15-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ھەققىدە ئەسلىمىلەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.06.15
Dolqun-eysa-umid-agahi-namayish.jpg 1988-يىلىدىكى 15-ئىيۇن ئۈرۈمچى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى(سولدا) ۋە يېتەكچىلىرىدىن ئۈمىد ئاگاھى(ئوڭدا) غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشتا. 2016-5-فېۋرال، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

15-ئىيۇن «خەلقئارا ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى» بولۇش بىلەن بىرگە، 1988-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 2-قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ خاتىرە كۈنى.

بۇندىن 28 يىل ئىلگىرىكى بۇ كۈندە ئۈرۈمچىدىكى مىڭلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى كۈرەش قىلغان ئىدى.

بۈگۈن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سىياسىي ئاكتىپلىرى 15-ئىيۇن «خەلقئارا ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە، بۇندىن 28 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە بولۇپ ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئەسلىمىلىرىنى دىققىتىمىزگە سۇندى.

مەلۇمكى، 1985-يىلى 12-دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى پارتلاپ ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندە، يەنە شۇ ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسىتېتنى مەركەز قىلغان ھالدا 2-قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىنى لەرزىگە سالغان ئىدى.

1988-يىلىدىكى 15-ئىيۇن ئۈرۈمچى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ شاھىتلىرىدىن بىرى بولغان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ تارىخنى ئەسلىگەندە، شۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۈچلۈك مىللىي ئويغىنىشقا تۈرتكە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

15-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى»نى قوزغاپ نامايىش سېپىگە قوشۇلغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بولۇپ، ھازىر د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان بۇ كىشىمۇ ئەينى يىللىرىدىكى بۇ ھەرىكەتنى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالدى.

15-ئىيۇن ھەرىكىتى ئەسلىدە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»دىكى ئوقۇغۇچىلار پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن پىلانلانغان ۋە قوزغىتىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى ۋە بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان، ھازىر د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ ھەرىكەتكە يۇقىرى باھا بەردى.

15-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ پارتلىشىغا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» فېزىكا فاكۇلتېتى ھاجەتخانىسىغا يېزىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىرىنى قۇل، ئاياللىرىنى پاھىشە قىلىمىز» دېگەن ھاقارەتلىك شوئار ئوت پىلتىسى بولغان ئىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەينى چاغدا ئاشۇ شوئارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا نامايىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىش جەريانىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي زۇلۇم سىياسىتىگە قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بولسا، ئەينى زاماندا بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىغا تارالغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، 1988-يىلى يۈز بەرگەن 15-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى سۆزىدە، ئەينى چاغلاردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى، مىللىي كىملىكىنى قوغداشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدەك مىللىي ئاڭ ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشتەك جاسارىتىگە ئاپىرىن ئېيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدى.

2015-يىلى ۋاشىنگتوندا 12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. 1988-يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ بۇ شاھىت ۋە رەھبەرلىرى، يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن گېرمانىيەدە 15-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.