ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئىجارە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئەتى دەخلىگە ئۇچرىماقتا ئىكەن
2018.01.08
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان تەقىبلەش سىياسىتى ۋە سەۋەبسىز تۇتقۇنلاردىن قېچىپ چەتئەللەرگە بولۇپمۇ تۈركىيە، ئەرەبىستان قاتارلىق خىتايغا نىسبەتەن سەزگۈر سانىلىدىغان دۆلەتلەرگە چىققان ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسمىنىڭ، قايتىپ كەتسە سولىنىش ياكى بىھۇدە ئاۋارىچىلىككە ئۇچراشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ۋەتىنىگە قايتالماي، تۇرۇپ قىلىۋاتقانلىرىمۇ بارلىقى مەلۇم. شۇنداق ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا ئۇيغۇر سودا-كارخانىچىلار، ئازراق پۇلدارلار، ھەتتا ئىجارىگە بېرىلىۋاتقان ئۆي-زېمىنلىرى بارلارمۇ مۇھىم نىشانغا ئايلانغان.
بۇلتۇر تۈركىيە ئارقىلىق ئەرەبىستانغا كەلگەن بىر ئۇيغۇر ھاجىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئىجارىگە بېرىۋاتقان ئۆي-زېمىنلىرىنى قىزىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق يازدىن باشلاپ دائىرىلەر قىزى ئارقىلىق ئۆزىنى تولا سۈرۈشتە قىلىپ، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يېتىپ كېلىپ رەسمىيەتلىرىنى يېڭىلىشى كېرەكلىكى، بولمىسا ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
بۇ ھاجىم بىھۇدە ئاۋارىچىلىككە ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ قايتىپ بارمىغان، نەتىجىدە دائىرىلەر 10 ئۆيلۈك ئىجارە ئۆيلەرگە بېرىلىۋاتقان پارنى ئۈزگەن. ۋە قىزىنى ئىجارە ئۆيلەرنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قىستىغان. قىزى ئامالسىزلىقتىن ئىجارىكەشلەرنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ ئۆي-زېمىننىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن.
رادىئومىزغا يېقىندىن بۇيان كېلىۋاتقان ئىنكاسلاردىن، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئەمما ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئۆي-زېمىنلارغا ۋە ئىجارە ئۆيلەرگە ئىگە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشاش تەھدىت ۋە ۋەزىيەتكە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر ئېلىدە قالغان قېرىنداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن نام-شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال، ئۈرۈمچى-تۈركىيە ئارىسىدا سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاكىسى بۇلتۇرنىڭ ئوتتۇرىسى ئۈرۈمچىدە ئۆگىنىشكە ئېلىپ كېتىلىپ قايتىپ كەلمىگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭمۇ يۇرتىغا قايتمىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئائىلىسىنىڭ سوئال-سوراققا ئۇچرىغاندىن باشقا، ئۆزىنىڭ نامىغا ئېلىنغان ئۈرۈمچىدىكى ئىجارە ئۆيلەرنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈنلەي مۇسادىرە قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئىجارە ئۆيلەرگە ئىگە ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى باشقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنى تازىلاشتا بىر قېتىم ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. ئۈرۈمچى دائىرىلىرى ئۆي ئىجارىگە بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك خىلاپلىق قىلىشنى باشقۇرۇش ۋە جازالاش تەدبىرلىرىنى شۇندىن باشلاپ ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن. ئىجارە ئۆيلەرنى باشقۇرۇش ۋە جازالاش تەدبىرلىرى ئىنتايىن قاتتىق بولغاندىن سىرت، ئۈرۈمچى نوپۇسىدا بولمىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ قايتا يۇرتلىرىغا قوغلاش شامىلى، نۇرغۇن ئىجارە ئۆيلەرنىڭ قۇرۇق قېلىشىغا سەۋەب بولغان. بۇنىڭ بىلەن بىر يىلدىن بۇيان ئىجارە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ زىيانغا ئۇچرىشى داۋام قىلماقتا ئىكەن. دائىرىلەرنىڭ ئەمدىلىكتە، قايتىدىن ئىجارە ئۆيلەرنى رەتكە سېلىش ھەرىكىتىدە بولسا ئۆي ئىگىلىرىنىڭ چەتئەلدە ئىكەنلىكى ياكى چەت ئەل بىلەن باغلىنىشى بارلىقى بايقالغان ھامان، ئۆي ئىگىلىرى ياكى ۋاكالەتچىلەرنى ئۆيلەرنى ئەرزان باھادا سېتىشقا ياكى بىكارلاشقا قىستىماقتا ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى دەلىللەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب ئالالمىدۇق.
ئۈرۈمچى ئولتۇراق ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە ئۆزى ئولتۇرۇشقا تاۋار ئۆي سېتىۋېلىشتا ۋە ئىجارىگە ئېلىش-بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك قاتتىق بولغان بىر يۈرۈش بەلگىلىمىلەر ۋە چەكلىمىلەر بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق ئۆيگە ئىگە بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. بەلگىلىمىگە: «ئەگەر ئۆي سېتىۋېلىش، ئىجارىگە ئېلىش جەريانىدا ئەمەلىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش، يالغاندىن يوللاش، ساختا ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇنى سادىر قىلغۇچى ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە بەش يىل ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن ئۆي سېتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر ئادەمدىن مەسىلە چىقسا، شۇ ئائىلىدىكى ھەممە ئەزالار بەش يىل ئىچىدە ئۆي سېتىۋالالمايدۇ» دېگەندەك نۇقتىلار كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.
تۈركىيە ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەت ۋە كىرىم مەنبەلىرىگە قويغان قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە توسالغۇلار سەۋەبلىك، سودا تىجارەتلىرى ئىقتىسادىي مەنپەئەتى قاتتىق دەخلىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىدا قالغان ئۆي-زېمىنلىرىنىڭ ئىجارىسىدىن كىرگەن تاپاۋىتىنى ئېلىشقىمۇ مۇۋەپپەق بولالمايۋاتقان ئىكەن. ئەمدى ئۇلارنىڭ ھەتتا مال-مۈلۈك، قانۇنلۇق يەر مۈلكىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھامىت ئەپەندى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ خىل يولسىزلىقى، قانۇنسىزلىقلىرى سەۋەبلىك، پەقەت ئىجارىگە بەرگەن ئۆيلىرىدىن كىرگەن كىرىمگىلا قاراشلىق بولغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئېغىر كۈندە قېلىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتىكىدەك ۋەزىيەتتە جان قايغۇسىدا قالغان ئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇر ئېلىدە قالغان جايلىرىدىن، ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىدىن كېچىشتىن باشقا يول قالمىغانلىقىنى ئېيتتى.