مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ قانۇنسىز ئورگان سودىسىغا زەربە بېرىشىگە ئۈمىدسىز قارىماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2014.08.18
ichki-organ-namayish-1.JPG خىتايدىكى ئىنسان ئىچكى ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈپ سېتىشقا قارشى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 5-ئىيۇل، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem


خىتاي دائىرىلىرى 2012 - يىلى مارتتا دۇنياغا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئىشلىتىشنى كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە بىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. شۇنداقلا بۇ بوشلۇقنى ئورگان ئىئانە قىلىش ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى ئارقىلىق تولدۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ھالبۇكى، خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، خىتايدا خەلقنىڭ ئۆز ئورگان ياكى جەسىتىنى ئىئانە قىلىشتەك ئىنسانپەرۋەرلىك ئېڭى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولغانلىقتىن ئورگان ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ يولى يەنىلا قانۇنسىز ئورگان سودىسى بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاي - 17 ئاۋغۇست ئاچقان «ئادەم ئورگىنى ئىئانە قىلىش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش يىغىنى»دىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي قانۇن ۋە سەھىيە تارماقلىرى بىرلىكتە - 1سېنتەبىردىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە خىتايدىكى ئادەم ئورگىنى يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى قىلىۋاتقان دوختۇرخانا ۋە خادىملار ئۈستىدىن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، تازىلاش ئېلىپ بارىدىكەن. چەتئەلدىكى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ قانۇنسىز ئورگان سودىسىغا زەربە بېرىش ۋە ئورگان ياكى جەسەت ئىئانە قىلىش ساھەسىدە ئىلگىرىلىشىگە ئۇمىدسىز قارىماقتا.

«ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرى ۋە جەسىتىدىن پايدىلىنىش بەلگىلىمىسى» خىتايدا 1984 - يىلى بەلگىلىنىپ يولغا قويۇلغان ئىدى.

خىتايدا «ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرى ۋە جەسىتىدىن پايدىلىنىش بەلگىلىمىسى» يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان خىتاي مېدىتسىنا ساھەسىدە ئورگان ئىشلىتىشتە قانۇنلۇق كەڭ مەنبەگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جەرياندا خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تىل بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئېلىپ پۇلدار بىمارلارغا كۆچۈرۈش قانۇنسىز ئورگان سودىسى قىلىشتەك قىلمىشلار دۇنيانىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.

خىتاي خەلقئارانىڭ بېسىمى ئاستىدا2007 - يىلىدىن باشلاپ ئادەم ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەپ، ئىئانە تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

2012 - يىل 22 - مارت كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە «جۇڭگو 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بىنورمال ئۇسۇلنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىدۇ» دەپ جاكارلىغان ئىدى. لېكىن ھازىرغا قەدەر خىتاي يەنىلا ئىچكى ئەزا يەنى ئادەم ئورگانلىرى سودىسىدا ئەڭ روناق تاپقان دۆلەت بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاي بۇ ساھەدە ئورگان ئىئانە قىلىشقا تايىنىپ ئېھتىياج ۋە بوشلۇقنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، خىتاي قىزىل كىرست ۋە سەھىيە ئورۇنلىرى يىللاردىن بۇيان ئورگان ئىئانە قىلىشنىڭ تەس بولۇشىنىڭ رىئال قىسىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماقتا. خىتايدا ھەر يىلى، بۆرەك، جىگەر، يۈرەك، كۆز مۈڭگۈز پەردىسى قاتارلىق ئادەم ئورگانلىرىنى جىددىي كۆچۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بىمارلار 1 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئورگان ئالماشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالايدىغانلار پەقەت 10مىڭ ئەتراپىدا. سېلىشتۇرغاندا ئامېرىكىغا ئوخشاش تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرىدە كىشىلەرنىڭ جەسەت ۋە ئورگانلىرىنى تەقدىم قىلىشى بىلەن ھەر 3 بىمارنىڭ بىرى ئورگان كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرالايدۇ.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى بۇلتۇر ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، 2012 - خىتاي، بېيجىڭ، خېبېي،ئەنخۇي، شەندۇڭ، شەنشى قاتارلىق 18 ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ مەخسۇس ئورگان سودىسىغا قارىتا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئادەم ئورگىنى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 28 گۇرۇھ پاش بولغان، چېتىشلىق 137 نەپەرئادەم ئورگان يۆتكەپ ساتقان جىنايەتچىنىڭ 18 نەپىرى دوختۇرلار بولۇپ چىققان.

