ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆي ئاختۇرۇش خادىملىرىغا قورال تارقىتىپ بېرىلگەن

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ۋە باشقا ھەق ھوقۇقلىرىنى باستۇرۇشقا ياللانغان ئۇيغۇر چاپارمەنلىرىگە قورال تارقىتىپ بېرىلدى.

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ھەر بىر يېزا كەنتلەرگىچە قۇرۇلغان ئاتالمىش بىرلىك سەپ ئىشخانىسىنىڭ چاپارمەنلىرىگە تاپانچا ۋە 9 پاي ئوق تارقىتىپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم.

بىرلىك سەپ ئىشخانىسىغا قوبۇل قىلىنغان ئاتالمىش تەشۋىقاتچىلار ۋە يېزا كەنتلەرنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان ئاتالمىش خەلق ئەسكەرلىرى ئاساسى جەھەتتىن ئۇيغۇر مىللىتىدىن تەشكىل تاپقان.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئىككى خىتاي قوراللاندۇرۇلغان ئىكەن، ئەمما مارالبېشى ۋەقەسىدىن كېيىن قالغان ئۇيغۇر چاپارمەنلەرگىمۇ قورال تارقىتىپ بېرىلگەن. نەتىجىدە ئۆيلەرگە قالايمىقان بېسىپ كىرىپ ئاختۇرۇش، دېھقانلارنى ھەرخىل تۆلەملەرنى تۆلەشكە مەجبۇرلاش بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى. بىز بۇ توغرىدا ئاقسۇنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر دېھقان بىلەن، ئاقسۇ شەھەرلىك بەش تۈگمەن يېزىسى بىرلىك سەپ ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئەزىز دىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق.