ئىنكاس: «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىلا ئەمەس، ھەتتا مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمۇ جىنايەت سانالماقتا»

0:00 / 0:00

ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىققان قىزىنى يوقلاپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئانا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياغلىق ئاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى نىشان قىلىپ يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىبلەش تەدبىرلىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ خانىم ئىلگىرى مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى بولۇپ، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ياغلىق چەككەنلىكى ئۈچۈنلا خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا دائىرىلەرنىڭ قاتمۇ-قات بېسىمىغا ئۇچرىغان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ھىجاپلىنىپ دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن ئۇيغۇر ئاياللار «دىنىي رادىكاللىقنىڭ، قالاقلىقنىڭ بەلگىسى» دەپ كەمسىتىلىپ، تەقىبلەشلەرگە ئۇچراپلا قالماي، نۆۋەتتە ھەتتا مىللىي ئۆرپ-ئادەت بويىچە كىيىنگەن، ياغلىق ئاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ نورمال ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىشى، ئىنساندەك ياشىشىنىڭمۇ ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، دىنىي ۋە ئىنسانىي ھەقلىرىنى، غۇرۇرىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكىدا ھىجرەتلىك ھاياتىنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان بۇ دوختۇر بىلەن مۇخبىرىمىز ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.