە كۆرگەنلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
بىز بۇلار توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئۇچرىشىشنىڭ ئىككى سائەت داۋاملاشقانلىقىنى، بۇ ئىككى سائەت ئىچىدە ئۇلارنىڭ نۇقتىلىق ھالدا قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى توختاتقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇنداقتا چېخ جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇدىرى پاۋېل فىسچەر ئەپەندى بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قانداق پوزىتسىيە بىلدۈردى؟. ئۆمەر بېكئالى پاۋېل فىسچەر ئەپەندىنىڭ بۇ مەسىلىلەردە ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۆمەر بېكئالى ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلغان بولۇپ، بۇندىن 8 يىل بۇرۇن قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن. 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇغقانلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن تۇرپان پىچانغا بارغاندا تۇتۇپ كېتىلىپ، جازا لاگېرىغا تاشلانغان بولۇپ، 7 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ، قازاقىستاندا بىر مەزگىل ياشىغاندىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركىيە ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا خىتاينىڭ «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقتا. ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ لاگېردا بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەرنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن چېخ پارلامېنتنى تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇدىرىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1-ئاينىڭ 27-كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىگە يېتىپ بارغانلىقىنى، پارلامېنتتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن سىرت، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە «جازا لاگېرلىرىنى ئاڭلاتقانلىقى» نى ۋە چوڭ گېزىتلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ ھەققىدىكى زىيارەت خاتىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى چېخ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى «24 قانىلى» دا خىتاينىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاڭلاتقان. 29-يانۋار كۈنى تارقىتىلغان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئۇيغۇرشۇناس، چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئوندرېي كلىمېس ئەپەندى تەرجىمانلىق قىلغان. ئۆمەر بېكئالى تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسىنىڭ خىتاينىڭ تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.