يېڭى بېيجىڭ گېزىتىنىڭ بۇ يىل 10 - ئاۋغۇست خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرىنىڭ چىڭ شەنخۇ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشتە، مەخسۇس ئادەم بۆرىكى سودىسى قىلىدىغان 40 ئەزاسى بار بىر گۇرۇھ پاش بولغان بولۇپ، ئۇلار يېقىنقى قىسقىغىنا بەش ئاي ئىچىدە، توردا سودىلىشىش، ھاۋا يولى بىلەن يۆتكەش قاتارلىق يوللار بىلەن 23 ئادەم بۆرىكىنى يۆتكەپ ساتقان ۋە بۇنىڭدىن بىر مىليون 548مىڭ سوم كىرىم قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلى سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى ھەممىدىن كۆپ ئىجرا قىلىنىدىغان بىر جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن خىتايدىكى ئادەم ئورگىنى ئەتكەسچىلىكى ئەڭ ئېغىر جاي بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.

يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچى، ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى ئېتىن گۇتماننىڭ يېڭى كىتابى «قىرغىنچىلىق» ناملىق كىتابىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى ئاپاراتلىرى تەرىپىدىن سېستىمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئورگان تىجارىتى ھەققىدە ئېنىق پاكىتلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئۆكتىچى مەھبۇسلاردىن قۇتۇلۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىشتىكى مۇتلەق مەخپىي پروگراممىسى ئىكەنلىكى بايان قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش قىلمىشىنىڭ پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى بارلىق چوڭ دوختۇرخانىلاردا بۇنداق ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىلغان دېيىشنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر ۋاقىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشى سىناقلارنى ئېلىپ بارىدىغان تەجرىبە مەركىزى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەشنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلاردا سىناق قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاينىڭ ئادەم ئورگانلىرى سودىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش ئەھۋاللىرى ھەققىدە مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق مېدىتسىنا پەنلىرى تەتقىقاتچىسى ئەنىۋەر توختى ئەپەندى، خىتاينىڭ مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئىشلىتىشنى قانۇنلۇق قىلغاندىن باشقا، قانۇن سىرتىدىمۇ سودىغا ئايلاندۇرۇپ سېتىپ كېلىۋاتقان بىردىن - بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر شۇنداقلا فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ خىتاي ئورگان سودىسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ئادەم ئورگانلىرىنى ئىئانە قىلىش ۋە كۆچۈرۈش كومىتېتىنىڭ - 17 ئاۋغۇست ئاچقان«ئادەم ئورگىنى ئىئانە قىلىش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش يىغىنى» دىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي قانۇن ۋە سەھىيە تارماقلىرى بىرلىكتە قانۇنسىز ئورگان سودىسى قىلىش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىشنى باشقۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئۈچۈن بىر يىل ئىچىدە خىتايدىكى ئادەم ئورگىنى يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى قىلىۋاتقان دوختۇرخانا ۋە خادىملار ئۈستىدىن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

ئەمما ئەنۋەر توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئادەم ئورگىنى تەقدىم قىلىش تەستە ئىلگىرىلەۋاتقان مېھىر - شەپقەتسىز خىتايدا، دېموكراتىيە ۋە داۋالاش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلماي تۇرۇپ ئورگان سودىسىنى تامامەن تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس، بۇ ساھەدىكى ئېھتىياج ۋە چوڭ بوشلۇقنى ئىئانە قىلىشقا تايىنىپ تولدۇرۇش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.