19-ماي كۈنى 1989-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئىسلام ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى يېتەكچىلىكىدىكى خىتاينىڭ دىنىي كەمسىتىش سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 27 يىللىقى.
مەزكۇر نامايىش ھەققىدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىر دولقۇن ئەيسا 2001-يىلى قۇرۇلتاي نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئاسارەتتىكى شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ئەسىرىدە 19-ماي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى خىتايدا نەشر قىلىنغان «ئەنئەنە ۋە جىنسىيەت» ناملىق ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرىگە ھاقارەت كەلتۈرگەن خىتاي يازغۇچىنىڭ كىتابىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە دولقۇن ئەيسا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1989-يىلى 25-ئاۋغۇست بېسىپ تارقاتقان «ئەسلى قىياپەت، مەنبە، ساۋاق، ئىلھام» ناملىق كىتابتا 19-ماي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ زىيىنى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا: «بىر ئۇچۇم لۈكچەكلەر ئاممىنى قۇترىتىپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قاتارلىق ئورگانلارغا بېسىپ كىردى. 150 نەچچە كىشىنى ئۇردى. 2000 كۆزدىن ئارتۇق ئەينەكنى چىقىۋەتتى. 30 نەچچە ئاپتوموبىلنى پاچاقلاپ تاشلىدى. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر نەپەر قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىسىنى تۇتۇپ كەتتى» دېيىلگەن.
مەزكۇر كىتابنىڭ 89-بېتىدە:«دېمەك نامايىشچىلار لۈكچەكلىشىپ، نامايىش توپىلاڭغا ئايلىنىپ،ئۇنى قەتئىي بېسىقتۇرمىسا بولمايدىغان جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلدى. شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا 600 گە يېقىن توپىلاڭچى لۈكچەك قاتتىق زەربە بېرىش يولى بىلەن قولغا ئېلىندى» دېيىلگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ 92-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى، ھازىر نورۋېگىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدىكى ئۇستازلاردىن بىرى تۇرغۇنجان ئەمەت ئەينى يىللاردا مەكتەپتە بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا يېقىن كەلگۈسىدە 19-ماي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش توغرىسىدا مەخسۇس بىر قارارلارنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇستاز تۇرغۇنجان ئەمەت 19-ماي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدرىسىلەردە بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ كۈچىيىشى ۋە مىللىي ئېڭىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە زور تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر نامايىش ھەققىدە ھارماس ئىنقىلابچى نىزامىدىن ھۈسەيىن بۇ ھەقتە مەخسۇس يازما ماتېرىيال قالدۇرغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.