پاكىستاندا قېيىنئاكىلىرىنىڭ زوراۋانلىقى ۋە تەھدىتى سەۋەبىدىن يۇرتىغا قايتالمايۋاتقان ۋە پىشاۋۇردىكى ئۆيىدىن سىرتقا چىقالمايۋاتقان ئاسىيە كېرىم ۋە ئۇنىڭ 4 بالىسىنى خەتەرلىك ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پاكىستان راۋالپىندىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ھەرىكەتكە ئۆتتى. مەلۇم بولۇشىچە، تەشكىلات باشلىقى ئۆمەرجان 4 كۈندىن بۇيان مەزكۇر ئىش توغرىلىق راۋالپىندى بىلەن پىشاۋۇر ئارسىدا قاتنىماقتا. ئۆمەرجان ئالدىنقى كۈنى ئىنىسى ۋە 3 پاكىستانلىق دوستى بىلەن بىرلىكتە ئاسىيە كېرىم قامىلىپ تۇرغان مەھەللىگە بارغان. مەھەللە جامائىتى بۇلارغا مەزكۇر ئائىلىنىڭ خۇي - پەيلىنىڭ بىراز يامانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىشنىڭ بىۋاستە سۆزلىشىش بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئىشقا ساقچىلار ئارقىلىق ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان پىشاۋۇر ساقچىلىرى ئاسىيەنىڭ ئەھۋالىغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولمىسا يەنى ئۆيدىن سىرتقا چىقالماسلىقى يەنە داۋاملاشسا، ساقچىلارنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ ئاسىيە ۋە بالىلىرىنى قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىز ئالدىنقى كۈنى پاكىستانلىققا تەككەن ئاسىيە كېرىمنىڭ يولدشىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئۈرۈمچىدە تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، ئۆزىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ يۇرتى كورلىغا قايتىپ كېتىشىگە قېيىنئاكىلىرىنىڭ يول قويمايۋاتقانلىقى ۋە سەۋەبتىن ئۆتكەن ھەپتە چىققان ماجىرادا ئاسىيە كېرىمنىڭ تاياق زەربىسىدىن ئېغىر يارىلانغانلىقى ۋە قېيىنئاكىلىرىنىڭ تەھدىتى سەۋەبىدىن ئۆيدىن تالاغا چىقالمايۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.
ئاسىيەنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاسىيە ۋە بالىلىرىغا خىتاي ئەلچىخانىسى ئىگە چىقمىغاندىن كېيىن، پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ۋەقەگە ئارىلاشقان. تەشكىلات باشلىقى ئۆمەرجان دەسلەپتە پىشاۋۇردىكى دوستلىرى ئارقىلىق مەزكۇر ئائىلە بىلەن يەنى ئاسىيەنىڭ قېيىنئاكىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ بىر ئائىلە ئىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ باشقىلارنىڭ ئارىلىشىشىنى رەت قىلغان. ئارقىدىن ئۆمەرجان راۋالپىندىدىكى ئۆزىنىڭ ئىنىسى ۋە 3 پاكىستانلىق دوستىنى ئېلىپ مەزكۇر ئائىلە بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئاسىيە كېرىم قامىلىپ تۇرۇۋاتقان مەھەللىگە بارغان. ئۇلار مەزكۇر ئائىلە بىلەن سۆزلىشىش پۇرسىتىگە يەنە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، پىشاۋۇر ساقچىلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەن، ئەمما ساقچىلار مەزكۇر ئائىلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاسىيەنى قۇتۇلدۇرۇشقا دەرھال ھەرىكەت قىلماسلىق، ساقچىخانىدا يېتەرلىك دەرىجىدە خادىملار توپلانغان كۈنى يەنى يېقىن بىرقانچە كۈن ئىچىدە مەزكۇر ئۆيگە بېسىپ كىرىپ ئاسىيە ۋە بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
نۆۋەتتە ئاسىيەنىڭ ئۆز ئۆيىگە قامىلىپ قېلىش ۋەزىيىتى يەنە داۋام قىلماقتا.
0:00 / 0:00