ئىگىلىشىمىزچە، گۇما ناھىيە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئۆي ۋە مال-مۈلكى قۇرۇلۇش شىركىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي چېقىلىپ، تراكتور بىلەن باستۇرۇۋېتىلگەن.
ۋەقە گۇما ناھىيە بازىرىنىڭ گۈلقازما مەھەللىسىدە، يەنى ناھىيەلىك قاتناش بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي 3 ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئۆي-جايلىرى چېقىلىپ تۈزلىۋېتىلگەن.
بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆي ئىگىسى قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ بۇ زوراۋانلىقى ۋە ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر ھەققىدە توختالدى:
«ئۆي-جايىم گۇما ناھىيە بازىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىسى بولغان گۈلقازما مەھەللىسىدە ئىدى. بۇ ناھىيەلىك قاتناش بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كوچا بولۇپ، قايناق بازار بولىدىغان جاي ئىدى. ئالدىنقى يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ مېنىڭ ۋە باشقا بىرقانچە قوشنىلىرىمىزنىڭ ئۆي-جايلىرىغا كۆزى چۈشۈشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ قويغان باھاسى بەك تۆۋەن بولغاچقا بىز ئۆي-جايىمىزنىڭ چېقىلىشىغا قوشۇلمىدۇق.»
ياشىنىپ قالغان بۇ كىشى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«مېنىڭ ئۆي-جايىمنىڭ تېگى جەمئىي 280 كۋادراتمېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ 200 كۋادرات مېتىرىدا دۇكان، زاۋۇت ۋە باشقا ئەسلىھەلەر ئورۇنلاشقان، قالغان 80 كۋادرات مېتىرى ئولتۇراق ئۆي ئىدى. قورۇدا بىز بىلەن باشقا يەنە 2 ئائىلە، جەمئىي 12 جان بىللە ياشايتتۇق. بىز قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ يولسىز تەلىپىگە قوشۇلمىغاچقا، ئۇلار ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە قورۇيىمىزنىڭ كوچا تەرىپىدىكى تېمىنى يولغا توغرا كەلدى دەپ مەجبۇرىي چېقىۋەتتى. بىز ئۇلار بىلەن ئاخىرىغىچە تىركەشتۇق، ئاخىرىدا ئۇلار بىزگە زورلۇق ئىشلەتتى. مەن ئىككى قېتىم تاياق يېدىم. يېقىندا ئۇلار توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى، يەر غاجىلايدىغان تراكتورلار بىلەن كېچىدە كېلىپ ئۆي-جايلىرىمىزنى تۈرتۈپ ئۆرۈگىلى تۇردى. مەن ساقچىغا مەلۇم قىلدىم. ھېلىمۇ ساقچىلار كېلىپ ئۇلارنى توسۇپ بىرئاز توختاتتى. شۇ ئارىدا ئۆيدىكى 12 جان ئاران جانلىرىنى ئېلىپ سىرتقا چىقىۋالدى. ساقچىلار كەتكەندىن كېيىن، قۇرۇلۇش شىركىتى داۋاملىق تۈرتۈپ، پۈتۈن مال-مۈلكىمىز بىلەن ئۆيلىرىمىزنى باستۇرۇۋەتتى.»
ئۇ توپا ئاستىدا قالغان مال-مۈلكى ۋە تارتقان ئىقتىسادىي زىيىنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«بىز ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە ئەرزىيەت ئىشخانىلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار مال-مۈلكىمىزنى باھالىدى. قورۇدا بىزنىڭ پاختا ئايرىش زاۋۇتىمىز، ئىشىك-دېرىزە ياسايدىغان زاۋۇتىمىز ۋە يىللارچە يىغقان مال-مۈلكىمىز بار ئىدى. مال باھا ئىدارىسى ھەممە نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى بىر مىليون 400 مىڭ سومدىن كۆپرەك باھالىدى. ئەپسۇسكى، ھازىرغا قەدەر قۇرۇلۇش شىركىتى بۇ زىياننى بىزگە تۆلەپ بەرمىدى.»
«بىزنىڭ ئەرز قىلىپ بارمىغان يېرىمىز قالمىدى. ھېچبىر ئورۇن بىزنىڭ دەۋايىمىزغا ئىگە چىقمىدى. ھەممىسى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك ئوخشاش گەپنى قىلىدۇ. ھەتتا ناھىيەنىڭ ھاكىمىمۇ بىزگە بېسىم ئىشلىتىپ مۇرەسسەگە كېلىڭلار، بولمىسا باشقا ئامال يوق دەپ گەپنى ئۈزدى. مۇرەسسە يىغىنىغا بارساق، يەنە شۇ بۇرۇنقى كونا گەپنى تەكرارلىدى. ئۇلار بىزنىڭ قورۇ-جايلىرىمىزنى كونا ئۆي ھېسابلاپ تۆۋەن باھادا ئېلىۋالىدىكەن. ئەگەر بىز قۇرۇلۇش شىركىتى بىزنىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئورنىغا سالىدىغان بىنادىن ئۆي ئالىمىز دېسەك، ئۇلار بەرگەن پۇلغا بىر يۈرۈشمۇ ئۆي كەلمەيدىكەن. يېڭى ئۆي ۋە دۇكان ئېلىش ئۈچۈن يۇقىرى باھادا پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىشىمىز كېرەككەن. شۇنداق قىلىپ، ئۆي-ماكانسىز ھەم دەسمايىسىز ھالەتتە بىچارە بولۇپ قالدۇق.»
ئۇ ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«گۇما تەۋەسىدە ئەرزىمىزگە قۇلاق سالىدىغان ھېچكىم چىقمىغاچقا، ئاپتونوم رايونغا ئەرز سۇنماقچى بولۇۋاتىمىز، لېكىن بۇنىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ خوجايىنى ناھىيەدىكى ھەممە باشلىقنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان، ئىنتايىن مۇتتەھەم بەرسىكەن. ئۇنىڭ شايكىلىرى بىزنى كۆرسىلا ئۇرۇپ، سۈر-توقاي قىلىدۇ. مېنىمۇ ئىككى قېتىم ئۇردى. ئۇ بىزگە تەھدىت سېلىپ، ‹بەك بارالىساڭلار ئاپتونوم رايونغا بارارسىلەر، لېكىن ھېچكىم گېپىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ تامغىسى مېنىڭ يانچۇقۇمدا، گۇمانىڭ ھاكىمىمۇ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايدۇ!› دەپ قورقۇتماقتا. دېھقاننىڭ گېپى ھېچيەردە ئاقمايدىكەن!...»