ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۆمەرجان نۇرى تۇتقۇن قىلىنغان
2018.12.14

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا تارىخ پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۆمەرجان نۇرى ئەپەندى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان.
تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۈبھىدۇر ئۆمەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇيۇقسىزلا دادىسى بىلەن بولغان ئۈندىدار ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكەنلىكىنى، كېيىن ئىزدىنىش جەريانىدا دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۆمەرجان نۇرى ئەپەندى 2000-يىلى بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ تارىخ پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ 2006-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇشىغا كىرگەن، دوكتورلۇق دەرسلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقان. يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان. 2015-يىلى بىر قېتىم تۈركىيەگە كېلىپ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى رەسمىيەتلىرىنى تاماملاپ يۇرتىغا قايتقان. ئۆمەرجان نۇرى ئەپەندىنىڭ قىزى سۈبھىدۇر ئۆمەر دادىسىنىڭ تارىخچى ئىكەنلىكىنى، ئۆيىدە نۇرغۇن كىتابلىرى بارلىقىنى، دادىسىنىڭ تارىخچى بولغانلىقى سەۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۆمەرجان نۇرىنىڭ قىزى سۈبھىدۇر كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ دادىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئاۋارە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقان ئادىلجان ئەرئۇيغۇر ئەپەندى ئۆمەرجان نۇرىنىڭ ئۆز كەسپىدە يېتىشكەن بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، تارىخچىلارنىڭ تەتقىقات ساھەسىنىڭ تولىمۇ كەڭرى بولىدىغانلىقىنى، ئۆيىدە نۇرغۇن كىتاب بولۇشنىڭ بىر تەتقىقاتچى ئۈچۈن نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىگىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشىنىڭ ئۇچىغا چىققان مۇستەبىتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە كېسىۋېتىلگەن كىشىلەرگە قارايدىغان بولساق بۇلارنىڭ كۆپى ئىجتىمائىي پەن بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇنداقتا، بۇنىڭدىكى سەۋەب نېمە؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ سىياسىي ئەنئەنىسىدە ئىجتىمائىي پەن بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنى خەۋپ دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنمۇ بۇ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۆمەرجان نۇرى 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي يېزىسىدا بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراساي، قويچى يېزىلىرىدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراقاش ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1986-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە ئەلا نەتىجە بىلەن خىتاينىڭ چاڭچۈن شەھىرىدىكى شەرقى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىدا ئىككى يىل تەييارلىق ئوقۇغاندىن كېيىن، شەرقى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۆت يىللىق تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 1992-يىلى خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپى (ھازىرقى خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى) گە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشقا چۈشكەن. 2000-يىللىرى بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىدا تارىخ پەنلىرىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.
ئۆمەرجان نۇرىنىڭ «نۇشرىۋان يائۇشېفنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىدا ئۇيغۇرلار»، «تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1732-يىلىدىكى شەرققە كۆچۈشى ھەققىدە بىر مەلۇمات»، «ئاتالمىش ياش قەشقەرلىكلەر پارتىيەسى ۋە ئەندىجان ۋەقەسى»، «قۇتلۇق شەۋقىگە قىلىنغان تۆھمەت»، «ئاتاتۈركنىڭ ئۇيغۇر دوستى»، «بۇرھان شەھىدىنىڭ تەرجىمىھالىدىكى بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە تەتقىقات»، «خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر يېگەنلىكى ھەققىدىكى ئۆز خاتىرىسى»، «تۈركلەردىكى نۇردىن تۆرىلىش ئەپسانىلىرى ھەققىدە» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى، «8-10-ئەسىر غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»، «ئاتتىلا ھەققىدە رىۋايەت»، «تۆت خەلىپە»، «سۇلتان ئالائىددىن ئەرەتنا» قاتارلىق ياپونچە، تۈركچە ۋە خىتايچىدىن تەرجىمە قىلىنغان كىتابلىرى ھەمدە «ئالتە شەھەر مەكتۇبلىرى» ناملىق باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ نەشرگە تەييارلىغان كىتابى بار.