ئۆمەر بېكئالى ئائىلىسى بىلەن قايتا جەم بولدى

0:00 / 0:00

دەل 4 ئاي ئىلگىرى يەنى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆمەر بېكئالى قازاقىستاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئالمۇتا ۋە ئىستانبۇلدا ئىككىگە پارچىلانغان ئىدى.

4 ئايلىق ئايرىلىشتىن كېيىن 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆمەر ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ئىستانبۇل ئايرودرومىدا ئايالى روشەنگۈل ۋە كىچىك ئوغلى بىلەن جەم بولۇشنى تاقەتسىزلىكتە كۈتۈۋاتقاندا، ئايرودرومدىكى تۈركىيە كۆچمەن ئىشلىرى خادىملىرى روشەنگۈل ۋە كىچىك ئوغلى مۇھەممەدنىڭ پاسپورتىدا كاشىلا بارلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارى تۈركىيەگە كىرگۈزمىگەنىدى. ئۆمەر بېكئالى ۋە ئۇنىڭ قازاقىستاندا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرى قازاقىستان گىراژدانى بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئايالىنىڭ تېخى گىراژدانلىق رەسمىيەتلىرى پۈتمىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي پاسپورتىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

ئىستانبۇل ئايرودرومىدىكى تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى خادىملىرى روشەنگۈل ۋە ئىككى ياشلىق مۇھەممەتنىڭ پاسپورتىنى يالغان دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ قايتا تەربىيەلەش نامىدىكى لاگېرلار ھەققىدە تۇنجى گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئۆمەر بەكئالى ئائىلىسى دۇچ كەلگەن بۇ كرىزىس، 3 كۈندىن بۇيان تېز ئارىدا دۇنيا مەتبۇئاتى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان خەۋەر بولدى. ئۆمەر بېكئالى بۈگۈن 19-سېنتەبىر رادىيومىزغا ئىستانبۇل ئايرودرومىدىن ئۇچۇر يوللاپ «خوش خەۋەر، ئايالىم بالىلىرىم بىلەن جەم بولدۇم» دېدى.

ئاتا تۈرك ئايرودرومىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان ئۆمەر بېكئالىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن كېچە تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئەرزىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن. ئىزتىراپلىق بىر كېچىدىن كېيىن بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئايرودروم ساقچىلىرى ئۆمەرگە تېلېفون قىلىپ، «ئايالىڭ چىقتى كېلىپ ئېلىۋالساڭ بولىدۇ» دېگەن.

تېلېفونىمىزغا دەسلەپ روشەنگۈل ئۆزىنى ئورىۋالغان بالىلىرىنىڭ چۇۋۇلداشلىرى ئىچىدە جاۋاب بەردى:
«ھەممىڭلارغا رەھمەت، شۇنچە كۆپ كۈچ چىقاردىڭلار» دېدى ئۇ.

ھاياجاندا ئارانلا شۇ سۆزنى قىلالىغان روشەنگۈل تېلېفوننى ئۆمەر بېكئالىغا تۇتقۇزدى:
«رەھمەت، بالىلار قېنىغا پاتماي ئويناپ كېتىپ بارىدۇ قۇچاقلىشىپ بەك سېغىنىپ كېتىپتۇ. . .» دېدى ئۇ.

ئۆمەر بېكئالىمۇ ئوخشاشلا ھاياجاندا كۆپ گەپ قىلالمىغان بولسىمۇ، ئائىلىسىنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە تىرىشقان ھەممىگە تەشەككۈر بىلدۈردى.

لاگېرلار ھەققىدە ئاخباراتلارغا ئاشكارا ئىسپات بەرگەن شاھىت قازاقىستان پۇقراسى ئۆمەر بېكئالىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ يەنىلا ئائىلىسىنىڭ پارچىلىنىشتەك ئېغىر ۋەزىيەتتە قالغانلىقى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە تۈركىيەدىكى كۆچمەنلەر ئىشلىرى دائىرىلىرىنىڭ ئايرودرومدا روشەنگۈل ۋە ئۇنىڭ بالىسىنى كىرگۈزمىگەنلىكى غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، گەرچە خىتاي بىلەن تۈركىيە ئىستىخبارات ساھەسىدە بەزى كېلىشىملەر سەۋەبلىك، تۈركىيە ئايرودرومىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇپ قېلىنىپ، بۇ خىل ئەنسىزلىككە يولۇقۇشىدەك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى تۇنجى قېتىم بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىر مەھەل تەكشۈرۈشتىن كېيىن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن باشقا مەتبۇئات ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇنىڭغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى ھەم بۇ ھەقتىكى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردىكى ئىنكاسلارنىڭ تۈركىيە دائىرىلىرىگە مەلۇم بېسىم ھاسىل قىلغانلىقىنى، نەتىجىدە روشەنگۈل ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قويۇپ بېرىلىپ، ئۆمەر بېكئالى ئائىلىسىنىڭ جەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىرغا قەدەر بىر قانچە خەلقئارالىق ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆمەر بېكئالى ئائىلىسىنىڭ بۇ كرىزىستىن قۇتۇلۇشىغا كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى قايتا تەربىيەلەش نامىدىكى لاگېرلارغا قانۇنسىز قاماپ، ئۇ جايدا قامالغانلارغا مېڭە يۇيۇش ۋە خورلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا ئاشكارا ئىسپات بەرگەن قازاقىستان پۇقراسى ئۆمەر بېكئالى قازاقىستاندا بىر خەلقئارالىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خادىمى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، 2017-يىلى مارتتا ئۈرۈمچىگە خىزمەت مۇناسىۋىتىگە بارغىنىدا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئالغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغانلىقىغا قارىماي قانۇنسىز تۇتقۇن قىلغان ئىدى.

ئۇ، تۈرمە ۋە لاگېرلاردا 8 ئايچە قىيىن قىستاقلارغا ئېلىنغان ۋە. ئاخىرى قازاقىستان دىپلوماتىيە دائىرىلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن قۇتۇلۇپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرى ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان ئىدى. ھالبۇكى شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي خورلاشلار سەۋەبىدىن 40 كىلوگرام ئورۇقلاپ، سالامەتلىكى ئېغىر زەئىپلەشكەن ھالەتتە تۇرۇپمۇ، رادىيومىز شۇنداقلا باشقا خەلقئارالىق ئاگېنتلىقلارغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قاماپ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى پىداكارلىق بىلەن پاش قىلغان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك ھازىر ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانا ۋە قوۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغانلىقى مەلۇم.