ئۆمەر بېكئالى: «خىتاي بىزنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەركىنلىك ئىرادىمىزدىن ياندۇرالمايدۇ»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلىرى ھەققىدە خەلقئارا ئاخباراتلارغا گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن، بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك قازاقىستاندىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۆمەر بېكئالى تېخى يېقىندىلا ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن قايتا جەم بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ لاگېرلاردا ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قورقۇنچلۇق زۇلۇم ۋە قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

بۇ قارا كۈن ئۇنىڭ بېشىغا كەلدى، ئۆمەر بېكئالى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق دادىسى بېكئالى ئىبراھىمنىڭ 18-سېنتەبىر كۈنى لاگېردا ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەندۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە ئۆمەر بېكئالىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇلا ئەمەس ئۇنىڭ باشقا قوۋمى-قېرىنداشلىرىمۇ مەرھۇمنىڭ يۈزىنى كۆرەلمىگەن، دائىرىلەر بوۋاينىڭ جەسىدىنىمۇ كۆرسەتمەي دەپنە ئىشلىرىنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلغان ئىكەن.

ئۆمەر بېكئالىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل 3-ئايلاردا ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېلېفون ئارقىلىق «سۆزلەشتىن توختىمىساڭ ئائىلەڭ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن چاتاققا ئۇچرايدۇ» دېگەندەك تەھدىتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا باشلىغان ۋە شۇ چاغدىن ئېتىبارەن ئۆمەر بېكئالىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتا-ئانىسىنى ھەمدە قېرىنداشلىرى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. ئۆمەر بېكئالى شۇنىڭدىن بېرى ئاتىسىنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان.

ئۆمەرنىڭ بېكئالىنىڭ مەرھۇم ئاتىسى بېكئالى ئىبراھىم 1940-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان. 1997-يىلى پىچان ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن پېنسىيىگە چىققان بىر كادىر، 6 بالىنى ئۆستۈرگەن مېھنەتكەش بىر ئاتا. ئۆمەرنىڭ ئاتىسى بېكئالى ئىبراھىم بۇ يىل، 78 يېشىدا، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا، بىگۇناھ ھالدا لاگېرغا قامىلىپ 5 ئايدىن كېيىن ۋەسىيەتمۇ قالدۇرالماي جان ئۈزگەن.

ئۆمەر بېكئالىنىڭ 70 ياشتىكى ئانىسى ئامىنىخان سادىق، ئاكىسى ئابدۇراخمان بېكئالى، سىڭلىسى ئادىلە بېكئالىنىڭمۇ ھازىرغىچە لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما نەگە قامالغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئۇلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئاڭلىغان ئۆمەر ئەينى چاغدا قاتتىق ئازابلانغان ۋە ئەندىشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ھەقنى ئاڭلىتىش ئىرادىسىدىن يانمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ خىل تەھدىتلىرى بىلەن ئۇلار مېنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشتىن، ھەقنى سۆزلەشتىن توسۇپ قالالمايدۇ» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

دادىسىنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىدەك قايغۇلۇق خەۋىرىنى ئاڭلىغان پەيتنىڭ ئۆزىدىمۇ ئۆمەر بېكئالى يەنىلا: «مەن ئۆكۈنمەيمەن ۋەتەندە ياش تۆكۈلدى، قان تۆكۈلدى، جانلار تۆكۈلۈۋاتىدۇ. خىتاي بىزنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەركىنلىك ئىرادىمىزدىن ياندۇرالمايدۇ» دەيدۇ.